خىتاي بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرى تىركەشكەندە نېمە ئۈچۈن ئوق چىقىرالمايدۇ

0:00 / 0:00

19‏-ئاۋغۇست شەنبە كۈنى جاممۇ كەشمىر رايونىنىڭ لاداختىكى پەنگۈن كۆلى بويىدا، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرى بىر-بىرى بىلەن مۇشتلىشىپ كەتكەن سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى دۇنيادىكى چوڭ مەتبۇئاتلاردا كەڭ تارقىتىلدى. سىنئالغۇ كۆرۈنۈشتە ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرى بىر-بىرىگە تاش ئېتىشىپ، تېپىشىپ، ئىتتىرىشىپ، مۇشتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا چېگرا تالىشىش جېدىلى يەنە بىر باسقۇچ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. بۇ ۋەقە ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقان 15‏-ئاۋغۇست كۈنىگە توغرا كەلگەن.

ب ب س ئاخباراتى ئوردۇچە بۆلۈمىنىڭ 23-ئاۋغۇست كۈنىدىكى «نېمە ئۈچۈن ھىندىستان ۋە خىتاي چېگراسىدا ئوق ئېتىلمايدۇ؟» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش داۋام قىلىۋاتقىنىغا ئىككى ئايدىن ئاشتى. ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرى بىر-بىرى بىلەن قارىمۇ-قارشى ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ۋەزىيەت جىددىي، بىراق بۇ جەرياندا چېگرادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر مەتبۇئاتلاردا بېرىلمەيۋاتىدۇ.»

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى سېيبىل داس گىپتانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك ئېغىر دەرىجىدە ئىختىلاپ كېلىپ چىققان تەقدىردىمۇ ئوق ئېتىشىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈشكەن بولۇپ، بۇ كېلىشىمنى ئەينى دەۋردىكى ھىندىستان باش مىنىستىرى ۋاجىپائى خىتايغا زىيارەتكە بېرىپ ئىمزا قىلغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەر قانداق ئىختىلاپ ۋە سۈركىلىش بولغان ئەھۋال ئاستىدا قورال ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغان. بۇ كېلىشىمنى ھىندىستاننىڭ ھازىرقى باش مىنىستىرى مەنمۇھنخان سېنگمۇ ئېتىراپ قىلغان. سيبىل داس گىپتانىڭ ب ب س ئوردۇچە بۆلۈمىگە بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، كېلىشىم بويىچە ھەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا، چېگرا رايوندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ يېنىدا قورال بولمايدىغانلىقى ئىمزا قىلىنغان. بىراق، ھەر ئىككى تەرەپتىكى گېنېراللارنىڭ يېنىدا مىلتىق بولىدىغانلىقى، مىلتىقنىڭ ئۇچى ھەر زامان يەرگە قارىتىلىشى شەرت قىلىنغان.

سيبىل داس گىپتا ھىندىستان-خىتاي ئەسكەرلىرى مۇشتلىشىۋاتقان سىنئالغۇ توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇ سىنئالغۇنى دىققەت بىلەن قارايدىغان بولساق، ئۇلار خۇددى كىچىك بالىلارنىڭ جېدىلىگە ئوخشايدۇ، ھېچكىم قارشى تەرەپكە مۇشت ئاتمايدۇ، ئەمما مۇشت ئۇرغاندەك ھەرىكەت قىلىپ، بىر-بىرىگە ھەيۋە قىلىشىدۇ، ئىتتىرىۋېتىدۇ، كېيىن ئۆزى يۆلەپ قويىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار قول سېلىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ. بىر-بىرىگە قول سالىدىغان بولسا، ئاچچىقىنى بېسىش مۇمكىن ئەمەس.»

سەبىر چېكىگە يېتىشى مۇمكىن

ئۆتكەن كۈنلەردە لاداختا ھىندىستان ۋە خىتاي ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە تاش ئېتىۋاتقان سىن كۆرۈنۈشى تارقىتىلدى. ئەمدى بۇ ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرىنىڭ سەبرى تاشتىمۇ؟ سېيبىل داس گىپتا ئەپەندى ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق بولغان بولسا تىنچلىق ئاخىرلىشىدۇ. بىز ئەمدى خەتەرلىك بىر ۋەزىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىمىز، تارىخقا قارايدىغان بولساق، ھەر قېتىم ئۇرۇش چىقسا ئۇنى پادىشاھلار ئېلىپ بارمىدى بەلكى نۇرغۇن جەڭلەر خاتالىق سەۋەبىدىن يۈز بەردى. خىتاي ۋە ھىندىستان چېگراسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى 21، 22 ياشلىق ياشلاردۇر، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ھەر كۈنى رادىئودىن خەۋەر ئاڭلايدۇ، تېلېۋىزىيە كۆرىدۇ، مەتبۇئاتلاردا تارقىلىۋاتقان خەۋەرلەر ئۇلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھۆكۈمەت قانچىلىك سەبىر قىلىشنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، سەبىر چېكىدىن ئاشقاندا ھەر ئىش يۈز بېرىدۇ، خاتالىقمۇ سادىر بولىدۇ.»

بۇ ھەقتە خىتاي دائىرىلىرى نېمە دەيدۇ؟

خەلق تورىنىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 21-ئاۋغۇست ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، 15-ئاۋغۇست ھىندىستان تەرەپ خىتاي-ھىندىستان چېگراسىنىڭ غەربىي بۆلىكىدە كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، خىتاي تەرەپ خادىمىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە خىتاي تەرەپنىڭ كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ھىندىستان ۋە خىتاي جەڭدە يادرو قورال ئىشلىتەلەمدۇ؟

ب ب س ئوردۇچە بۆلۈمىنىڭ 22-ئاۋغۇست تارقاتقان ھىندىستان ۋە خىتاي جەڭدە يادرو قورال ئىشلىتەلەمدۇ؟ دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ جەمئىي نوپۇسى ئىككى يېرىم مىلياردتىن ئارتۇق. ئەگەر بۇنىڭغا پاكىستاننىڭ 200 مىليون نوپۇسىنى قوشىدىغان بولسا، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ 40% پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھىندىستان، خىتاي ۋە پاكىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتە ئاتوم-يادرو قوراللار مەۋجۇت، ئەگەر بۇ ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قايسى تۈردە بولسۇن، بىر ئۇرۇش چىقىپ قالسا دۇنيا نوپۇسىنىڭ 40% پىرسەنتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىپ قالسا پاكىستان بۇ ئۇرۇشنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پاكىستاننىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم.

ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يادرو قوراللارنى ئىشلىتىش توغرىسىدا «دەسلەپتە ئۆزى باشلىماسلىق» توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇرۇشتا قايسى بىر دۆلەت يادرو قورال ئىشلىتىشنى دەسلەپ باشلىسا قارشى تەرەپمۇ ئىشلىتىدۇ.

ئۆتكەن يىلى ھىندىستان مۇداپىئە مىنىستىرى مۇنەۋۋەر پاريكىر بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، يادرو قوراللارنى ئىشلىتىشتە دەسلەپتە باشلىماسلىق توغرىسىدىكى سىياسىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ، دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە: «ھىندىستان ئاتوم بومبىغا ئىگە كۈچلۈك دۆلەت، بىراق ئۇ، ئاتوم بومبىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئىشلەتمەيدۇ» دېدى.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مەتبۇئاتلىرى، ھىندىستانغا قارشى ئۇرۇش قىلىش بىلەن تەھدىت قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئۆتكەن يىلى بوتان بىلەن تالاشتا قالغان چېگراغا خىتاي ئەسكەرلىرى كەلگەندىن كېيىن، ھىندىستان ئەسكەرلىرى بىلەن چېگرا تالىشىش مەسىلىسى ئەۋجگە چىقماقتا.

ھىندىستان-خىتاي ئوتتۇرىسىدا چېگرا تالىشىش ۋەزىيىتى قايسى باسقۇچتا كېتىۋاتىدۇ؟ بۇ ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرى ئۆز-ئارا ئىتتىرىشىپ، تاش ئېتىشىپ جېدەل قىلىۋاتقان بولسىمۇ نېمە ئۈچۈن ئوق ئېتىشىشتىن ھەر ئىككى تەرەپ ئېھتىيات قىلىدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.