«خىتاي - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى» ناملىق كىتاب تۈركىيەدە نەشردىن چىقتى

0:00 / 0:00


كېيىنكى يىللاردا ھەر كەسىپتە تۈركىيەدە تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەر ساھەدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسى يېزىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ كۆپەيمەكتە. بۇلاردىن بىرى ئەنقەرە ئۈنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكۇلتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىمجان ئابلەت ئەپەندى. ئۇنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسى «خىتاي - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى» 4 - ئاينىڭ بېشىدا ئىستانبۇلدىكى ئىيىدۈشۈن نەشرىياتى تەرىپىدىن كىتاب قىلىپ نەشر قىلىندى.

ئەنقەرە ئۈنىۋېرسىتېتى سىياسەت فاكۈلتېتى ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى ئالىمجان ئابلەت يازغان مەزكۇر كىتاب، 208 بەت، 5 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا خىتاي بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە سەۋەبلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمىدا خىتاي بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ 1992 - يىلىدىن بۇرۇنقى تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە كېچىكىپ كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا بولسا خىتاي بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ رايون خاراكتېرلىك مۇناسىۋىتى ئەرەب - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ۋە تىنچلىق سىياسىتى، ئېنېرگىيە سىياسىتى ۋە تېررورغا قارشى كۈرىشى بايان قىلىنغان. ئۈچىنچى قىسىمدا خىتاي بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ئاڭلىتىلغان.

ئالىمجان ئابلەت يازغان «خىتاي - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى» ناملىق كىتابنىڭ تۆتىنچى قىسمىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ جەھەتتىكى ھەمكارلىق، بەشىنچى قىسىمدا بولسا خىتاي بىلەن ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ ھەربىي كۈچى سېلىشتۇرۇلغاندىن سىرت، ئىككى دۆلەتنىڭ قورال ئىشلەپچىقىرىشتىكى ھەمكارلىقى ۋە رىقابىتى بايان قىلىنغان.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، كىتابدا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقلىرىدىن سىرت، باشقا ساھەلەردىمۇ ھەمكارلىشىش سىياسىتىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى، ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەت مۇناسىۋىتىدە ئىچكى ئامىللاردىن كۆپرەك، تاشقى ئامىللارنىڭ ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تۈركىيەدە خىتاي - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدە يېزىلغان ماقالە ۋە كىتابلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپى ئەنگىلىزچە مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان ئىكەن. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئالىمجان ئابلەت يازغان ئىلمىي ماقالە خىتايچە مەنبەلەردىنمۇ پايدىلىنىپ يېزىلغان تۇنجى ئەسەر ھېسابلىنىدىكەن. ئالىمجان ئابلەتنىڭ ماگىستىرلىق ئىلمىي ماقالە دېسىرتاتسىيەگىمۇ قاتناشقان ھاجەتتەپە ئۈنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مەزكۇر ئەسەرگە باھا بېرىپ، خىتاي 1950 - يىللاردا ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، 1992 - يىلىغا كىرگەندە ئاران مۇناسىۋەت ئورنىتالىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا نۇرغۇن قېيىنچىلىقلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە ئىسرائېلىيەلىك ئاكادېمىكلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيەنىڭ تاشقى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى جەمالەتتىن داملاجى ئەپەندى ئالىمجان ئابلەت يازغان «خىتاي - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى» ناملىق كىتابنى ئوقۇغانلىقىنى، بۇ كىتاب تۈرك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۈكسىلىۋاتقان خىتاي دۆلىتى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم دۆلەتلەردىن بىرى بولغان ئىسرائېلىيەنى توغرا چۈشىنىۋېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «سىزگىمۇ مەلۇم، خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچنىڭ بىرى، ئىسرائىلىيە بولسا رايوندا زور تەسىرى بار بىر دۆلەت، تۈركىيەنىڭمۇ رايوندىكى كۈچى مەلۇم. تۈركىيە كافكازىيەدە، بالقانلاردا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە تەسىرى بار بىر دۆلەت. خىتاي بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ تۈركىيە بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بار. شۇڭا خىتاي - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنى تۈركىيە دۆلىتى ياخشى بىلىشى كېرەك. ئالىمجان ئابلەت يازغان بۇ كىتاب تۈركىيەنىڭ تۈرك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىتاي - ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىلىۋېلىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن. مەن بۇ كىتابنى ئوقۇدۇم، خىتاي - ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى يورۇتۇپ بېرىپتۇ.»

ئالىمجان ئابلەت 1985 - يىلى 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. 2007 - يىلىدىن 2011 - يىلىغىچە خىتاي دىپلوماتىيە ئۈنىۋېرىسىتېتىدا ئوقۇغاندىن، 2011 - يىلىدىن 2015 - يىلىغىچە ئەنقەرە ئۈنىۋېرىسىتېتى سىياسەت فاكۈلتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە ماگىستىرلىق ئوقۇغان.