خىتاينىڭ ئىت گۆشى يېيىش فېستىۋالىغا قارشى ئىستانبۇلدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00


21 - ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى يۈلىن شەھىرىدە خىتايلارنىڭ ئىت گۆشى يېيىش فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ فېستىۋالدا خىتاينىڭ نەچچە يۈزلىگەن ئىتنى ئۆلتۈرۈپ يېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

22 - ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ھايۋان ھەقلىرى فېدېراتسىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن كەچ سائەت 19:30 دا خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ ئىت گۆشى يېيىش فېستىۋالىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

قوللىرىدا ئىت - مۈشۈكلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈۋالغان ھايۋانسۈيەر نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا «خىتاي ۋەھشىيلىكنى توختات» دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل شوئار توۋلىدى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا، «دۇنيانىڭ پۈتۈن پالاكەتلىرى يۈلىننىڭ ئۈستىگە بولسۇن!»، «پۈتۈن ئىتلار بىزنىڭ دوستلىرىمىز ئۇلار يېيىلمەيدۇ!». «ئىنسان، ھايۋان ۋە تەبىئەت قاتىللىقى يوقالسۇن!»، «خىتاي ئىسكەنجىسى، زۇلۇمنى توختات!»، دېگەنگە ئوخشاش چوڭ خەتلەر يېزىلغان پلاكات كۆتۈرگەن.

ھايۋان ھەقلىرى فېدېراتسىيەسى ۋە نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن ئادۋوكات ئەخمەت كامال شەنپولات ئەپەندى بايانات ئېلان قىلدى ۋە نامايىش قىلىشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسەت، خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان پەقەتلا ھايۋانلارغا قارشى ئەمەس بەلكى ئىنسانلارغا، تەبىئەتكە ۋە مۇھىتقا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ھەق ۋە ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە قارشى نامايىش قىلىش ئۈچۈن توپلاندۇق. يۈلىن پەقەت بۇلاردىن بىرى، خىتاينىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا يىلدا 365 كۈن داۋام قىلىۋاتقان ئىت، مۈشۈكتىن تارتىپ بوۋاقلار ۋە ئىنسانلارغىچە قىلىنىۋاتقان ۋەھشىيلىككە، تەبىئەتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىز بۇ يەرگە جەم بولدۇق.

نامايىش ئاخىرىدا نامايىشچىلار خىتاينىڭ ئىت گۆشى يېيىش پائالىيىتىگە قارشى تۇيغۇلىرى ئىپادىلەنگەن ۋاراقچىلارنى توپلاپ، «توختا خىتاي» دېگەن خەت يېزىلغان بىر ساندۇققا سالدى ۋە ئىككى نامايىشچى ساندۇقنى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا قويدى.