خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى غۇلغۇلا قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.04.16
babur-mexsut-305.jpg رەسىمدىكى قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئەر بابۇر مەخسۇت، ئوڭ تەرەپتىكى خىتاي ئايال شىۋېتسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان خىتاي ئايال دىپلومات جوۋ لۇلۇ. 2010-يىلى.
svd.se din elinghan

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردىكى مۇھاجىرلار جامائىتىنى ئۆزلىرىنىڭ جاسۇسلۇق نىشانلىرىنىڭ بىرى قىلىشى ھەر ۋاقىت كۆپلىگەن كىشىلەرنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ بىرىدۇر. ئۆتكەن ھەپتە شىۋېتسىيە ساقچى دائىرىلىرى دورجې گيانتسان ئىسىملىك بىر تىبەت ئەرنى «شۇ جايدىكى تىبەتلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلىغان ھەمدە بۇ ئۇچۇرلارنى خىتاي دىپلوماتىيە خادىملىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن» دەپ ئەيىبلىگەن.

گەرچە دورجې گيانتسان رەسمىي قولغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئەيىبلەش مەزمۇنى يەتكۈزۈلگەن ھەمدە ئۇنىڭ ھېچقانداق سەۋەب بىلەن شىۋېتسىيەدىن ئايرىلىشىغا بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. مەزكۇر خەۋەر كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يەر ئالغاندىن كېيىن شىۋېتسىيە دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ «بۇ ئېغىر جىنايەت،» دەپ كۆرسەتتى. مەزكۇر ئىدارىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى كارل مېلىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ 2009-يىلىدىكى بابۇر مەخسۇتنىڭ ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىگە جاسۇسلۇق قىلىشىدىن كېيىنكى يەنە بىر دېلو ئىكەنلىكىنى، «بۇ قىلمىش شۇ جايدىكى كۆچمەنلەر جەمئىيىتىگە ئېغىر بېسىم ۋە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ،» دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «قاچقۇنلارنى نىشان قىلىشتەك بۇ خىل جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئېغىر جىنايەت. چۈنكى بۇنداق قىلمىشلار دېموكراتىيە ئاساسىدىكى تەرەققىياتقا تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بۇنداق قىلمىشلار شىۋېتسىيەدە تەھدىت، دەپ قارىلىدۇ. بىزنىڭ شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى دېموكراتىيەگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان بۇنداق قىلمىشلارنى ئەستايىدىل بىرتەرەپ قىلىدۇ. شۇڭا بىز بۇ جەھەتتە بىز يەنە بىر ئۈلگىلىك خىزمەت قىلدۇق، دەپ قارايمەن.»

دورجې گيانتساننىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، شىۋېتسىيە ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بابۇر مەخسۇت بىلەن دورجېنىڭ ئۆزئارا تونۇشىدىغانلىقى ھەمدە بابۇر مەخسۇتنىڭ دورجېنى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تونۇشتۇرغانلىقى ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەر تارقالغان.

بىز بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. مەزكۇر مەھكىمىنىڭ تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى روساندېر كارىن بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق بەرگەن جاۋابىدا بابۇر مەخسۇت بىلەن دورجې گيانتساننىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ھەمدە ھەمكارلىقى توغرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ قولىدا ھېچقانداق مەلۇمات يوقلۇقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك دورجې گيانتساننىڭ تولۇق دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى، بۇنىڭ بەزىلەر ئېيتقاندەك «شىۋېتسىيە پۇقراسى بولغان گۇي مىنخەينىڭ خىتايدا قولغا ئېلىنىشىغا قارىتا قوللىنىلغان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى» ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شىۋېتسىيەدە تۇرۇۋاتقان دىلشات رىشىت د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى بولۇشتىن سىرت، 2010-يىلى بابۇر مەخسۇت جاسۇسلۇق گۇماندارى سۈپىتىدە سوتقا ئېلىپ چىقىلغاندا سوتتا بابۇرنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ بىرى. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ «بابۇر بىلەن دورجې ئۆزئارا تونۇشىدىكەن» دېگەن گەپ-سۆزلەرنى ئىشەنچلىك، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رىشىت 2010-يىلى شىۋېتسىيە ساقچىلىرى قولغا ئالغان بابۇر مەخسۇتنىڭ شۇ جايدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۆزىگە ئوخشاش تەشكىلات خادىملىرىنىڭ ۋە ئادىل ھېكىمغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا كۆز تىكىپ تۇرۇۋاتقان «سەزگۈر» شەخسلەرنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلاش شۇنىڭدەك بۇ ئۇچۇرلارنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىش قىلمىشى ئۈچۈن قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى، بۇ ھەقتىكى سوتقا ئۆزلىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىز دىلشاتتىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھېلىھەم «بابۇر مەخسۇتقا ئۇۋال قىلىنغان. ئۇ كىشى ئەسلىدە جاسۇسلۇق قىلمىغان،» دەپ قارايدىغانلىقى ھەققىدە قانداق ئويلايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۆزىنىڭ شۇ قېتىملىق سوتتا بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى تولۇق كۆرگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ھەقتە ھېچقانداق گۇمانغا ئورۇن يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

ئاخىرىدا دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادا كۆپلەپ بىلىنىشىدىن ئىزچىل ئەنسىرەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا مۇشۇ داۋاغا توسالغۇلۇق پەيدا قىلىش ئۈچۈن داۋانىڭ بېشىدا كېتىۋاتقان كىشىلەرگە دائىر بارلىق ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ يىغىشنى توختاتمىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنى ئازاد بولسا بۇنداق چۈپرەندى جاسۇسلار ئۆزلۈكىدىن كۆزدىن يوقايدۇ،» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، تىبەت جاسۇس گۇماندارى دورجېنىڭ ئەيىبلىنىشى ھەمدە بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بابۇر مەخسۇتنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بەلگىلىك مۇنازىرە ۋە غۇلغۇلىغا سەۋەب بولماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.