ئامېرىكا تور جاسۇسلۇقى مەسىلىسىدە خىتاينى «ئوچۇق-ئاشكارا شەرمەندە قىلىش» يولىنى تاللىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014.05.21
xitay-xekker-tor-buzar-jassus.jpg ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن(سولدىن ئوڭغا) ئېرىك خولدېر، داۋىد خىكتون ۋە جون كارلىنلار خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە تور جاسۇسلۇقى قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2014-يىلى 19-ماي، ۋاشىنگتون.
AFP

ئامېرىكا دۈشەنبە كۈنى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ 5 نەپەر ئوفېستىرىنى تور جاسۇسلۇقى قىلىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن خىتاي بۇنىڭغا دەرھال نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىنى ئەيىبلەپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، دېدى. نۆۋەتتە بۇ ھەقتە قوزغىلىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ ھەربىي ئوفىتسېرلىرىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش ئارقىلىق خىتايغا كۈچلۈك بىر سىگنال بەرمەكچى بولغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ سىياسىي سىمۋوللۇق خاراكتېرگە ئىگە ھەرىكەتلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە شتاتىغا قاراشلىق پىتتسبۇرگ شەھىرىدىكى فېدېراتسىيە سوتى دۈشەنبە كۈنى، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ۋاڭ دۇڭ، سۇن كەيلياڭ، ۋېن شىنيۈ، خۇاڭ جېڭيۈ، گۇ چۈنخۇي قاتارلىق 5 ھەربىي ئوفىتسېرىنى ئامېرىكا تور سىستېمىسىغا بۇزۇپ كىرىش، خىتاي شىركەتلىرىنى پايدىلىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، ئامېرىكىنىڭ يادرو ئېنېرگىيىسى، پولات تۆمۈر، قۇياش ئېنېرگىيە ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش، ئىشسىزلىق پەيدا قىلىش قاتارلىق 31 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلىدى. شۇ كۈنى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى ئېرىك خولدېر مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ كەينىدە خىتاي دۆلىتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق دېدى:
-ھەرقانداق بىر دۆلەت ئاخبارات يىغىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەمما بۇ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى باشقىلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغىنى، بۇ شەخسلەرنىڭ كەينىدە دۆلەت بار ۋە ئۇلار يۇقىرى تېخنىكىلارنى سۈيئىستىمال قىلىپ تۇرۇپ سودا مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاش ئارقىلىق پايدا ئېلىشقا ئۇرۇنماقتا. مانا بۇ ۋەقەنىڭ پەرقى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى شۇ كۈنىدىكى باياناتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 5 كىشىنى ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلار خىتاينىڭ ھېچقاچان تور جاسۇسلۇقى ھەرىكەتلىرىگە يانتاياق بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشىنى، ئۇنداق بولمايدىكەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي تەرەپ دەرھال ئامېرىكا-خىتاي تور بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا ‏-خىتاي ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ ھەربىي ھەمكارلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تور جاسۇسلۇقى مەسىلىسى خېلى ئۇزۇندىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا كۆپ قېتىم كېلىش مەنبەسى خىتاي بولغان تور بۇزارلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇھىم دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ، چوڭ خەلقئارا شىركەتلىرىنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، سودىدا ئادىل بولمىغان رىقابەت مۇھىتى يارىتىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تور بۇزالارنى توسۇپ، بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشىنى تەۋسىيە قىلغان. كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىر قېتىملىق دوكلات نەتىجىسىدە خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ تور ئادرېسىنىڭ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق بازىسىنى ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بۇ تور ھۇجۇملىرىنىڭ كەينىدە خىتاي ئارمىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. خىتاي تەرەپ بولسا ئەينى چاغدىكى باياناتىدىمۇ بۇ پاكىتنى «ئاساسسىز» دەپ رەت قىلغان. ئامېرىكا كۆپ قېتىم خىتاينى بۇ مەسىلىدە ئاگاھلاندۇرغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ نۆۋەت ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۇسۇلنى قوللىنىشى يەنى بۇ خىتاي ئوفىتسېرلىرىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشى خىتايغا بېرىلگەن جىددىي سىگنال ھېسابلىنىدىكەن. ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، خىتاينى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاش ئۈچۈن «ئوچۇق-ئاشكارا شەرمەندە قىلىش» ئۇسۇلىنى قوللانغان. دەرۋەقە، ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى جېي كارنې بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، نۇرغۇن قېتىم پۇرسەت بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە بىز تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنى كۆپ قېتىم خىتاي تەرەپكە يەتكۈزدۇق. بىزنىڭ بۇ قېتىملىق ھەرىكىتىمىز پەقەت ئەندىشىلىرىمىزنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. بىز كۆپ قېتىم خىتاي تەرەپكە تور بىخەتەرلىكى جەھەتتە ھەمكارلىشىش پۇرسىتى بەردۇق» دېدى.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تەرەپمۇ ئەمدى «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ» قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ماندىيات ناملىق تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ سابىق خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مەسئۇلى بېجلىچ ژۇرنالغا بەرگەن مۇلاھىزىسىدە خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم تور بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ پېيىغا چۈشۈشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم پاكىتلىق گەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ تور بىخەتەرلىك خادىملىرىغا ۋە ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىدىغان خۇسۇسىي تور بۇزارلارغا قارشى داۋا ئېچىش ئۈچۈن خىتاي چوقۇم ئىسپات كۆرسىتىشى كېرەك. خىتاي دائىم بىزنىڭ قولىمىزدا ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى تور جاسۇسلۇقىغا ئائىت ستاتىستىكىلار مەۋجۇت دەيدۇ، ئەمما ئۇلار بىرەر قېتىممۇ ئىسپات كۆرسىتىپ باقمىغان، ياكى بىرەر كىشىنىڭ ئىسمىنى بېرىپ باقمىغان» دېگەن.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چىقىرىلغان 5 نەپەر خىتاي ئوفىتسېرى ھەققىدىكى ئەيىبنامىدە ئۇلارنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئېنىق پاكىتلار كۆرسىتىلگەن ئىكەن. ئۇنىڭدا ھەتتا بۇ كىشىلەرنىڭ قەيەردە ئىشلەيدىغانلىقى، ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارنى كىمگە يەتكۈزىدىغانلىقى، ئوغرىلىغان ئۇچۇرلىرىنىڭ تۈرى، قايسى شىركەتلەرنى نىشان قىلغانلىقى، ئوغرىلانغان مەلۇماتلارنى نېمىگە ئىشلەتكەنلىكىدىن تارتىپ ھەممە ئىسپاتلار ئېنىق يەر ئالغان ئىكەن. شۇڭا بېجلىچ سۆزىدە ئەسكەرتىپ، خىتاي ئەگەر ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنى ئەيىبلەيمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئەنە شۇنىڭدەك ئىنچىكە پاكىتلىق ئىسپاتلارنى كۆرسىتەلىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، خىتاي خەلقئارا ئالدىدا كۈلكىگە قالىدۇ، مەنچە خىتاي بۇنى خالىمىسا كېرەك، دېگەن.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تور جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىغا ھازىرغىچە 120 مىليارد دوللار ئەتراپىدا زىيان سالغان. تور دۇنياسىدا ئەڭ ئاكتىپ جاسۇسلۇق پائالىيىتى قىلىۋاتقان دۆلەت بولسا خىتاي بولۇپ، خىتاي ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە، يۇقىرى پەن-تېخنىكا، سودا-تىجارەت قاتارلىق ھەممە ساھەلىرىدە ئۇچۇر ئوغرىلاش بىلەن شۇغۇللىنىپ ئامېرىكا ئۈچۈن يۈكسەك تەھدىت شەكىللەندۈرگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇندىن كېيىن دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە زىيانلىق تور پائالىيەتلىرى بىلەن كۈرەش قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىكەن. شۇڭا بۇندىن كېيىن بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرمۇ داۋاملىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.