خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى مەلۇم

0:00 / 0:00

خىتاي ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا سوتنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى قارارىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما دائىرىلەر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بېيجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە «نارازىلىق نامايىش ئۇيۇشتۇرماسلىق، تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان زور ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر يەنە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلاردىن «جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى توغرۇلۇق ھەرقانداق نامايىش ئۇيۇشتۇرماسلىق» نى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى «بۇ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تاشقى سىياسەتتە خەلقئارا قانۇنغا ئەمەل قىلمايدىغان، دۆلەت ئىچىدە ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن، خەلقنىڭ قوزغىلىشىدىن، ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئەنسىرەيدىغان» خاراكتېرىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

12 - ئىيۇل كۈنى خەلقئارا سوت خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى «خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا تارىختىن كەلگەن ئالاھىدە ئىگىلىك ھوقۇقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىسپات يوق» لىقىنى جاكارلانغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كۈچەيتىلگەن «جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى خىتايغا تەۋە» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارغا ئەگىشىپ، 14 - ئىيۇل كۈنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ بەييىڭ شەھىرىدە بىرقانچە يۈز ئوقۇغۇچى «جەنۇبىي دېڭىز جۇڭگونىڭ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ خىتايدىكى تۇنجى نارازىلىق نامايىشىنى ئېلىپ بارغان. ئەمما خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، نەنجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە ھېچقانداق نامايىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلمىغان.

خىتاي ئىچى - سىرتىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سوتنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەققىدىكى قارارىغا قارىتا، سىرتقى دۇنياغا قايتۇرغان قاتتىق ئىنكاسىدىن پەرقلىق ھالدا دۆلەت ئىچىدە زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارماسلىق ئۇقتۇرۇشى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن گەنسۇ ئۆلكىسىدىن رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئەرباب، گەنسۇنىڭ بەييىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ھەققىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «قارىغاندا نامايىشنىڭ گەنسۇدەك نامرات بىر رايوندا ئۆتكۈزۈلۈشى، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇراش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. فىلىپپىن ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ھۆكۈمىتىمىز خەلقئارا سوتنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گەنسۇدەك بۇ نامرات جايدا بۇ خىل نامايىش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. قارىغاندا قانچە نامرات بولسا، ئىنقىلابىي ئىدىيىسى شۇنچە كۈچلۈك، قانچە نامرات بولسا شۇنچە سولچىل بولسا كېرەك. ئەمما چوڭ شەھەرلەردە ھېچقانداق نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەپتۇ. مېنىڭچە بۇ نامايىشنى ئىشى يوق بىر توپ كىشىلەر قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت خەلقئارا سوتنىڭ قارارى چىقىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى يەنى 11 - ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ بىر ھەپتىدە يەنى «6 كۈن ئىچىدە بېيجىڭ شەھىرى ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرىدۇ، شەھەر ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بارلىق نۆۋەتچى خادىملار ئۆز خىزمەت ئورنىدا ھازىر بولۇشى، تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان زور ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقى پۇختا بولۇشى كېرەك» لىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىن گەنسۇدىكى نامايىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جا جيەنگو ئەپەندى، گەنسۇدا ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشىنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلمەسلىكىدىكى سەۋەبنىڭ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «مۇقىملىق ئەندىشىسى» سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

جا جيەنگو ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، نامايىش ئۆتكۈزۈشنى چەكلىدى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كوچىغا چىقماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. بېيجىڭ شەھىرىدىكى فىلىپپىن ئەلچىخانىسىغا بارىدىغان يولمۇ قامال قىلىندى. چۈنكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بېيجىڭدا ھەرقانداق سەۋەبتىن ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىشتىن ئەنسىرەيدۇ. بەلكىم بۇ خىل نامايىشلاردا باشقا مەزمۇندىكى شوئارلار توۋلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما مېنى ھەيران قالدۇرغىنى گەنسۇنىڭ بەييىڭ شەھىرىدەك خىلۋەت ۋە نامرات بىر جايدا بۇ خىل نارازىلىق نامايىشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى بولدى. بەلكىم ئۇ جايدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى باشقۇرۇشى بىرقەدەر بوش بولۇشى ياكى باشقا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.»

جا جىيەنگە ئەپەندى يەنە گەنسۇدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشتا كۆتۈرۈۋالغان لوزۇنكىسىدىكى «جەنۇبىي دېڭىز جۇڭگونىڭ» دېگەن شوئار ھەققىدىمۇ توختىلىپ: «‹جەنۇبىي دېڭىز جۇڭگونىڭ› دېگەن بۇ شوئار مېنىڭچە تولىمۇ ھاماقەتلىك ۋە زومىگەرلىك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكى قانۇنىدا ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆز قۇرۇقلۇقىدىن ئەڭ جىق بولغاندا 12 دېڭىز مىلى دائىرىسىدە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بارلىقى، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 200 دېڭىز مىلى دائىرىسىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇش ئىمكانىيىتى بارلىقى بەلگىلەنگەن. ئەمما جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ دائىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا قانداق بولىدۇ. پۇقرالار بولسا بۇ ساۋاتنى بىلمەيدۇ. جەنۇبىي دېڭىز ھەققىدە سۆز ئېچىلسىلا ‹بۇ مېنىڭ› دېيىش تولىمۇ كۈلكىلىك» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ نيۇ - يورك شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى خې چىڭلىيەن خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئىپادىلىدى.

خې چىڭلىيەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى تاشقى سىياسىتى ياكى ئىچكى سىياسىتىدە بولسۇن، ئەزەلدىن ئۆز ھاكىمىيىتىگە پايدىلىق قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ئادەتلەنگەن. بۇ سەۋەبتىن خەلقئارا سوتنىڭ ئۆزىگە پايدىسىز قارارىنى رەت قىلدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يەنە ئىناۋىتىنى قوغداش ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى تەشۋىقاتىدا ‹جەنۇبىي دېڭىز جۇڭگونىڭ دېگەن› نى تەرغىب قىلىپ، جامائەت پىكرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە پوپوزا قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما دۆلەت ئىچىدە ئۆز خەلقىنىڭ بۇ خىل نامايىشلاردىن پايدىلىنىپ، كوممۇنىست ھاكىمىيەتكە بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلىشىدىن، دۆلەت ئىچىدە ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقى ئۈچۈن بېيجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىشنى قەتئىي چەكلىمەكتە.»

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى خەۋەر تورلىرىدىن «يېڭى تاڭ تور تېلېۋىزىيەسى» دە 15 - ئىيۇل كۈنى خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان، 14 - 15 - ئىيۇل كۈنلىرى يۈك پويىزلىرى ئارقىلىق بېيجىڭ شەھىرىگە جىددىي يۆتكىلىۋاتقان تانكا قاتارلىق ئېغىر قوراللىرى ھەققىدىكى بىر سىنئالغۇ فىلىمى قويۇلدى.

مەزكۇر تېلېۋىزىيەنىڭ ئوبزورچىسى شى تاۋ ئەپەندى 15 - ئىيۇل جۈمە كۈنى سۆزلىگەن خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەھلىلىدە شەھەر خەلقىنىڭ نارازىلىق نامايىش قىلىنىشتىن چەكلىنىشى، شەھەر ئىچىدە «6 كۈنلۈك ئۇرۇش ھالىتى ۋەزىيىتى» ئېلانى چىقىرىلىشى، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىدىغانلىقى جاكارلىنىشى ۋە تۈركۈم - تۈركۈم ئېغىر قوراللارنىڭ بېيجىڭ شەھىرىگە يۆتكىشى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تۇيۇقسىز ۋەقە ۋە ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش ئەندىشىسىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.