كانادا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆز پرىنسىپىدا تۇرالاۋاتامدۇ؟

0:00 / 0:00

كانادالىق مۇتەخەسسىسلەر كانادانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئىزچىل ياكى ئۆزگىرىشچانلىقى ھەققىدە تالاش تارتىش قىلدى.

«خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىمىزدە سودا بىلەن دىپلوماتىيىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەكمۇ ياكى ئىنسان ھەقلىرىنىمۇ» دېگەن مەسىلىدە كانادا تالاش - تارتىش ئىچىدە قالدىمۇ؟ ۋە بۇ سەۋەبتىن، خارپېر ھۆكۈمىتى خىتايغا ئۆزگىرىشچان پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدىمۇ؟ ياكى كانادا خىتايغا ئىزچىل ئۆز پرىنسىپىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىۋاتامدۇ؟

بۇ توغرىدا، كانادا ئەدەبىيات ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىل 5 - ئايلىق سانىدا «ئەجدىھا بىلەن ئۇسۇل ئويناش» تېمىلىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ خىتايدەك بىر كوممۇنىست دۆلەت بىلەن سودا قىلىش قىلماسلىق مەسىلىدە ئىككى ئوتتۇرىلىقتا ئۈزۈپ يۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ماقالىدا مۇنداق يېزىلىدۇ: بولۇپمۇ تىيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن، كانادا مەتبۇئاتلىرىدا «خىتاي غا نىسبەتەن سودا ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى قوغلىشىش كېرەكمۇ ياكى ئىنسان ھەقلىرىنىمۇ» دېگەن مەسىلىدە تالاش تارتىش كۈچىيىپ كەتتى. بىراق خىتاي بىلەن سودىدا ھەمكارلاشماسلىق كانادانى بەكمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتاتتى. نەتىجىدە كانادا، بۇنداق بىر كوممۇنىست دۆلەت بىلەن سودا قىلىش ياكى قىلماسلىق تالاش تارتىشىدا قالدى.

ماقالە بۇ توغرىدا مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق يېزىلىدۇ: 2006 - يىلى خارپېر ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، خىتايغا نىسبەتەن سالقىن سىياسەت ئەمما قىزغىن سودا مۇناسىۋىتى قوللاندى، ستېفېن خارپېر خىتايغا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنى داۋاملاشتۇردى. مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ كىرگۈزۈشنى كۈچەيتتى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كانادا مىنىستىرلىرى خىتاينى «دىنسىز خەتەرلىك دۆلەت» دەپ قاراپ خىتايغا بولغان مۇئامىلىدە، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى تەكىتلىدى.

مەسىلەن: ستېفېن خارپېر ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىسىنى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ئوچۇق ئاشكارا ئەيىبلىدى. شۇنداقلا دالاي لامانى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي كانادا مۇناسىۋەتلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە خىتايغا قارشى شەخسلەر بۇ سىياسەتتىن رازى بولغان بولسىمۇ ئەمما سودا شىركەتلىرىنىڭ، ئاكادېمىكلارنىڭ ۋە مەمۇرى ئورگانلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

ماقالىدە يەنە كانادانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى قانداق ئۆزگەرتكەنلىكى مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق يازىدۇ: 2009 يىلىغا كەلگەندە خارپېر گەرچە سۆزلىرىدە ئىنسان ھەقلىرىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ ئەمما ئەمەلىيەتتە ئايرىم كۆرۈشۈشلەردە ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان شەخسى ئىنسان ھەقلىرى ئارخىپلىرىنى يېپىپ قويدى. «دوستلۇق»، «ھەمكارلىق» دېگەن سۆزلەر يەنە ئوتتۇرىغا چىقتى. 2013 - يىلى بولسا خىتاي بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىپ نېكسېن شىركىتىنى خىتايغا سېتىشنى تەستىقلىدى. بېتيۇن ئويىنى قايتا ياساپ، كانادا - خىتاي دوستلۇقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقاردى. چۈنكى، كانادا خىتايدەك تەسىرى كۈچلۈك بىر دۆلەتنىڭ چىشىغا تەگمەسلىكنى ئاخىر ھېس قىلدى.

كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسى چارلېز بۇرتون «ئەجدىھا بىلەن ئۇسۇل ئويناش» تېمىلىق ماقالىغا رەددىيە بېرىپ كانادانىڭ خىتايغا ئىزچىل مۇقىم مەيداندا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، پرىنسىپتىن چەتنىمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇنداق دېدى: كانادا 1995 - يىلدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كانادا ۋە دۇنيا ھەققىدىكى پرىنسىپى بويىچە مۇنداق ئۈچ يۆلىنىشنى تۇتۇپ كەلدۇق. بىرىنچى، گۈللىنىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئىككىنچى، بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداش؛ ئۈچىنچى، مۇقىم دۇنيا مىقياسىدا كانادانىڭ قىممەت قارىشى ۋە مەدەنىيىتىدە چىڭ تۇرۇش.

ئۇ رەددىيە ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: بىرىنچى خىل پرىنسىپ بويىچە كانادا خىتاي بىلەن سودىنى كۈچەيتتى، نېكسېننى خىتايغا ساتتى، ئەمما ستېفېن خارپېر 2012 - يىلدىكى مەتبۇئات يىغىنىدا، نېكسېننى خىتايغا ساتقان بىلەن خىتاي شىركەتلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنى، كانادا ئىقتىسادىنىڭ خىتاينىڭ قولىغا ئۆتۈپ قېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 2 - خىل پرىنسىپىمىز بويىچە، كاندا ئىزچىل تۈردە خىتاي ئىشپىيونلىرىنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، خىتاينىڭ سىياسىي ھەربىي ۋە باشقا جەھەتلەردە تور ئىشپىيونلۇقى يۈرگۈزۈشىنى تەكشۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. خىتايغا ئىزچىل تۈردە دۇنيا مىقياسىدىكى خەلقئارالىق مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ خەلقئارالىق قانۇنلارنى ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. 3 - پرىنسىپىمىز بويىچە، كانادا باشقا دۆلەتلەردىكى ئىنسانلارنىڭ بىخەتەرلىكى قوغدالمىسا، بۇنىڭ كاناداغا بىۋاسىتە تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. كانادانىڭ، خىتايغا بولغان ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك قىزىقىشلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت ئىنسان ھەقلىرى ھۆرمەت قىلىنغان خاتىرجەم بىر مۇھىت يارىتىلغاندىلا كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئىنسان ھەقلىرى ھۆرمەت قىلىنمىغان قانۇنغا ئەگەشمىگەن دۆلەت بىلەن سودا قىلىشنىڭ بىخەتەر بولمايدىغانلىقىنى كانادا بىلىدۇ. شۇڭا كانادا بۇ جەھەتتە داۋاملىق ئىنسان ھەقلىرىنى تەكىتلەپ، خىتاينى كۆزىتىپ كېلىۋاتىدۇ.

بىز چارلېز بۇرتوندىن، ئەگەر كانادا خىتايغا بولغان سىياسەتلەردە ئىزچىل مەيدانىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا خارپېر ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەنجان جېلىل مەسىلىدە نېمە ئۈچۈن بۇرۇنقىدەك كۈچىمەيۋاتقانلىۋىنى قانداق چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: كانادانىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە ئىزچىل قاتتىق بولماي كەلگەنلىكى پاكىت. ئەمما، باش مىنىستىر خىتاي بىلەن بولغان ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەسلى ھۈسەيىن جېلىل كانادا پۇقراسى بولغانلىقى ئۈچۈن كانادا كونسۇلى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلىشى ۋە ئۇنى زىيارەت قىلىشى، خىتاي بىلەن كېڭىشىپ ئۇنى تۈرمىدىن چىقىرىشى كېرەكتى. ئەمما خىتاي ھەرقانداق كېڭىشىشكە قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكتىن ئامال بولمايۋاتىدۇ. مەن ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ كانادادا بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك دىققەت تارتمايۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىمەن، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ باش مىنىستىرنىڭ بۇ ئىشنى تاشلاپ قويغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.