ئالماتادا خىتاي-قازاقىستان كۆچمەن مەسىلىلىرى ھەققىدە كىتاب نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

يېقىندا ئالماتادا رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى خەلق ئىگىلىكى مۆلچەرلەش ئىنستىتۇتىنىڭ كۆچمەن تەتقىقاتلار مەركىزى يېنىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى مەملىكەتلىرىنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسى بويىچە تەتقىقات كېڭىشىنىڭ مۇتەخەسسىسى يېلېنا سادوۋسكايانىڭ «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى: يىپەك يولى ئەنئەنىلىرى ۋە ھەمكارلىقنىڭ يېڭى يۆنىلىشلىرى» ناملىق كىتابى «رارىتېت» نەشرىياتىدا يورۇق كۆردى. «سوروس-قازاقىستان فوندى» نىڭ ھامىيلىقىدا نەشر قىلىنغان مەزكۇر كىتابتا 1990-يىلدىن 2014-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خىتاي ۋە قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى زامانىۋى كۆچۈشلەر خىتاينىڭ قازاقىستانغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي بېسىپ كىرىشى مىسالىدا ئانالىز قىلىنغان. كىتاب ئاپتورى خىتاي كۆچىنىڭ بىر نەچچە تۈرلىرىنى ئاجرىتىپ قاراپ، ئاساسىي دىققىتىنى خىتاينىڭ ئەمگەك كۆچمەنلىرىگە قاراتقان، شۇنداقلا خىتاينىڭ كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى تىجارىتى ھەم خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ يەرلىك ئەمگەك بازارلىرى ۋە تىجارىتىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنى ئېنىقلىغان.

ي. سادوۋسكايا كۆپلىگەن پاكىتلار ئاساسىدا قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان سودا-ئىقتىسادى ھەم ئۆز-ئارا كۆچۈش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى كۆرسىتىپ، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى بىلىم ئېلىش مەقسىتىدە كۆچۈشنىڭ كېلەچەك تەرەققىيات مەسىلىلىرىنى ۋە خىتايدىن قازاقىستانغا تۇراقلىق كۆچۈش جەريانلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

كىتاب «خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بېسىپ كىرىشى ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى»، «خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى كۆپ قاتلاملىق ئىقتىسادى ۋە كۆچۈش: ساھەلار بويىچە كۆرۈنۈش»، «ئەمگەك كۆچمەنلىرى: خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئىقتىسادىنىڭ كىشىلىك ئۆلچىمى»، «خىتاينىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى تىجارىتى»، «خىتاينىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان يېڭى ھەمكارلىق يۆنىلىشلىرى: بىلىم، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە» دېگەنگە ئوخشاش ئون بابتىن ئىبارەت. كىتابنىڭ 3-بابى قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان ئالاقىلىرىگە بېغىشلانغان. «21-ئەسىرنىڭ بېشىدا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە كۆچمەن ئالاقىلىرىنىڭ رايونلاشتۇرۇلۇشى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر بابتا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ 2000-ۋە 2013-يىللاردىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ رايوننىڭ ئىجتىمائىي-دېموگرافىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي راۋاجلىنىشىدىكى رولى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قازاقلارنىڭ ئورۇنلىشىشى، خىتاينىڭ كۆچمەن خەلقلەرگە قارىتىلغان زامانىۋى سىياسىتى، قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كونترول پونكىتلىرى، قورغاس خەلقئارا ھەمكارلىق چېگرا مەركىزى، شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستى مىسالىدا ئىككى تەرەپلىمىلىك چېگرا ھەمكارلىقى مەسىلىلىرى مەخسۇس تەتقىق قىلىنغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان پرېزىدېنتى يېنىدىكى قازاقىستان ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، سىياسەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى كونستانتىن سىرويېژكىن خىتاي كۆچمەنلىرى ھەققىدە مۇنداق تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى قېتىم نەشر قىلىنغانلىقىنى ھەمدە ئىلگىرى مۇنداق تەتقىقاتلارنىڭ مۇتلەق بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ يەردە تالاش تۇغدۇرىدىغان خۇلاسىلەر يوق ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ كىتاب نەشر قىلىنىشقا لايىق، دەپ تېپىلدى. ئۇ كۆپلىگەن ماتېرىياللاردىن پايدىلانغان، ئاپتور ئۆزىنىڭ بەزى سەپەر تەتقىقاتلىرىنى يۈرگۈزگەن، ھەر ھالدا ئۇنىڭدىكى بەزى پەيتلەر قىزىقارلىق، ماڭا ياقتى. كىتاب ئاپتورىنىڭ خىتاي كۆچمەنچىلىكىنىڭ ئەپسانە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پىكىرلىرى توغرا، سەۋەبى خىتاي كۆچمەنلىرى دېگەننى ياخشى چۈشىنىش كېرەك. خىتايدىن كېلىۋاتقانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئورالمانلار، خەنسۇلار بولسا ئىنتايىن ئاز. ئۇيغۇرلار ئىككىنچى ئورۇندا، ئامما ئۇلار ھازىر ئىنتايىن ئازلاپ كەتتى، ئىلگىرى كۆپرەك بولغان. ئۇنىڭ سەۋەبىنى ياخشى چۈشىنىسىز دەپ ئويلايمەن. كۆپچىلىكى ئورالمان قازاقلار بولۇپ، ئۇلار قازاقىستان پۇقرالىقىنى ئېلىشقا ئىنتىلمەيدۇ، بەلكى چەتئەل پۇقراسى دېگەن ھوقۇق بىلەن ياشاپ، خىتاي پاسپورتىنى ساقلاپ قالماقتا. بۇلار ئاساسەن تىجارەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار.»