ياپونىيەدە «خىتايدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.04.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
yaponiye-maqaliler-toplimi-xitay-medeniyet-inqilabi.jpg «خىتايدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى
RFA/Haji Qutluq Qadiri

يېقىندا ياپونىيە شىزۇكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن «خىتايدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىندى.

مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ 50 يىللىقىغا بېغىشلانغان مەزكۇر توپلام شىزۇكا ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ياڭ خەييىڭنىڭ تەھرىرلىكىدە نەشر قىلىنغان بولۇپ، كىتاب جەمىي 9 بابتىن تەركىپ تاپقان.

«خىتايدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىنىڭ كىرىش سۆز قىسمى پروفېسسور ياڭ خەييىڭ تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ،سۆزىدە: «بىز نېمە ئۈچۈن خىتايدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى توغرىسىدا ئويلىنىش ئېلىپ بارىمىز؟» دېگەن مەزمۇننى چۆرىدىگەن ھالدا خىتايدا يۈز بەرگەن يىگىرمە يىللىق مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ خىتايدىكى بارلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ كەلگەن بالايى - ئاپەتلىرى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا زور بەدەل تۆلىگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

پروفېسسور ياڭ خەييىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا يەنە، خىتاينىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش سىياسىتى يېقىنقى بىر قانچە يىللىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يېڭىچە سىياسەت بولماستىن، بەلكى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاستە يوليورۇقى بىلەن بېيجىڭدىن تەيىنلەنگەن ئاپتونوم رايونلاردىكى ئەڭ دەسلەپكى ئەمەلدارلارنىڭ يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدىكى دىنىي ئەربابلارنى، زىيالىيلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ خىل باستۇرۇشنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ئەڭ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى مەقسىتى ۋە ماۋ زېدۇڭنىڭ بۇ ھەقتىكى يوليورۇقلىرى ئۈستىدە بىر قاتار سىياسىي مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بارغان.

ماقالىلەر توپلىمىنىڭ بىرىنچى بابى «ھىندونېزىيەدىكى 30 - سىنتەبىر ۋەقەسىنىڭ مەغلۇبىيىتى ۋە خىتايدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ناملىق ماقالە بولۇپ، ماقالىدە، ھىندونېزىيەدىكى كوممۇنىستلارنىڭ ئېلىپ بارغان بىر قىسىم سىياسىي ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا ياپونىيە ئىۋانامىي نەشرىياتىنىڭ تەھرىرى بالاكىمى ھىكو ئۆزىنىڭ بىر قىسىم سىياسىي مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىككىنچى بابى «ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى فىرانسىيەدە خاتا چۈشەندۈرۈلگەن» سەرلەۋھىلىك ماقالە بولۇپ، ماقالە ئاپتورى ياپونىيە شىزۇكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئاگارى ھىروكې ئىلگىرى فىرانسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى ھەققىدىكى بىر قىسىم خاتا تەشۋىقاتلار توغرىسىدا توختالغان.

ئۈچىنچى بابى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى خىتاينىڭ مەدەنىيەت سىياسىتى» دېگەن تىما ئاساسىدا قەلەمگە ئېلىنغان ماقالە بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاينىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىزچىل ھالدا ئۆز خەلقىگە يۈرۈگۈزۈپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەتنى بوغۇش سىياسىي تەدبىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىيدىن خالىي بولغان مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىنىمۇ سىياسىيلاشتۈرۋەتكەنلىكىنى بايان قىلغان.

تۆتىنچى بابى «ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى ئاندېستا» نامىدا بولۇپ، بۇنىڭدا ئەينى يىللاردا جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى پېرۇ دۆلىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى تەشۋىقاتى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار بېرىلگەن. ماقالە ياپونىيە سېيكە ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پروفېسسورى ھوسويا ھىرومې تەرىپىدىن يېزىلغان.

بەشىنچى بابى بولسا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى خىتاينىڭ ئافرىقىغا قاراتقان دىپلوماتىيە سىياسىتى» سەرلەۋھىسى ئاساسىدا ياپونىيە كيوتو سېيكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئۇسۇبى ساكو يازغان ماقالە بولۇپ، بۇنىڭدا، خىتاي رەھبىرى ماۋ زېدۇڭنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ئافرىقا ئەللىرىگە تۈرلۈك ياردەملەرنى بېرىش ئارقىلىق ئۆز ئىدىيىسىنى ئافرىقىغا تارقاتماقچى بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئالتىنچى بابى « ئۇ لەنفۇنىڭ پارتىيەگە كىرىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش» دېگەن ماقالە بولۇپ، بۇنى شاڭخەي ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پروفېسسورى جۇرچىگېد قارابارس يازغان.

يەتتىنچى بابى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋە خرىستىئان دىنى» دېگەن تىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۇنىڭدا خرىستىئان دىنىي مۇرىتلىرىنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى قانلىق پاجىئەلىرى بايان قىلىنغان.

سەككىنچى بابى « ئۇيغۇرلاردىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دېگەن ماۋزۇدا يېزىلغان ماقالە بولۇپ، ماقالىنى پروفېسسور ياڭ خەييىڭ كۆپ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ بۇ ھەقتە توپلىغان خىتاي ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن يازغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ھەققىدە يېزىلغان ماقالىدە:«خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ " فېيچىڭ يۆباۋ " ناملىق ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە،خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سەزگۈر بولغان مىللەتلەر مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغاچقا، 1957 - يىلى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى باشلىنىپ، 1958 - يىلى قانۇن ئورگانلىرى رەسمىي شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشكە ئۆتكەن» دېيىلگەن.

ماقالىدە،خىتاينىڭ 1958 - يىلىدىكى «فېيچىڭ يۆباۋ»ناملىق ماتېرىيالنىڭ 45 - ، 46 - بەتلىرىدىكى «شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەتچىلەر» دېگەن بۆلىكىدە خىتاي قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن تىزىملىكى تۇرغۇزۇلۇپ كۆزىتىش نىشان قىلىنغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەربابلىرىنىڭ ئىسىملىكى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن سەيپۇللايوف، مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف، ئىلى قازاق ئوبلاستىنىڭ رەھبىرى،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئەسغەت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى زىيا سەمەدى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى ئىبراھىم تۇردى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرەھىم ئەيسا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ئابدۇرەھىم سەئىدى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سودا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ئابدۇرەھىم قارى قاتارلىق كىشىلەرنى«ئۇيغۇرىستان» ۋە ياكى «شەرقىي تۈركىستان» دۆلىتىنى قۇرۇشنى تەرغىپ قىلغۇچى يەرلىك مىللەتچىلە، دەپ باھا بېرىلگەن.

«خىتايدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت» ناملىق ماقالىلەر توپلامىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بابى يەنى توققۇزىنچى بابى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋە موڭغۇل دوختۇرلار» دېگەن ماۋزۇ بىلەن يېزىلغان ماقالە بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇپ، ماقالىدە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئىچكىي موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى بىر قىسىم موڭغۇل دوختۇرلارنىڭ پاجىئەلىك ھاياتى بايان قىلىنغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ماقالىلەر توپلىمى ھەققىدە توختالغان قانۇن مۇتەخەسسىسى كېنشى تارو:«ماقالىلەردە خىتايدىكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋە ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتۈرۈلگەن. ماقالىلەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى شۇنداقلا پايدىلانغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتاينىڭ ئىچكىي ماتېرىياللىرىدىن ئېلىنغان» دېدى.

ياپونىيەدىكى خىتاينىڭ مىللەتلەر مەسىلىسى كۆزەتكۈچىلىرىدىن ئاكىدا فۇكۇكوموتو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:«مەن مەزكۇر توپلامنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇلارنىڭ قانچىلىك ئازاپ - ئوقۇبەت چەككەنلىكىنى تولۇق چۈشەندىم» دېدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.