خىتاي مۇخبىرى كانادادىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېرنىڭ كانادانىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئانتاركتىكا بويلىرىغا قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، يىغىن تەرتىپىنى بۇزغان ۋە قالايمىقانچىلىق چىقىرىشقا ئۇرۇنغان بىر خىتاي مۇخبىر كانادا خان جەمەتى تاغلىق رايون ساقچىسى تەرىپىدىن يىغىن مەيدانىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان خىتاي مۇخبىرنىڭ ئىسمى لى شۆجياڭ بولۇپ ئۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان خەلق گېزىتىنىڭ ئوتتاۋادا تۇرۇشلۇق ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئىكەن.

كانادادىكى تاراتقۇلاردىن CBC, CTV، «دۇنيا خەۋەرلىرى» قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ نەق مەيداندىن تارقاتقان خەۋەرلىرىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا پەقەت كانادادىكى ھەرقايسى تاراتقۇلاردىن كەلگەن 5 نەپەر مۇخبىرغا ستېفېن خارپېردىن سوئال سوراشقا رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي خەلق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى لى شۆجياڭ يولسىزلىق بىلەن «مەنمۇ سوئال سورۇشۇم كېرەك، بۇ مېنىڭ مۇخبىرلىق ھوقۇقۇم» دەپ تۇرۇۋالغان. ستېفېن خارپېر ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، خىتاي مۇخبىر خارپېرنىڭ خىزمەتچىسىنى قوپاللىق بىلەن ئىتتىرىۋېتىپ مىكروفونىغا قول ئۇزاتقان ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قالايمىقانچىلىق چىقىرىشقا ئۇرۇنغان. ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان كانادا خان جەمەتى تاغلىق رايون ساقچىلىرى خىتاي مۇخبىرنى قوغلاپ چىقارغان.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئاۋازى بولغان خەلق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ كانادا باش مىنىستىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يۇقىرى دەرىجىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىق سەتچىلىكى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كانادادىكى بارلىق دۆلەتلىك ۋە يەرلىك تاراتقۇلار ئارقىمۇ-ئارقىدىن خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلدى.