بۈگۈن 10 - ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيا ئۆلۆم جازاسىغا قارشى تۇرۇش كۈنىدۇر. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ كۈن مۇناسىۋىتى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىنسانلىققا قارشى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇلارنىڭ دوكلاتلىرىدىن قارىغاندا، خىتاي يەنىلا ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىغا ئەڭ ئېغىر ئۇچراۋاتقان خەلق ئىكەنلىكىنى ۋە تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن سوتسىز ئۆلۈم ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش كۈنى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلىنغان دوكلاتلاردىن قارىغاندا، ھازىرغىچە ئىشلەنگەن خىزمەتلەر نەتىجىسىدە 140 دۆلەت ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلغان. 58 دۆلەتتە بولسا ئۆلۈم جازاسى تېخىچە مەۋجۇت. بىراق، 2013 - يىلى ئاران 22 دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسى رەسمىي ھالدا ئىجرا قىلىنغان. دوكلاتتىن قارىغاندا، 2002 - يىلىدىن بۇيان ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 22 بولۇپ، ئۇلار ئالبانىيە، ئارگېنتىنا، ئەرمىنىيە، گىرىتسىيە، تۈركىيە، لاتۋىيە، مېكسىكا، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۈگۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى بان كىمۇن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەرگەن باياناتىدا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەردە ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، قارار قىلىنغاندىن بۇيان نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆلۈم جازاسى ئىنسان غورۇرىنى دەپسەندە قىلىدىغان بىر ھەرىكەت، دەپ قوبۇل قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ۋەھشىيلىكنى يەنە بىر ۋەھشىيلىك بىلەن جازالاشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشتىكى قەدەملەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە، ئۆلۈم جازاسىنىڭ 21 - ئەسىرگە لايىق ئەمەسلىكىنى، بۇ جازانى ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەت لىدىرلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە ئىجابىي قەدەم تاشلىشى كېرەكلىكىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەردە بۇ زالىملارچە جازالاش ئۇسۇلىنى يوقىتىش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي 2013 - يىلى دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان دۆلەت. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسى ئىستاتېستىكىلىرىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى قاتارىدا ساقلىغاچقا، ئېنىق سان ھەققىدە مەلۇمات بولمىسىمۇ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رەقەمنىڭ مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغان. ئۆلۈم جازاسى بولسا ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ كۆپ قوللىنىۋاتقان جازا تۈرى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئىچىدە ئارقا - ئارقىلاپ يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن كىشىلەرنى ئاساسەن ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالىدى. بۇنىڭ ئەڭ يېقىنقى مىسالى، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ئىمامى جۈمە تاھىرنى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن غېنى ھەسەن ۋە نۇرمەمەت ئابلىمىتقا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىدۇر. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئادۋوكات ئالىم سېيىتوف ئەپەندى خىتايدا ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالىنىۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي كۆز قارىشى، سىياسىي ئىرادىسى تۈپەيلىدىن جازالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2013 - يىلى دۇنيا مىقياسى بويىچە خىتاي، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئامېرىكىدا ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان. بىراق، سان جەھەتتىن ئالغاندا ئارىدىكى پەرق ئىنتايىن كۆپ. خىتايدا بىر يىلدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن كىشى مىڭدىن ئوشۇق دەپ تەخمىن قىلىنغان بولسا، ئامېرىكىدا ئۆتكەن بىر يىلدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن كىشىنىڭ سانى 39. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى سۆزىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئۆلۈم جازاسىنى سېلىشتۇرۇپ، خىتايدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۆلۈم جازاسىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۆلۈم جازاسىنىڭ ھېچقانداق خەلقئارا قانۇنلارغا، خىتاينىڭ ئۆز قانۇنلىرىغىمۇ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇرلار ئۈسىتىدىن «سوتسز ئۆلۈم بىلەن نەق مەيداندا يوقىتىش» سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئالىم سېيىتوف ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن، ئۇيغۇرلارغا چاقماق تېزلىكىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۆلۈم جازاسى، سوتسىز ئۆلۈم ۋەقەلىرىگە دىققەت قىلىشنى ۋە بۇنى ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېىسم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.
0:00 / 0:00