ئامېرىكىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچى ياڭ شۇپىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ ساپ ھاۋاسىنى ۋە ئامېرىكىدىكى پىكىر ئەركىنلىكىنى ماختىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە بىر قىسىم خىتاي تورداشلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى. ئىككى كۈندىن بۇيان ياڭ شۇپىڭنىڭ نۇتقى ۋە بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر خەلقئارا تاراتقۇلاردىمۇ مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا.
فېيسبوك قاتارلىق ئىجىتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرى ، نيۇيورك ۋاقتى، ۋاشىنگىتون پوچتىسى، ئەنگىلىيە تايمىس گېزىتى قاتارلىق نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ بۇ ھەپتىدىكى خەۋەرلىرىدە، ئامېرىكا مارىلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىسى ياڭ شۇپىڭ 21- ماي كۈنىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتقىدا ئامېرىكىنىڭ ساپ ھاۋاسىنى ماختىغانلىقى ۋە ئىنسانلاردىكى سۆز-پىكىر ئەركىنلىكىنى ساپ ھاۋاغا ئوخشىتىپ «دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكمۇ ئېرىشىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئەرزىيدىغان ساپ ھاۋادۇر» دېگەن سۆزلەرنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتايدىكى بىر تۈركۈم تورداشلار ۋە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ۋە ئانالىزلار كۆپلەپ بېرىلمەكتە.
نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاي ئوقۇغۇچى ياڭ شۇپىڭنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىنىڭ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى تارقالغاندىن كېيىن، ياڭ شۇپىڭ خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق بىر تۈركۈم تورداشلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان. بەزى تورداشلار ياڭ شۇپىڭنى ئەيىبلەپ:« ئۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنىنى ھاقارەتلىدى، بۇ تۇزكورلۇق» دېگەن ۋە ياڭ شۇپىڭدىن خىتاي دۆلىتى ۋە خەلقىدىن دەرھال ئەپۇ سوراشنى تەلەپ قىلغان. ياڭ شۇپىڭنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى كۈنمىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدىمۇ ياڭ شۇپىڭنىڭ سۆزىگە رەددىيە بېرىلىپ، « ئامېرىكىنىڭ ھاۋاسىنى ماختىغان بۇ قىز ئوقۇغۇچىنىڭ كۈنمىڭنىڭ ھاۋا سۈپىتى توغرىلىق دېگەن سۆزلىرى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك، كۈنمىڭنىڭ ھاۋاسى مەملىكەت بويىچە ساپ ۋە گۈزەل» دېگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى ياڭ شۇپىڭنىڭ يۇرتى كۇنمىڭغا مۇخبىر ئەۋەتىپ، كۇنمىڭنىڭ تەبىئىي ھاۋاسىنىڭ ياڭ شۇپىڭ ئىشارەتلىگەندەك ئۇنداق ناچار ئەمەسلىكىنى دەلىللەشكە ئۇرۇنغان.
24- ماي چارشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لۇ كاڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىسى ياڭ شۇپىڭنىڭ سۆزلىرىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئەيىبلەپ: « مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ھەرقانداق مەسىلىگە ئىپادە بىلدۈرگەندە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك» دېگەن.
ياڭ شۇپىڭنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىم سۆزى تورغا چىققاندىن كېيىن، بىر قىسىم خىتاي تور ئەزالىرى ياڭ شۇپىڭنىڭ ئامېرىكىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، خىتايغا ھاقارەت قىلغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان. شىكايەتچىلەر ياڭ شۇپىڭنىڭ تەبىئىي ھاۋا ھەققىدە دېگەنلىرىگە چىڭ ئېسىلىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي ھاۋا ھەققىدە دېگەنلىرىگە ئىنكاس قايتۇرمىغان.
ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى خۇپىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوغىسىنى قايناتقىنى ئوقۇغۇچى ياڭ شۇپىڭنىڭ خىتايدىكى ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىشىنى ئەيىبلەپ، ئامېرىكىنىڭ ساپ ھاۋاسىنى ماختىشىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئامېرىكىدەك غەرب دۆلەتلىرىدىلا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى بولغان پىكىر-سۆز ئەركىنلىكىگە بولغان تەلپۈنۈش ۋە ماختاش.
خۇ پىڭ مۇنداق دېدى:« خىتايدەك مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر بولغان ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدا باشقۇرۇلىدىغان دۆلەتتىن ئامېرىكىغا ئوخشاش غەرب دېموكراتىك دۆلىتىگە كەلگەن قىز ئوقۇغۇچى ياڭ شۇپىڭنىڭ ئامېرىكىدىكى "ساپ ھاۋا"نى ماختىشى ۋە ئامېرىكىدىكى ئەركىن مۇھىتنى " ساپ ھاۋا-ئەركىن پىكىر قىلىش- ئەركىن سۆزلەش"نىڭ سىمۋولى دەپ تەرىپلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوغىسىنى قايتناتقان ھالقىلىق مەسىلە. شۇڭا خىتاي دۆلىتى بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ راست گېپىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىق "50 تىينلىك يازارمەنلەر" نى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ياڭ شۇپىڭغا تور دۇنياسىدىكى ھۇجۇمنى باشلىدى. ھەتتا بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يەر شارى ۋاقتى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنى ئىشقا سالدى، ھەتتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىمى ئارقىلىق نارازىلىق باياناتى بېرىش، خىتاي دۆلەتلىك ھاۋارايى ۋە مۇھىت ئىدارىلىرىنى ئىشقا سېلىپ كۈنمىڭدىكى مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى ھەققىدە ئومۇمىي دوكلات ئېلان قىلىشقا قەدەر بېرىپ يەتتى.
نۆۋەتتە نيۇيورك شەھىرىدە ياشاۋاتقان مۇستەقىل يازغۇچى، ئوبزورچى چېن پوكۇڭ ئەپەندى ياڭ شۇپڭنىڭ نۇتقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ سۆزلىرىگە تۇتقان قاتتىق مۇئامىلىسىنىڭ غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئۆز قارىشنى بايان قىلدى.
چېن پوكۇڭ مۇنداق دېدى:« غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ناھايىتى نورمال ھېسابلانغان پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىش، ھۆكۈمەتنى ئاشكارا تەنقىدلەش قاتارلىق ئەركىنلىكلەر خىتايدەك مۇستەبىت دۆلەتتە ھېچقاچان ئەمەلىيلەشمىدى. ھەتتا ھۆكۈمەتكە ئوخشىمايدىغان قارىشىنى ئىپادىلىگۈچىلەر، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل پىكىر قارىشىنى ئىپادىلىگۈچىلەرگە ھەر خىل قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ تۇتقۇن ئوبىكتى قىلىنماقتا، مانا بۇ خىل زور پەرق غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ياڭ شۇپىڭنىڭ "ساپ ھاۋا ۋە ئەركىنلىك " ھەققىدىكى بايانلىرىغا قارىتا دىققىتىنى تارتقان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى » دېدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى، سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئېلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدىن ئامېرىكىدەك ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتكە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىنى تەنقىدلەش بىلەنلا قالماستىن بەلكى « سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكى بىز ئۈچۈن ساپ ھاۋاغا ئوخشاش مۇھىم» دېگەن سۆزلەرنى قىلىپ، خىتايدا سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ باستۇرۇلۇشىنى تەنقىدلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېغىرىغا تەككەن ۋە خىتاي ئۈچۈن ئەجەللىك زەربە بەرگەن «راست سۆز .» بۇ سەۋەبتىن ياڭ شۇپىڭنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىكى چىن ھېسسياتى بىلەن ئېيتقان سۆزلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە سادىق تورداشلارنى سېتىۋېلىش ، ھەتتا ھۆكۈمەت تەرەپ بىۋاستە ئىنكاس قايتۇرۇشتەك ھەر تەرەپلىمە يوللار ئارقىلىق ياڭ شۇپىڭدەك بىر ئاددى ئوقۇغۇچىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىش دولقۇنىغا سەۋەب بولغان.