شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە خىتاي-رۇسىيە رىقابىتى

0:00 / 0:00

13- سېنتەبىر كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە بولۇپ ئۆتتى.

مەزكۇر يىغىنغا يەنە پاكىستان، ھىندىستان، موڭغۇلىيە، ئىران، ئافغانىستان قاتارلىق كۆزەتكۈچى ۋە باشقا سالاھىيەتتىكى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنى سۈرىيە مەسىلىسى جىددىيلەشكەن، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش مەسىلىسى مۇنازىرە تۈس ئېلىپ، رۇسىيە ۋە خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ مەيدانى بىلەن قارشىلاشقان پەيتكە توغرا كەلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىن يەنە سانكىتپېتېربۇرگ شەھىرىدە 20 دۆلەت يىغىنى ئېچىلىپ، 20 تەرەققىي قىلغان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىر ئارىغا جەم بولغان ھەمدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنى باشلاپ، تاجىكىستاندىن باشقا تۆت ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى بىلەن زور مىقداردىكى سودا-ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە كېلىشىمى ئىمزالاش بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈلىدىغانلىقىدىن سىگنال بەرگەن ۋەزىيەتكە توغرا كەلدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى بىشكەك يىغىنى ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنىڭ رۇسىيەگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مەسىلىسى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىدە مۇھىم سالماقنى ئىگىلىدى.

خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانى ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىشنى مەقسەت قىلدى

«ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ كۆتۈرۈلۈشى، رۇسىيەنىڭ چۆكۈشى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە،شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى جەريانىدا خىتاي قازاقىستان بىلەن 30 مىليارد دوللارلىق، ئۆزبېكىستان بىلەن 15 مىليارد دوللارلىق نېفىت، ئۇران ۋە تەبىئىي گازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان. ئەلۋەتتە، شى جىنپىڭ يەنە تۈركمەنىستان بىلەنمۇ زور مىقداردىكى تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالىدى. شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا زىيارىتى خىتاينىڭ بۇ جايدىكى يېڭى ئىقتىسادىي كۈچ ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.

ئەلۋەتتە، خىتاي يەنە قىرغىزىستانغىمۇ 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنى بۇرۇنقى يىغىنلاردىن پەرقلىق نېمە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؟ ھەر قايسى دۆلەتلەر نېمىلەرگە ئېرىشتى؟ بۇ ھەقتە كۆز قاراشلار ۋە يەكۈنلەر ھەر خىل.

ئامېرىكىدىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا يەتمەكچى بولغان ئايرىم مەقسەتلىرى بار بولسىمۇ، ئەمما سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتا ئورتاق نىشان بار.

رۇسىيە خاتىرجەممۇ؟

ئۇنداقتا، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئىككى ئەسىرلىك ئەنئەنىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە رۇسىيە خىتاينىڭ بۇ رايوندا بۇنىڭدىن كېيىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەسمۇ؟ بۇ غەرب ۋە رۇس كۆزەتكۈچىلىرى ئەڭ دىققەت قىلغان بىر نۇقتا. غەرب مۇتەخەسسىسى توم بالىمفورس ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىدا ئېلان قىلغان«كرېمىل خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئارقا ھويلىسىدا زەربىدارلىق بىلەن كۆتۈرۈلۈشىگە خاتىرجەم قارىغاندەك كۆرۈنمەكتە» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە نەقىل ئېلىشىچە، موسكۋالىق مۇتەخەسسىس ئالېكسېي ماسلوۋ «رۇسىيە رەسمىي ھالدا ھەممە نەرسىگە تولۇق كۆڭۈل بۆلەلمەيدۇ، بىراق، بۇ ھەرىكەتلەر رۇسىيەنىڭ ئەئەنىۋى تەسىر دائىرىسىگە نىسبەتەن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ» دەپ قارىغان.

ئاپتورنىڭ ئانالىزلاردىن ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رۇسىيە خىتاينىڭ قازاقىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن ئېنېرگىيە، ئۇران قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور مىقداردىكى كېلىشىملەرنى ئىمزالاپ، بۇ رايوننى ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇشى، رۇسىيەنى جىددىي مۇئامىلە قىلىشقا ئىتتىرىدۇ.

ئىقتىسادشۇناس دوكتور كاندىدات پەرھات بىلگىن ئەپەندىمۇ بۇ پىكىرگە ئوخشاش قاراشتا بولۇپ، شى جىنپىڭ گەرچە، ئاستانادا سۆزلىگەن نۇقتىدا جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆز تەسىرىنى تىكلەش نىيىتىنى يوقلۇقىنى ئېيتىپ، رۇسىيەنى خاتىرجەم قىلىشقا ئىنتىلگەن بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە خىتاينىڭ ئۆزىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ۋە تەسىر كۈچىنى تالىشىشىنى خالىمايدۇ.

خىتاي يەنىلا قازاقىستاننىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە شېرىكى ئەمەس

ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى رون سىنوۋىتسنىڭ يېزىشىچە، نازاربايېف قاشاگان نېفىتلىكىنىڭ.8.3 % ئاكسىيىسىنى خىتايغا بەرگەن ھەمدە ئۇ ئاستانا بىلەن بېيجىڭنىڭ مۇناسىۋىتىنى «يېڭى سەۋىيىگە يەتتى» دەپ تەرىپلىگەن.

بىراق، قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي جۇغراپىيە پروفېسسورى شېرىپجان نادىروفنىڭ قارىشىچە، خىتاي قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزىنىڭ خام ئەشيا بازىسىغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

گەرچە خىتاي بۇ رايوندا ئاكتىپ بولسىمۇ، ئەمما قازاقىستاننىڭ ئاساسلىق نېفىت سودىسى يەنىلا رۇسىيە بىلەن بولماقتا.

دوكتور نادىروفنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئېنېرگىيە ۋە سودا-ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ئالاقە قىلىشىغا يول قويغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزمايدۇ. رۇسىيە يەنىلا بۇ رايوندا تەسىر كۈچكە ئىگىدۇر.

بىراق، ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى توم بالىمفورس ئۆز ماقالىسىدە گېرمانىيە-رۇسىيە مۇنبىرىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئالېكساندىر راخرنىڭ قاراشلىرىنى نەقىل ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، ۋلادىمىر پۇتىن ئۆزىنىڭ شەرقتىكى مەزكۇر كۈچلۈك قوشنىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشى تۇتۇش ئۈچۈن خىتايلارنىڭ بۇ رايونغا كىرىشىگە يول قويغان، ئۇ بىر تەرەپتىن ناتو ۋە غەرب بىلەن جۇغراپىيىۋى سىياسىي كۈرەش قىلىشقا، يەنە بىر تەرەپتىن پاراللېل ھالدا خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىر تىكلەش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا قادىر ئەمەس.

پەرھات بىلگىنىنىڭ قارىشىچە، ھەقىقەتەن رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قالاق قېلىشىنى خالىمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقچىلىرى بولغان بۇ رايوننىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى پايدىلىق دەپ ھېسابلايدۇ. رۇسىيە ئىشىنىدۇكى، خىتاي ھېچقاچان ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيەدىن ئۈستۈن كۈچ بولالمايدۇ.

بىخەتەرلىك مەقسىتى

شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىدە سودا-ئىقتىسادتىن باشقا بىخەتەرلىك مەسىلىسى، بولۇپمۇ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىگە زەربە بېرىشتە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش يەنە بىر مۇھىم مەقسەت بولغان. خىتاي 2014-يىلى، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلامىي كۈچلەرنىڭ ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.