كۆزەتكۈچىلەر ناتو ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە قىزىقماقتا

0:00 / 0:00


خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ نۆۋەت ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە قىلغان زىيارىتىدە بۇ دۆلەتلەر بىلەن غايەت زور ئېنىرگىيە كېلىشىملىرىنى تۈزدى. ھەرقانداق ئېنىرگىيە سودىسىنىڭ ئارقىسىدا سىياسەت بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ بۇنداق كۈچىيىپ كېتىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق مەنا ئىپادىلەيدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلماقتا.

خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە تەتقىقاتى ژۇرنىلى بولغان دىپلومات ژۇرنىلى بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەتقىقاتچىلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئالغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئىرادە سىلەرگە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

دىپلومات ژۇرنىلى خەلقئارالىق مەسىلىلەر، بولۇپمۇ ئاسىيا - تېنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئىستراتېگىيىسى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى ئاساس قىلىدىغان نوپۇزلۇق بىر ژۇرنال. دىپلومات ژۇرنىلى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئانالىزلارغىمۇ ئەڭ كۆپ ئورۇن بېرىۋاتقان ژۇرناللارنىڭ بىرى بولۇپ، بۈگۈن بۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياغا ياخشىچاق بولماقتا» ناملىق ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان ئېنىرگىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلگەن.

ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بۇ نۆۋەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركمەنىستان قاتارلىق ئېنىرگىيىگە باي دۆلەتلەر بىلەن غايەت زور ئېنىرگىيە كېلىشىملىرى تۈزگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىگە تېخىمۇ چىڭ باغلىنىشىغا سەۋەب بولىدىكەن. يەنى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئېنىرگىيە ساھەسىگە سېلىۋاتقان يۈزلەرچە مىليارد دوللارلىق مەبلىغى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى خىتايغا تېخىمۇ چىڭ باغلىسا، ئوخشاش ۋاقىتتا خىتاينىڭمۇ سىرتتىن كېلىدىغان ئېنىرگىيىگە تايىنىشى يۇقىرىلاپ بارىدىكەن. ئىلگىرى ئىسرائىلىيىنىڭ رۇسىيىدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتى بولغان، ھازىر ئامېرىكىدىكى جون خوپكنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا - كاۋكازىيە تەتقىقاتچىسى دوكتور ئاۋىنوئام ئىدان دىپلومات ژۇرنىلىغا قىلغان سۆزىدە، بۇ ئېنىرگىيە كېلىشىملىرىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ «ئېنىرگىيىدىن كىرىدىغان كىرىم ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ پەقەت ئىقتىساد ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ سىياسىي مۇقىملىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن. دوكتور ئىدان سۆزىدە يەنە، ھەرقانداق بىر ئېنىرگىيە كېلىشىمىنىڭ ئارقىسىدا سىياسىي مەنپەئەتلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ ئېشىشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسى تەسىرىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە - پەقەتلا خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ خەۋپسىزلىكى، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان گېئوپولىتىك مۇناسىۋەتلەر ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ئەڭ غەربىي رايونى بولغان ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا بېرىپ تاقىشىدىكەن.

شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىق ئۈستىدىمۇ ناھايىتى كۆپ توختالغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قوشنا بولغان قازاقىستان بىلەن تۈزگەن «قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىرلەشمە خىتابنامىسى» دە ئوچۇق ھالدا بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، ھەرقانداق بۆلگۈنچى تەشكىلات ۋە گۇرۇھلارنىڭ پائالىيىتىنى قەتئىي چەكلەش، بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئۇنداقتا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بۇ دەرىجىدە قويۇقلىشىپ كېتىشى ئۇيغۇر ئېلى ئۈچۈن قانداق مەنا ئىپادىلەيدۇ ؟ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى تەخمىن قىلىش ئۇنچە ئوڭاي بولمىسىمۇ، شۇنىسى يۈزدە - يۈز ئېنىقكى، خىتايغا ماسلىشىپ كېلىۋاتقان بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرى بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرى مەسىلىسىدە ۋە «چېگرىدىن ھالقىغان جىنايەت» مەسىلىىسدە خىتايغا تېخىمۇ بەك ماسلىشىدىكەن. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆزەتكۈچىلەر يەنە، ناتو ئەسكەرلىرىنىڭ كېلەر يىلى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقىشىنىڭ تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە تېخى ئېىنىق بىر نەرسە دېيىشنىڭ قېيىنلىقىنى ئەسكەرتكەن. خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپسىسىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى تاينان بۇ ھەقتە دىپلومات ژۇرنىلىغا سۆز قىلىپ «ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگۈسى مۇقىمسىزلىق شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن خىتاي بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا» دېگەن.

ئاۋسترالىيىدىكى گىرىففىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى كولىن ماككېراس بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خىتاي رايوندا ئەزەلدىن بېرى قوللىنىپ كېلىۋاتقان دىكتاتور سىياسەت بىلەن بىرلىكتە بىر قىسىم ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرنى يارىتىش ئارقىلىق رايوندا مۇقىملىق بەرپا قىلالامدۇق، دېگەن مەسىلە ئۈستىدە باش قاتۇرماقتا، دېگەن. ئۇ 2009 - يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا زور كۆلەملىك ۋەقە چىقىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما تارقاق شەكىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «شىنجاڭدا ئىقتىسادنىڭ ئىلگىرىگە قارىغاندا ياخشىلانغانلىقى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ئازراق نەتىجە كۆرسەتتى دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا رايوندا ئېتنىك پەرق ۋە شۇنداقلا رايونلار ئارا پەرقمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا» دېگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەرەققىياتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈۋاتقانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك، قولغا چىققۇدەك پاكىتلار ئىنتايىن ئاز ئىكەن. تۈركمەنىستاندىن كېلىدىغان نېفىت تۇرۇبىسى گەرچە ئۈرۈمچىدىن ئۆتسىمۇ ۋە خىتاي بۇ تۈركمەن گازىنى خىتايدىكى 400 مىليون كىشىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ، دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇ 400 مىليون كىشىنىڭ زادى كىملىكىنى ئېنىق تىلغا ئالمىغان. دىپلومات ژۇرنىلى يەنە، نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا باي بۇ رايوننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ يىللىق كىشى بېشى كىرىمى باشقا ئۆلكىلەرنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بىر قاتار ئىقتىسادىي پىلانلارنى يولغا قويۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى تېررورچى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى بولسا تېررورلۇق ھەرىكەت نامى ئاستىدا باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.