ئوتتۇرا ئاسىيا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» باشلاندىمۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە ھەسسىلەپ مەبلەغ سېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ مايىللىقنى قولىغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەيدىغانلىقى، نۆۋەتتە خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرىنى ئالتۇن دەۋرگە قەدەم قويدى دېيىشكە تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي رەئىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتكە قىلغان زىيارىتى داۋامىدا بۇ ئەللەرگە ئون مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشى، ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلاردىن چىقالماي تەبىئىي بايلىقلىرىنى سېتىش بەدىلىگە جان ساقلاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» نىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ ياكى بۇ ئەللەرنىڭ تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىتاينىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە خام ئەشيا بازىسىغا ھەمدە ئىقتىسادى كېڭەيمىچىلىك ئىستراتېگىيىسىدىكى پېچكىلارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر بېرەمدۇ؟

«ئازادلىق» رادىئوسى يېقىنقى ئاڭلىتىشىدا ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىپ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

قازاقىستانلىق سىياسەتچىلەردىن دوسىم ساتبايىۋ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھاكىمىيىتى ئوتتۇرا ئاسىياغا سىياسىي مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يەنى بۇ دۆلەتلەرنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇش ئۈچۈنلا مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. چۈنكى، خىتاي بېرىلگەن ئاقچىغا خىتايدىن كېرەكلىك زاپچاسلارنى سېتىۋېلىشنى ھەمدە پىلانلانغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە ھۆددىگە بېرىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاقچىلار ئايلىنىپ بېرىپ يەنىلا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ چۆنتىكىگە چۈشىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بولسا ئۆزىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى بىلەن بۇ قەرزلەرنى قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.»

يۇقىرىدەك ئەھۋالدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قانداقتۇر ئالتۇن دەۋرنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى قەيت قىلغان قازاقىستانلىق بۇ سىياسەتچى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە خەۋپسىزلىكىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا مىلياردلىغان دوللار سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى ئۆز كونتروللۇقىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئازادلىق» رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە، خىتاي رەئىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى» قۇرۇش تەسەۋۋۇرىغا قارىتا موسكۋا ئىقتىسادىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالكىسى ماسلوۋنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرى بېرىلگەن: خىتاينىڭ بۇ تەشەببۇسى رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بىرلىشىپ «ياۋرۇ-ئاسىيا باج ئىتتىپاقى» قۇرۇش پىلانىغا قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەگەر بۇ تەشەببۇس ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، خىتاي ئىقتىسادى جەھەتتىن رۇسىيەنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتلەردىن ئۈزۈل-كېسىل كونترول قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىشكەك يىغىنىدىن كېيىنلا سانكىت-پېتىربۇرگ شەھىرىدە كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە دىققەت قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسى ھېسابلانغان ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتاي تەسىرىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىغا بولغان سەزگۈرلۈكىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى،2014-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو قىسىملىرى ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش باھانىسىدە قوللىنىشى مۇمكىن بولغان تەدبىرلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ كەسكىن ئىنكاس قايتۇرۇشىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلىشماقتا.

قىرغىزىستاندىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى نازىم قەمبىرى ئوتتۇرا ئاسىيا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە «ئالتۇن دەۋر» نىڭ بارلىققا كېلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھەقىقىي ياردەم بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىدە تۈركمەنىستان، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن ھەرخىل شەكىلدىكى ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان ئىدى.