خىتاينىڭ شىنخۇا تور بېتىدە كۆرسىتىلىشچە 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خىتاي بىلەن پاكىستان ھاۋا ئارمىيىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ھىندىستاندىن چىقىدىغان «ئىندىئان ئېكپرېسس» گېزىتىنىڭ تور بېتىنىڭ 29 - ئاۋغۇست خەۋىرىدە «خىتاي بىلەن پاكىستان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيىسى بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بارىدۇ». دېيىلگەن.
خەۋەردە يېزىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ گاۋلى 29 - ئاۋغۇست جۇڭنەنخەيدە زىيارەتكە كەلگەن پاكىستان قوشۇنى شىتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى خالىد شامېم ۋيننې ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، «خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ ھەمكارلىقىنى ساقلىشى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن شۇنداقلا رايون تىنىچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق" دېگەن.
خالىد شامېم ۋيننې جاۋابەن: «پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى پاكىستان دىپلوماتىيىسىنىڭ ئۇلتېشى دەپ قارايدۇ. پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەتىنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ» دېگەن
خەۋەردە ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىگە قەدەر خىتاينىڭ ھەربىي رايونى بولغان چېڭدۇ شەھرىدە تېررورىزمغا قارشى بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارىدىغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلگەن.
مەركىزى نيۇ يوركتىكى ياۋرو - ئاسىيا تەتقىقات تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاي - پاكىستان ھاۋا ئارمىيىسى شىنجاڭدا بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بارىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي بىلەن پاكىستان ئىككى تەرەپ ھاۋا ئارمىيىسى شىنجاڭدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ.بۇ رايون سەبىر تاقىتى تۈگىگەن، تىنىچ بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى بولۇپ، پاكىستانغا چېگرىلىنىدۇ. ھەربىي مانېۋىر ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدىغان جاينىڭ ئارقا كۆرۈنىشىدىن قارىغاندا بېيجىڭ بىلەن ئىسلاماباد ئۆز - ئارا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما خىتاي پاكىستاندىن «ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەر بىلەن يېتەرلىك جەڭ قىلمىدى»دېگەن خاپىلىقى ئۈچۈن بۇ مانېۋىر ئارقىلىق ئۇلارغا ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەر بىلەن جەڭ قىلىشنى كۆرسىتىش ئاساسلىق مەقسەت قىلىنغان.»
خەۋەردە؛ خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ياڭ يۇجۇننىڭ 29 - ئاۋغۇستىكى باياناتىدىكى «شاھەئەن - 2 بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى 2 - سېنتەبىرىدىن 22 - سېنتەبىرگە قەدەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.شاھەئەن - 1 بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى 2011 - يىلى پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن» دېگەن باياناتىمۇ نەقىل ئېلىنغان.
خەۋەردە: «خىتاي، پاكىستاننىڭ ئۆز تۇپرىقىدا ئۇيغۇر كۈرەشچىلىرىنى ساقلىشىدىن تەكرار - تەكرار شىكايەت قىلىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ 2011 - يىلى خىتاينىڭ غەربىدىكى قەشقەر ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، خىتاي پاكىستاننى ئەيىپلىدى. لېكىن، بۇ يىل خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭ ئىسلامابادنى زىيارەت قىلغاندا پاكىستاننىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتىكى نەتىجىسىگە ئاپىرىن ئوقۇدى» دېيىلگەن
تور بەتلەردىكى ئىنكاسلاردا ؛«خىتاي تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيىسى بىلەن پاكىستان بىلەن كۆپ تەرەپلەر بويىچە ھەمكارلىشىدۇ.پاكىستانمۇ دائىم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا قارشى تۇرۇش مەيدانى توغرىسىدا خىتايغا ۋەدە قىلىدۇ. خىتايمۇ ھەمىشە شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىن خەلقارا جەمىيەتكە شىكايەت قىلىپ تۇرىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن
خەۋەردە يەنە پاكىستاندىن چىقىدىغان «سۈبىھ» گېزىتىدىن ئېلىنغان «بۇ قېتىمقى مانېۋىر ئۆزگىچە بولغان مۇھىم ھەربىي ھەركەت بولۇپ،بۇ مانېۋىر ئىسلاماباد بىلەن بېيجىڭنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيىسىدىكى ئۆز - ئارا ئىشەنچىسىنى نامايەن قىلىدۇ» دېگەن نەقىلمۇ كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە يەنە ؛«ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتا پاكىستانغا بولغان باشقىچە قاراشلىرىغا نىسبەتەن خىتاينىڭ تېررورزىمغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە پاكىستان بىلەن ھەمكارلىشىشى پاكىستان ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا تولىمۇ ياخشى بىر تەشۋىقات» دېيىلگەن،
خەۋەردە ؛ «نەق مەيداندا ئېلىپ بېرىلدىغان مانېۋىرنىڭ مەقسىتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا قارشى جەڭ ئېلىپ بېرىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بار - يوقلۇقى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر يوق» دېيىلگەن.
ھىندىستاندا چىقىدىغان «ھىندۇستان تىمېس» گېزىتىدە؛ «خىتاي بىلەن پاكىستان پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرگە يېقىن جايدا ھاۋا ئارمىيە بىرلەشمە مانېۋىرى ئېلىپ بارماقچى» دېگەن سەرلەھۋىدە خەۋەر بېرىلگەن.
كەشمىرىدىن چىقىدىغان «كەشمىر ئوقۇرمەنلىرى» گېزىتىنىڭ تور بېتى خەۋىرىدە «خىتاي بىلەن پاكىستان ئازاد كەشمىرگە يېقىن جايدا ھەربىي بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بارىدۇ» دەپ خەۋەر بەرگەن.
پاكىستاننىڭ مۇداپىئە تور بېتىدە كۆرسىتىلىشچە بۇ قېتىمقى ئىككى تەرەپنىڭ ھاۋا ئارمىيىسى بىرلەشمە مانېۋىرىدا خىتاي پاكىستانغا ئالاھىدە ئىشلەپ بەرگەن «ج16» ۋە ياكى«ج17» تىپلىق خىتاينىڭ چېڭدۇدىكى ھاۋا ئارمىيە قورال - ياراق بازىسىدا ئىشلەنگەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقى ئوتتۇرغا قويۇلغان.
ئىككى دۆلەت بىرلەشمە مانېۋىرى توغرىسىدا زىيارتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ھاجى تېپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرى بايان قىلىپ ئۆتتى:
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00
