پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىسىنىڭ زىياپىتىگە بەزى ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

0:00 / 0:00

ئىسلامابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسلامابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىگە تېخى يېقىندا باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن سۇن ۋېدۇڭ پاكىستاندىكى خىتاي مۇھاجىرلىرى بىلەن ئۇچىرىشىش زىياپىتى ئۆتكۈزگەن. پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچىرىشىش زىياپىتىگە شۇ يەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.

بۇ قېتىمقى زىياپەتكە پاكىستاندا خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە خىتاي مۇھاجىرلىرىدىن بولۇپ،جەمئىي يۈزدىن ئوشۇق كىشى قاتناشقان.

ئەمما تور بېتىدىكى خەۋەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى ئۇچىرىشىش زىياپىتىگە قاتناشقانلىقى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇچۇرىدا دېيىلىشىچە، ئۇچىرىشىش زىياپىتىدە سۆز قىلغان خىتاي ئەلچىسى سۇن ۋېدۇڭ پاكىستاندىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي

ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ۋە پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك سىناقلاردىن ئۆتكەن، قېرىنداش قوشنا دۆلەتلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باش ئەلچى سۇن ۋېدۇڭ سۆزىدە رايون بىخەتەرلىكى، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، خىتاينىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ياردىمىگە مۇھتاجلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ زىياپەتتە، خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «خىتاينىڭ چۈشى» ناملىق تەرەققىيات پائالىيىتىگە پاكىستاندىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى، خىتاينىڭ چۈشىنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن ھەممىنىڭ بىردەك كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باش ئەلچى سۇن ۋېدۇڭ سۆزىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پاكىستاندا خاتىرجەم، ئەركىن - ئازادە تىجارەت قىلىشى، خوشال - خورام تۇرمۇش كەچۈرىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا پاكىستاندىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ قوللىشىغا، قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشىگە مۇھتاجلىقىنى تەكىتلىگەن. باش ئەلچى بۇ جەھەتتە خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن ماسلىشىشىنى بىلدۈرگەن. زىياپەتتە پاكىستاننىڭ ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ سۆز قىلغان.

ۋەكىللەر سۆزىدە پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا يېڭىدىن باش ئەلچىلىككە تەيىنلەنگەن سۇن ۋېدۇڭنىڭ خىزمىتىنى بىردەك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ قېتىمقى باش ئەلچى سۇن ۋېدۇڭنىڭ خىتاي مۇھاجىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش زىياپىتىگە پاكىستاننىڭ ئىسلاماباد، راۋالپىندى، گىلگىت قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىنمۇ ۋەكىللەر قاتناشقان. ئىسلامابادقا بەش يۈز نەچچە كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى قەشقەر بىلەن چېگرىلىنىدىغان تاغلىق رايون گىلگىتتىن قەيۇم، راۋالپىندىدىن ئابلىكىم ھاجى، ئىسلامئابادتىن رىزاخان باشچىلىقىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشقان.

بىزگە ئۇچۇر بەرگەن پاكىستاندىكى بىر ئۇيغۇر بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى:

زىيارتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان پاكىستاندىكى بۇ ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئىلگىرى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيىتى توغرىسىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ئۇچۇر بەرگەنلىكى ۋە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى سەۋەبىدىن پاكىستان بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى كېچىدە ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، تەھدىت سالغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئۇيغۇر، خىتاي ئەلچىخانىسى بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى. ئۇ، بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گىلگىتتىن كەلگەن قەيۇم ئىسىملىك ئۇيغۇر ئىلگىرى ئۆزىنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن كۆپ قېتىم خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

راۋالپىندىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، راۋالپىندىدىن بۇ قېتىمقى زىياپەتكە ئىشتىراك قىلغان ۋەكىل ئابلىكىم ھاجى ئىلگىرى بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي تىلى ئۈگەنگەن، ئىلگىرى خىتايدىكى قاچا - قۇچا شىركەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ سودا قىلغان.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.