خىتاي ئەلچىسىنىڭ بايانلىرى قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى جاڭ جەنخۇي قازاقىستاندىكى مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، قازاقىستاننىڭ خىتايغا قاراتقان ۋىزا سىياسىتىنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكى ئۈستىدە توختالغان. خىتاي ئەلچىنىڭ بۇ سۆزى قازاقىستاندىكى كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا ئىنكاس پەيدا قىلغان. بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلغان مۇلاھىزىلىرىدە قازاقىستاننىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا قويغان ۋىزا شەرتىنى بىكار قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ۋە قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا مەسىلىسىنىڭ، يەنى پۇقرالارنىڭ بىر دۆلەتتىن ئىككىنچىسىگە كىرىپ - چىقىش ئۈچۈن بېجىرىشكە تېگىشلىك رەسمىيەت قائىدىلىرىنىڭ، ئۇزۇندىن بۇيان كۆپچىلىكتە ھەر خىل ۋە قارىمۇ - قارشى قاراشلارنى پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇمدۇر.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان ۋە خىتاي ئارىسىدىكى چېگرانىڭ ئۇزۇنلۇقى ئومۇمەن 1740 كىلومېتىرغا يېقىن مۇساپىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ چېگرا ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق ئۆتىدۇ.

ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قازاقىستاندىكى پەۋقۇلئاددە ۋە ھوقۇقلۇق ئەلچىسى جاڭ خەنخۈينىڭ مەملىكەتلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ژۇرنالىستلىرى ئالدىغا چىقىپ، ئېيتقان سۆزى بۇ يەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 9 - مارتتا «راتېل، ئۆز» ئانالىتىكىلىق تور بېتىدە «قازاقىستان خىتايلار ئۈچۈن ۋىزىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاپتورى ئاننا كالاشنىكوۋا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قازاقىستاندىكى پەۋقۇلئاددە ۋە ھوقۇقلۇق ئەلچىسى جاڭ خەنخۈي مەملىكەتلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ژۇرنالىستلىرى ئالدىدا سۆزلەپ، قازاقىستاننىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە نىسبەتەن تۇتقان ۋىزا سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ قۇدرىتىنى قازاقىستاننىڭ ئېسىگە سېلىشنى توغرا كۆرگەن. ئۆزىنىڭ خېلى ھاياجانلىق بىلەن ئېيتقان بۇ سۆزىدە ئۇ، خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ خورلىنىشى ھەققىدە بىلدۈرۈپ، قازاقىستان دائىرىلىرىنى قاتتىق سۆكتى.»

ماقالە ئاپتورى بۇ ۋەقەنى چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەرگە مۇراجىئەت قىلغان. سىياسەتشۇناس، خىتاي بويىچە تونۇلغان مۇتەخەسسىس كونستانتىن سىرويېژكىن خىتاينىڭمۇ قازاقىستان پۇقرالىرىغا نىسبەتەن تۇتقان ۋىزا سىياسىتىنىڭ شۇنداقلا ئىكەنلىكىنى، خىتاي دىپلوماتىنىڭ مەسىلىنى توغرا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «بۇ مەسىلىنى ئىككى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئولتۇرۇپ، بىرلىكتە ھەل قىلىشى كېرەك. بۇ سۆزدە مەن قانداقتۇر بىر خەۋپنى كۆرمەيۋاتىمەن، بۇ مەسىلىنى بۇرۇنلا ھەل قىلىش لازىم ئىدى، بىزنىڭمۇ ئادەملىرىمىز شىكايەت قىلماقتا. بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كېلىۋاتقان پەقەت قازاق ۋە ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى بارلىقىغا تېگىشلىك.» ك. سىرويېژكىن ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم كېلىشىملەر بار بولۇپ، ئىككى تەرەپلىمە بېرىش - كېلىش رەسمىيەتلىرىنى يېنىكلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەمدى سىياسەتشۇناس راسۇل جۇمالى بولسا، بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق دۆلەت ۋەكىلىنىڭ، يەنە كېلىپ دىپلوماتنىڭ مۇنداق قاتتىق تەلەپپۇزدا سۆزلىشى توغرا ئەمەس. مۇمكىن قەدەر، ئۇنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەكلىپ قىلىپ، مۇنداق تەلەپپۇزدا سۆزلەشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش پايدىلىقتۇر. بۇ مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى. ئىككىنچىدىن، قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ 25 يىللىق ھەمكارلىق تەجرىبىسى بار، بىزنىڭ مەملىكەتلىرىمىز ھەقىقەتەنمۇ ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە.» ر. جۇمالى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز - ئارا مەسىلىلەرنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقەتەنمۇ ھازىر دۇنيا مەملىكەتلىرى ئۆز - ئارا ۋىزا مەسىلىلىرىنى يېنىكلىتىش بويىچە ئاماللارنى قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دىپلوماتىنىڭ خىتاي ئۈچۈن دىپلوماتىيىلىك ۋىزىلارنى بىكار قىلىش تەكلىپىنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى، ئۇلار ئۈچۈن ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى پەقەتلا يېنىكلىتىش ئۈچۈن چارىلەر كۆرۈشنىڭ مۇمكىنلىكىنى، ئەمدى ساياھەتچى ھەم باشقىلار ئۈچۈن بۇ ھەقتە ھەتتا سۆزلەشنىڭمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ باشقىلار ئۈچۈن ۋىزا تەرتىپىنى مۇشۇ قېلىپتا قالدۇرۇش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى، مۇنداق مەسىلىلەرنى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دائىرىسىدە ئەمەس، بەلكى بۇنىڭغا ھوقۇقلۇق رەسمىي ئورگانلار دائىرىسىدە قاراشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىسى جاڭ خەنخۈي ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قازاقىستاننى قاتتىق سۆكۈپ، ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىلىرىنى قويغان. بۇ دىپلوماتىيەگە ياتمايدۇ، قوپاللىق، ئۆزىنىڭ چوڭ دۆلەتچىلىك سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان نەرسە. بۇ توغرىلىق خىتاي بويىچە مۇتەخەسسىس سىرويېژكىن خىتاي بىلەن كېلىشىپ، بەزى يەرلەرنى خىتاينىڭ دېگىنىگە قاراپ، يان بېسىشنى تەكلىپ قىلىپتۇ. مەن بۇنىڭغا قارشى. دىپلوماتلار خەلقئارا كېلىشىم بويىچە ئاددىي ۋىزا بىلەن كەلسە بولىدۇ، ئەمدى قالغىنى ئۈچۈن ھازىرقى مۇشۇ ۋىزا شارائىتىنى توغرا، دەپ ھېسابلايمەن. بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق پايدا يوق. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تۇتقان ئىستېلاچى سىياسىتى بويىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ مىللەتنى قاتتىق كونترول ئاستىدا تۇتىدۇ. ھازىر قازاقىستاننىڭ ئەھۋالىنى ھېسابقا ئېلىپ، مەن ئويلايمەن، ۋىزا مەسىلىسى ھازىر قانداق بولسا، شۇنداق بولۇش كېرەك. بۇ مەسىلىدە قاتتىق تۇرۇش كېرەك.»

سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوف بولۇپمۇ ھەم دىپلوماتلار، ھەم باشقىمۇ ھەر ساھە ۋەكىللىرى ئۈچۈن ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى يېنىكلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇنداق بولغان تەقدىردە قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، مەدەنىي ئالاقىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ راۋاجلىنىشىغا ئىمكانىيەتلەر تۇغۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەڭ كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، قازاقلارنىڭ قازاقىستانغا پات - پات كېلىشى مۇمكىنچىلىكلەرگە ئىگە بولۇشى لازىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ يەردە قېرىنداشلىرى كۆپ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىي ئالاقىلىرىنى ساقلاپ قېلىشى مۇھىمدۇر. مەن خىتاينىڭ كۆپلىگەن قازاقلىرى بىلەن ئارىلاشقىنىمدا، ئۇلار ۋىزىلارنىڭ پەقەت بىر قېتىم كىرىپ - چىقىشى ئۈچۈن يارايدىغانلىقى ھەققىدە ئەرز قىلغان ئىدى. بولۇپمۇ ھەر ئىككى تەرەپتە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ھەم قازاق، ھەم ئۇيغۇرلارغا كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلار تۇغۇلماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا بىر يىللىق ياكى بىر نەچچە يىللىق ۋىزىلارنى بېرىش كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»

غ. ئاگېلېئۇئوف شۇنداقلا خىتاي دىپلوماتىنىڭ يۇقىرىدىكى ئەرزىنىڭ ئۇنىڭ شەخسىي پىكرى بولۇپ، مۇنداق ئەرزلەرنى قازاقىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا كېلىپ بىلدۈرۈشىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى، ئىككى مەملىكەت ئارىسىدا سۈركىلىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويماسلىق لازىملىقىنى بىلدۈردى.