قازاقىستاننىڭ «تېڭرىنيۇس» ئاگېنتلىقى 7-فېۋرال كۈنى «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالمۇتادىكى باش كونسۇلى جاڭ ۋېي خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قۇرۇلغان ‹تەربىيىلەش لاگېرلىرى› ھەققىدە چۈشەنچە بەردى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي باش كونسۇلى جاڭ ۋېي ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان.
مەزكۇر ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي باش كونسۇلى جاڭ ۋېي، ‹تېڭرىنيۇس› ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ‹مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قۇرۇلغان تەربىيىلەش لاگېرلىرى› نىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى ئاخباراتلارنى ئىنكار قىلدى. بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى CNN تېلىۋىزىيەسى مەخسۇس خەۋەر قىلغان ئىدى. CNN نىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 120 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ش ئۇ ئا ر قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ‹سىياسىي تەربىيىلەش لاگېرلىرى› غا سولانغان ئىكەن. بۇ مەسىلە ھەققىدە خىتاي باش كونسۇلى چۈشەنچە بېرىپ، ھەر قانداق بىر مەملىكەتنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.»
مەزكۇر ماقالىدا دېيىلىشىچە، ئالمۇتادىكى خىتاي باش كونسۇلى ئامېرىكىنىڭ CNN تېلېۋىزىيىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «CNN - بۇ غەرب ئاخباراتى. ئۇلار تارقاتقان خەۋەرلەرگە ئىشەنمەڭلار. مۇنداق بىر ئىش بىزدە، يەنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە مەۋجۇت ئەمەس. CNN بۇ مەسىلىدە ھەممىدىن ياخشى مەلۇمات ئالغاندەك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئىشنى شۇلاردىن سوراڭلار. لېكىن مەن ئويلايمەنكى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ھەر قانداق بىر مەملىكەت ئۈچۈن بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ۋەزىپە بولۇش كېرەك. قازاقىستاندىمۇ شۇنداق، بۇ يەردىمۇ مەملىكەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خۇددى شۇنداق سىياسەت يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. ھېچ قانداق بىر مەملىكەتنىڭ مۇنداق مەسىلىگە دىققەت قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەيمەنكى، بۇ مەسىلە بويىچە غەرب ئاخباراتلىرىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئۇچۇر ئېلىڭلار. ئۇلار بۇ مەسىلىنى قانداق يورۇتۇۋاتىدۇ، قانداق خەۋەر قىلىۋاتىدۇ، شۇلاردىن دەلىل ۋە پاكىتلارنى كۆرۈڭلار. شۇلاردىن نەقىل كەلتۈرسەڭلار ياخشى دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە، بۇ ئەركىن ئاخبارات، بىز بۇنى بىلىمىز. ئەمما مەن يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەنكى، ھەرقانداق مەسىلىگە بولغان جىددىي پوزىتسىيە، ھەقىقىيلىق، ۋە ئوبيېكتىپلىق - بۇ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەقىقىي خادىملىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەتلەردۇر.»
ئالمۇتادىكى خىتاي باش كونسۇلىنىڭ بۇ باياناتى قازاقىستاننىڭ «دېلوۋوي قازاقىستان»، «تۇدېي قازاقىستان»، «زاكون قازاقىستان»، «سپۇتنىك قازاقىستان»، «ئازادلىق»، «جاس ئالاش» قاتارلىق دۆلەتلىك ۋە مۇستەقىل ئاخبارات قاناللىرىدا ئۇلاپ بېسىلدى. ھالبۇكى، ئۇلاردا قازاقىستاننىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ ياكى بولمىسا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىنكاسلىرى ئورۇن ئالمىدى. «جاس ئالاش» گېزىتىدە بېرىلگەن ئاخباراتتا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قاماققا ئېلىنىپ، سىياسىي تەربىيىگە ئەۋەتىلگەنلىكى توغرىلىق ئىلگىرىمۇ خەۋەرلەر بېرىلگەنلىكى، خىتايدىكى قازاقلارنىڭ قازاقىستانغا بېرىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەنە شۇنداق سىياسىي لاگېرلارغا قامالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «ئازادلىق» رادىئوسىنىڭ قازاقچە ئاڭلىتىشى بولسا «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ خەۋەرلىرىگە شۇنىڭدەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىگە ئاساسلىنىپ، پەقەت قەشقەردىكى «سىياسىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دە120 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھەر بىر ئائىلىدىن ئۈچتىن ياكى تۆتتىن ئادەمنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، يېزىلاردا پەقەت ئاياللار بىلەن بالىلارنىڭ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. قازاقىستاندا رۇسچە چىقىدىغان «كازاخستانسكايا پراۋدا»، يەنى «قازاقىستان ھەقىقىتى» گېزىتىدە قەشقەردىكى «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ۋە ئۇنىڭغا قامالغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇنداق ھەرىكەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلار ۋە يەرلىك ئاھالە تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېيوف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، مۇنداق «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» خىتايدا بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ مەۋجۇت بولغان بولۇپ، ئۇ يەرلەردە سىياسىي مەھبۇسلار ئونلىغان يىللار داۋامىدا زەرداب چەككەن. ستالىن دەۋرىدىكى كوممۇنىستىك تۈزۈمدىمۇ مۇنداق لاگېرلار مەۋجۇت بولغان ئىكەن. ئۇ خىتاينىڭ ئىلگىرىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە خىتايدا مۇنداق لاگېرلارنى يوق دەپ ئېيتىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي رەھبەرلىكىنىڭ ئەسلىدە ئۆز ئېلىنىڭ پۇقرالىرىغا نىسبەتەن يۇمشاق سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى خالىغان بولار ئىدىم، سەۋەبى ئۇلار خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرى. كىشىلىك ھوقۇق باشقىلارغا ئوخشاشلا خىتاي ئۈچۈنمۇ مۇھىم. ماركسىزم-لېنىنىزم ياكى كوممۇنىزم ئىدىيىسىدە ياكى بولمىسا ھازىرقى خىتاي دەۋاتقان خىتايچە سوتسىيالىزم سىستېمىسىدا بۇنداق لاگېرلارنىڭ، يەنى ‹تەربىيىلەش لاگېرلىرى› نىڭ بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەلۋەتتە، خىتاي ھازىر ئۆزگەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي تەسىرىنى دۇنياغا كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئۇ ئا ق ش ۋە رۇسىيە بىلەن بىر قاتاردا دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدىكى ئاكتىپ ئويۇنچىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بىز ئۈچۈن بىزنىڭ قوشنىمىزنىڭ دېموكراتىك سىستېمىدا بولۇشى، قازاقىستان بىلەن ياخشى قوشنىدارچىلىق قىلىشى ۋە ئۆز-ئارا ھۆرمەت ئالاقىلىرىدە بولۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ش ئۇ ئا ر دىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتلىرى ھېسابقا ئېلىنىشى، ئۇلارنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق نورمىلىرى ئاساسىدا ساقلىنىشى لازىم. خىتاي مۇشۇ يۆنىلىشتە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغان بولسا، خىتاي ۋە قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى كۆپلىگەن مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان بولاتتى».
غالىم ئاگېلېيۇف، گەرچە خىتاي باش كونسۇلىنىڭ «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» توغرىلىق ئاخباراتقا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ يەردە خىتاينىڭ ھازىرقى كوممۇنىستىك تۈزۈمنىڭ تەلەپلىرىگە ماسلاشقان ھالدا جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۆزىدىكى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ھەر دائىم ھۆكۈمەت پايدىسىغا يۈزلەندۈرىدىغانلىقىنى، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى ئېيتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سىياسەتشۇناس جاسارال قۇۋانىشالىن ئەپەندى خىتاي باش كونسۇلىنىڭ مۇنداق بىر بايانات بەرگەنلىكىنىڭ دىكتاتورلۇق تۈزۈمىگە خاس بىر ئادەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ ئۈچۈن خىتايلار بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوققا چىقىرىۋاتىدۇ ۋە ئىقرار قىلمايۋاتىدۇ. ئۇلار بۇنى يالغانغا بۇراپ، ھەر قاچان ئۆز مۇقامىنى توۋلاۋاتىدۇ. ئەمما بۇنداق لاگېرلارنىڭ ئۇ ئا ر دا مەۋجۇتلۇقى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان ھەقىقەتقۇ. بۇ ھەقتە دۇنيانىڭ چوڭ-چوڭ تاراتقۇلىرىدا ئېيتىلىۋاتىدۇ، يېزىلىۋاتىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، خىتايدا شۇنداق بىر سىياسەتنىڭ يۈرگۈزۈلىۋاتقانلىقىغا قانداقمۇ كۆز يۇمىمىز! بۇ ئېنىق دەلىللەنگەن ھەقىقەت. ئالمۇتادىكى خىتاي كونسۇلى بۇ يەردە ئۆزىگە بېرىۋاتقان بۇيرۇقنى ئورۇنلاۋاتىدۇ، خالاس.»
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئالمۇتادىكى خىتاي باش كونسۇلىنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەھشىي قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، بۇ كونسۇل ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنى بىلمەيدۇ دېسە، بۇنىڭغا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇ دىپلوماتلارغا خاس بولمىغان بىر ئىستىلدا ھەقىقەتنى بۇرمىلاۋاتىدۇ. بۇ توغرىلىق ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ۋە باشقۇ تاراتقۇلار دەلىللەنگەن پاكىتلارنى سۆزلەۋاتىدۇ. يېقىندا دىنىي ئۆلىما مۇھەممەد سالىھنىڭ ۋاپات بولۇشىمۇ ئۈرۈمچىدىكى ئاتالمىش ‹تەربىيىلەش مەركىزى› دە يۈز بەردى. بۇ خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى، خالاس.»
قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ ھەقىقەتنى ھېچ قاچان ئېيتمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» باھانىسىدە رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.