خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ شۇنداقلا خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان قازاق پائالىيەتچى مەكەن قىدىرالى ئەپەندى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن بىزگە بەرگەن دوكلاتتا، خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى «شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاقلارنىڭ قازاقىستانغا كېلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن جازاغا ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە سوتلىنىۋاتقانلىقى» بايان قىلىنغان. دوكلاتتا يەنە 2016-يىلى كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ چېن چۈەنگونى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا سېكرېتارلىققا تەيىنلىگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنى، 2017-يىلىنىڭ بېشىدىن تارتىپ قازاقلارنى باستۇرغانلىقى، قازاقىستانغا، تۈركىيەگە باردىڭ، ناماز قىلدىڭ دەپ ئەيىبلەپ كۆپ ساندا كىشىنى قامىغانلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتتا يەنە خىتاي تەرىپىدىن ھەر خىل مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 112 قازاقنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، تۇغۇلغان يىلى ۋە جايى، نەچچە يىل قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى يېزىلغان.
مەزكۇر دوكلات توغرىسىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەكەن قىدىرالى ئەپەندى بۇرۇن ئۇيغۇرلارغا قاتتىق بېسىم بار ئىكەنلىكىنى، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن تارتىپ كۆپ ساندا قازاقنىڭ پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ، تۇتۇپ سولاپ قويغانلىقىنى، نېمىشقا تۇغقىنىمنى سولايسەن ؟ دېگەن كىشىلەرنىڭمۇ سولاپ قويۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ، خىتاينىڭ ئۆزلىرى ئۈرۈمچى ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقان ئىماملارنىمۇ تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەكەن قىدىرالى ئەپەندى خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، قامالغان قازاقلارنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ قازاقىستاندا دوكلات بېرىش يىغىنىدەك بەزى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە، ئۇيغۇر دىيارىدىن قېچىپ چىققان كۆپ ساندا قازاقنى 1952-يىلى قوبۇل قىلغان. رەسمىي بولمىغان ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغان ھازىر تۈركىيەدە 50 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ كەلگەن قازاق ياشايدىكەن. بۇ قازاقلار 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، 1991-يىلى قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ دەۋادىن ئۇزاقلىشىشقا باشلىغان. قازاق تەتقىقات مەركىزى رەئىسى سەرقان دىنچتۈرك ئەپەندى خىتاينىڭ ئەمدى ھەقىقىي يۈزىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى، بولۇپمۇ قازاقلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى تۈركىيەدە، شۇنداقلا دۇنيادا تونۇتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قازاقلارغا بولغان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى قازاقلارغا بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسەن ئىككى سەۋەبى بارلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندەك دۆلەتلەر بۇنىڭغا ھازىرچە نارازىلىق بىلدۈرمىگەن بىلەن كېيىنچە نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ بېسىم سىياسىتىنىڭ خىتايغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەكان قىدىرالى ئەپەندى خىتاينىڭ قازاقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ بېسىم سىياسىتىنى قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن بۇ ھەقتە تەييارلىغان دوكلاتلىرىنى دېموكراتىيەلىك ئەللەرگە، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.