تاجىكىستان خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن رايون توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە داۋام قىلماقتا
2013.05.23

يېقىنقى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ رۇسىيە ۋە تاجىكىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتايغا بېرىۋېتىلگەن تاجىكىستاننىڭ تاغلىق بەدەھشان رايونىغا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار پەيدا بولغان ئىدى.
بۇ مەلۇماتلار ئۆز نۆۋىتىدە كۆزەتكۈچىلەردە كۆپلىگەن تالاش-تارتىشلار ۋە بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
«سېنتىر ئاسىيا» دا ئېلان قىلىنغان «تاجىكىستان ۋەيرانچىلىق چېكىدە» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ماكسىم بېزرۇكوف تاجىكىستاننىڭ ئومۇمى قەرزىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا 2 مىليارد 169 مىليون ئا ق ش دوللىرىغا يەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. تاجىك ئانالىزچىلىرى مەملىكەتنىڭ تاشقى قەرزىنىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئىقتىسادىغىلا ئەمەس، بەلكى مىللىي بىخەتەرلىكىگىمۇ خەۋپ تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە بىر تەشۋىشتە بىلدۈرمەكتە ئىكەن. م. بېزرۇكوف ھەر بىر قەرز بەرگۈچىنىڭ ئۆز قەرزىنى ياندۇرۇۋېلىش مەقسىتىدە تاجىكىستاننىڭ يېرىنى داۋا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھەم بۇ يەردە خىتايغا بېرىۋېتىلگەن تاغلىق بەدەھشان رايونىنى مىسالغا كەلتۈرگەن. ئۇ خىتاينىڭ تىنچ يول بىلەن بېسىۋېلىش مېتودىنى تىلغا ئېلىپ، تاجىكىستان خەلقىنىڭ ئەتىكى تەقدىرىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقى ئۈستىدە قاتتىق ئويلىنىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«پراۋدا گېزىتى» دە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سېرگېي كوژېمياكىننىڭ «خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىياغا بېسىپ كىرىشى كۈچىدىن قالدۇرۇلدى» دېگەن ماقالىسىدە، تاجىكىستاننىڭ بەدەھشان رايونىغا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ ھەقىقەتكە ماس كەلمەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالە ئاپتورى بەزى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بۇ خەۋەرگە ژۇرنالىستلارنىڭ، ھەتتا بەزى ئانالىزچىلارنىڭمۇ ئىشىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ پىكرىچە، تاجىكىستان ھەقىقەتەنمۇ ئۆز يېرىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى خىتايغا بېرىۋەتكەن. ئامما خىتاينىڭ بۇ يەرلەرگە داۋاسى ئۇزاقتىن بۇيان كېلىۋاتقان جەريان بولۇپ، بۇ پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلىغاندىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
«بېيجىڭنىڭ رەسمىي مەۋقەسى پۈتۈنلەي ئەقىلگە مۇۋاپىق ۋە ئەمەلىي بولغان. گەپ شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، 19-ئەسىردە خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا يەرلىرى ئارىسىدىكى چېگرالار ئاساسسىز ئورنىتىلغان. يەرلەرنىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلەش ئالىي مەملىكەتلىك دەرىجىدە ئەمەس، بەلكى كۆپىنچە يەرلىك ھاكىملار بىلەن مۇزاكىرىلەر يۈرگۈزۈش يولى ئارقىلىق ھەل قىلىنغان ئىدى. (بۇ ۋاقىتقا قەدەر ھالسىزلىنىۋاتقان چىن ئىمپېرىيىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلەرنى كونترول قىلالمايۋاتاتتى). 1991-يىلى بۇ رايوندا يېڭى مۇستەقىل مەملىكەتلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈچى (قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان) خىتاي بىلەن چېگرىداش بولغاندا، خىتاي بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. نەتىجىدە يېڭى ئەسىرنىڭ بېشىدا تالاش-تارتىشتىكى كۆپلىگەن يەرلەرنىڭ يېڭى چېگرالىرى بەلگىلەندى.»
ماقالىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي قازاقىستاننىڭ 407 كۋادرات كىلومېتىر، قىرغىزىستاننىڭ مىڭدىن ئوشۇق كۋادرات كىلومېتىر، تاجىكىستاننىڭ مىڭدىن ئوشۇق كۋادرات كىلومېتىر يېرىگە ئىگە بولغان. س. كوژېمياكىن خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ تاغلىق بەدەھشانغا كىرگەنلىكى توغرىلىق خەۋەرنى تاجىكىستاننىڭ ئۆكتىچى بىرىككەن سوتسىيال-دېموكراتىك پارتىيىسى رەھبىرى رەھمەتۇللا زايىروفنىڭ تارقاتقانلىقىنى، ئۇنى رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قوللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئاپتور شۇنداقلا بۇنى مەملىكەت پرېزىدېنتى ئېمامئەلى رەھمانغا قارشى ئۆكتىچى تەشكىلاتلارنىڭ ھەم شۇنداقلا تاشقى كۈچلەرنىڭ تاجىكىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇشقا قاراتقان ھەرىكىتى، دەپ چۈشەندۈرگەن.
ئەمدى «ھەپتە ئەينىكى» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «ئالەم چېدىرىدىكى ئەجدىھا-خىتاي پامىردا. سايلام ئالدىدىكى ئويدۇرمىمۇ ياكى يېقىندىكى ئىستىقبالمۇ!» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ئالېكسېي كوۋالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئاخباراتنىڭ تارقىتىلىشىنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبى تاجىكىستاندىكى ئەينى ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلىشتىن كېلىپ چىققان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئاخبارات رۇسىيە ئانالىزچىلىرىغا تاجىكىستاننىڭ بىر دۆلەت سۈپىتىدە تېخى شەكىللەنمىگەنلىكى، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈپ، بۇ يەردە «خىتايلارنىڭ غوجايىنلىق قىلىدىغان» لىقى شۇنداقلا پەقەت رۇسىيە بىلەن بىللە بولغان ھالەتتىلا تاجىكىستاندا تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە گۈللىنىشنىڭ تەمىنلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىشى ئۈچۈن باھانە بولغان. رۇسىيە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تاجىكىستاندىكى تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىشنى، ئا ق ش ۋە تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا ھەربىي بازىلارنىڭ ئورنىتىلىشى ھەققىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ ئېلىپ يېرىلىشىغا قارشى تۇرۇشنى، تاجىكىستاندىكى ۋەزىيەتنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىشنى كۆزلىمەكتە.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي پەقەت بىر نەرسىنىلا چۈشىنىشكە تىرىشماقتا، يەنى تاجىكىستان ئۆز ئالدىغا ئۈچ خىل خەۋپكە قارشى تۇرالامدۇ ياكى يوقمۇ؟ 14-مايدا تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي بىلەن تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىش ھەققىدە كېلىشكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى خىتاي تاجىكىستاننىڭ قېزىلما بايلىقلار، شۇ جۈملىدىن ئالتۇن، ئۇران چىقىرىش، قۇرۇلۇش، يېزا ئىگىلىكى، ئالاقە، ئېنېرگىيە ساھەلىرىگىمۇ يېقىندىن ئارىلاشماقتا.
ماقالە ئاپتورى ھازىر تاجىكىستاندا ئومۇمەن 30 مىڭدىن ئوشۇق خىتاينىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ، ماقالىسىنى مۇنداق دەپ تاماملىغان: «شۇنداق قىلىپ، ئىت ھاۋشىماقتا، خىتاي كارۋىنى يۈرمەكتە. بېيجىڭنىڭ، مۇبادا ۋەقەلەر ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق بولمىسا، تاجىكىستاندىكى مەنپەئەتلىرىنى قانداق قىلىپ قوغداپ قالماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.»