ب د ت ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھەقلەر كومىتېتى 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە خىتايدا ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ئەھدىنامىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بېرىپ بۇ كومىتېتنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەردى. د ئۇ ق 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا بۇ ھەقتە 47 بەتلىك بىر دوكلات تەييارلاپ ب د ت غا بەرگەن بولۇپ، بۇ دوكلات ئىككى ھەپتە بۇرۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان.
خىتاي دۆلىتى 2001-يىلى خەلقئارالىق ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ئەھدىنامىسىگە قول قويغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2004-يىلى بۇ ئەھدىنامىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە خىتايغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، بۇ 2-قېتىملىق تەكشۈرۈش ئىكەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتە دولقۇن ئەيسا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزگە دىققەت قىلغايسىلەر.