دۇنيا مەتبۇئاتچىلار قۇرۇلتىيىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەنقىدكە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات-ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە قاراتقان بېسىمى دۇنيا مەتبۇئات-ئاخباراتچىلار بىرلىكىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. دۈشەنبە كۈنى، پۈتۈن دۇنيادىكى 18 مىڭدىن ئارتۇق مەتبۇئات ئورگانلىرى ۋەكىللىرىنىڭ بىر ئارىغا جەم بولۇشى بىلەن باشلانغان دۇنيا مەتبۇئاتچىلار قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى باياناتتا، خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكى مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخباراتنى ئەركىن قويۇۋېتىشكە چاقىرىلدى.

دۈشەنبە كۈنى تايلاندنىڭ پايتەختى بانكوكتا دۇنيا 65. نۆۋەتلىك مەتبۇئاتچىلار قۇرۇلتىيى رەسمىي باشلاندى. 4 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ قۇرۇلتاي دۇنيادىكى 18 مىڭدىن ئارتۇق گېزىت-ژۇرنال، 15 مىڭدىن ئارتۇق تور بەت ۋە 3000 دىن ئارتۇق ئاخبارات ئورگىنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان دۇنيا مەتبۇئات-ئاخباراتچىلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. دۇنيا مەتبۇئات-ئاخباراتچىلار بىرلىكى دۇنيا مىقياسىدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاخباراتچىلىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ژۇرنالىستلارنىڭ ھوقۇقى قاتارلىق ساھەلەر ئۈستىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر ئورگان.

بۇ ئورگان دۈشەنبە كۈنى بانكوكتىكى قۇرۇلتاي مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇردى. ئۇلار باياناتىدا، خىتاي دۇنيادىكى ژۇرنالىستلار ئەڭ كۆپ تۈرمىگە ئېلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، دېدى. باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا 2007-يىلى «ئاخبارات ئەركىنلىكى ئالتۇن قەلەم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن» شى تاۋنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 32 نەپەر ژۇرنالىستنىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بار ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلات خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۈرمىدىكى شى تاۋ باشچىلىقىدىكى بارلىق ژۇرنالىستلارنى دەرھال ئازاد قىلىشقا، ئىنتېرنېت تور بەتلىرى ۋە تور يازارلىرى ۋە تور قوللانغۇچىلىرىنى تەقىب قىلىپ، ئۇلارغا تەھدىت سېلىشنى توختىتىشقا چاقىردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قويۇۋېتىلىشى تەلەپ قىلىنغان 34 نەپەر ژۇرنالىست ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار مەمەتجان ئابدۇللا، تۇرسۇنجان ھېزىم، گۈلمىرە ئىمىن، نىجات ئازاد، نۇرئەلى، دىلشات پەرھات، غەيرەت نىياز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ژۇرنالىست ۋە تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى ھەممىسى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

دۇنيا مەتبۇئات-ئاخباراتچىلار بىرلىكى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتنى قامال قىلىش تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇش، ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇچۇرنى قامال قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشنىڭ ئورنىغا ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىگە ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات-ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى ھاكىمىيەتكە تەھدىت دەپ قاراشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر دۆلەتتە باراۋەرلىك ۋە پاراغەتنىڭ ئىشقا ئېشىشىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، دېگەن.

خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، كېيىنكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ۋە ئاخباراتچىلار ئۈستىدىكى بېسىمى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاخباراتىغا قاراتقان بېسىمى ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنى خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان 32 نەپەر ژۇرنالىستنىڭ 19 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەردىن تەشكىللەنگەنلىكىدىن ئوچۇق كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىكەن. دۇنيا مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى بوب دىياتز ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ ژۇرنالىستلارنى تۈرمىگە تاشلاشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا تورغا چىقىپ ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىلغان كىشىلەرنىمۇ مەنىسى ئوچۇق بولمىغان «دۆلەتكە قارشى تۇرۇش» دېگەن جىنايەت بىلەن قارىلاۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنداق قارىلانغانلارنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات ساھەسىدە بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان ۋە ھازىر چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات-ئۇچۇر ئەركىنلىكى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەقىقەتنى سۆزلەشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

خەلقئارا ئورگانلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» دېگەن جىنايى قالپاق ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دۆلەت شۇنداقلا ئىنتېرنېت يازغۇچىلىرىنى، ئۆزىنىڭ ئوخشىمايدىغان پىكرىنى بايان قىلغانلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە سولايدىغان 3 دۆلەتنىڭ بىرى. دەرۋەقە، ھازىر خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان مەھبۇبە ئابلەش، غەيرەت نىياز، نۇرمەمەت ياسىن، گۈلمىرە ئىمىن ۋە شۇنداقلا تور بەت ساھىبلىرىدىن دىلشات پەرھات ۋە نىجات ئازاد قاتارلىقلار ھەممىسى ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلغانلىقى ۋە ياكى كىشىلەر ئەركىن پىكىر بايان قىلىدىغان مۇنازىرە تور بەتلىرىنىڭ ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش ياكى قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئالدى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى، كەينى 10 يىللىق قاماق جازاسى بىلەن جازالانماقتا. ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۇتقۇن قىلىشلاردا تورغا چىققان، مۇنازىرە سەھىپىلىرىگە ئەزا بولغان نۇرغۇن ياشلارنىڭ سەۋەبسىزلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، سوئال-سوراققا، قوپال مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ۋە ۋەقەگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار قاتتىق قامال قىلىنغانلىقتىن بۇنى ئىسپاتلاپ چىقىش ھازىرغىچە مۇمكىن بولماي كەلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاخباراتقا قاراتقان قامالنى توختىتىش، ژۇرنالىستلارنى ئازاد قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ مەخسۇس ئۇيغۇر ژۇرنالىستلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پاترىك ۋېنترىل 4-ئايدىكى باياناتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋەزىيىتى، شۇنداقلا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان مەمەتجان ئابدۇللانىڭ ئىسمىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەمەتجان ئابدۇللانى ۋە باشقا بارلىق تۈرمىدىكى ژۇرنالىستلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز» دېگەن.