بىر ئۇيغۇر ئايال تۇتقۇننىڭ لاگېردىكى قىسمەتلىرى پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە رەددىيە بەردى
2019.01.28

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش قىلمىشى غەرب تاراتقۇلىرىدا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا پاكىستان قاتارلىق خىتايغا ماھىل دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە مۇخبىرلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق بۇ جايلارنىڭ جازا لاگېرى ئەمەس، بەلكى «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردە «تەربىيە» ئېلىۋاتقانلارنىڭ ئىنتايىن راھەت شارائىتتا ئوقۇۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئېچىنىشلىق لاگېر ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ مىڭ بىر تەستە پاكىستانغا قايتىپ كېلەلىگەن پاكىستانلىق بىر سودىگەرنىڭ ئۇيغۇر ئايالى يېقىندا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرىدا چىدىغۇسىز ئازابلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلاتتى. ئۇنىڭ ھېكايىسى پاكىستان تاراتقۇلىرى ۋە مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاينى ئاقلاپ ئېلان قىلغان خەۋەر-ماقالىلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلماقتا. تۆۋەندە دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىدا بولسۇن.
24-يانۋار كۈنى «پاكىستان خەۋەرلىرى» گېزىتىدە ئۇزۇندىن بۇيان غەرب تاراتقۇلىرىدا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە پاكىستانلىق مۇخبىر فازان ھاشىمى تەرىپىدىن يېزىلغان بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى. مەزكۇر خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن ئۆمەك تەركىبىدە ئاتالمىش» كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلغان، پاكىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى مۇمتاز زاخرا زىيارەت قىلىنىپ، خىتايدىكى لاگېرلار «ئەسەبىيلىك ۋە رادىكاللىق ئىدىيىسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلارنى تەربىيىلەپ، تېخنىكا ئۆگىتىدىغان ئارامبەخش مەكتەپ» دەپ مەدھىيىلەندى.
خەۋەردە، مۇمتاز زاخرا بالۇچ خانىمنىڭ، خىتاينىڭ قەشقەر ۋە خوتەندىكى ئاتالمىش «كەسپى تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە توختالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ئۇ يەردىكى باشقۇرغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ھەر ئىككى تەرەپ بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ناھايىتى ساغلاملىقىنى كۆردۇق. ياتاقلار زامانىۋى ۋە ئىنتايىن راھەت بولۇپ، ئەر-ئاياللارنىڭ ياتاقلىرى ئايرىم ئىكەن. ئۇ يەردە ھالال تاماق بېرىلىدىكەن. مەن ئۇ يەردە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش ياكى دىن-مەدەنىيەتنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى بايقىمىدىم.»
مەلۇم بولۇشىچە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە بارغانچە كۈچىيىۋاتقان «ناتسىستلارچە جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاپ، ئۇ جايلارغا قامالغان مىليونلارچە ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان خەلقلەرنى دەرھال قويۇۋېتىش» سادالىرىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستانغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىگە مايىل دۆلەتلەردىن بىر قىسىم دىپلوماتلار ۋە مۇخبىرلارنى ئالاھىدە تەشكىللەپ، ئاتالمىش «كەسپى تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرغان ۋە بۇ خىل مەدھىيە خاراكتېرىدىكى خەۋەر-ماقالىلارنى ئېلان قىلىشنى كۆپەيتكەن.
ئۇنداقتا ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيىلەش مەركەزلىرى»، ياكى «ئۆگىنىش-تەربىيەلەش مەركەزلىرى» قانداق جاي؟
ئېرى پاكىستانلىق بولغىنى ئۈچۈنلا 2017-يىلى «تەربىيىلەش» نامىدا، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم ناھىيىدە ئىككى قېتىم بۇ خىل لاگېرغا قامالغان بىر ئۇيغۇر ئايال، ئۆز كەچمىشلىرىنى بايان قىلىپ، پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ خىل خەۋەرلىرىگە رەددىيە بەردى.
ھازىرچە ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ خانىم، ئېرى پاكىستانلىق بولغىنى ۋە ئىلگىرى ئىككى قېتىم پاكىستاندا ئائىلە زىيارىتىدە بولغىنى ئۈچۈنلا ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ لاگېرغا قامالغان ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىنى ئاڭلاتتى. ئۇ:
«ئېرىم پاكىستانلىق بولغىنى ئۈچۈن مەن ئىككى قېتىم پاكىستاندا زىيارەتتە بولغان ئىدىم. بۇ سەۋەبتىن مەن 2017-يىلى ئىككى قېتىم يۇرتۇمدىكى ‹تەربىيىلەش مەركىزى›نامىدىكى جايغا قامالدىم. 1-قېتىم 2017-يىلى 4-ئايدا يۇرتۇمدىكى ساقچىلار مېنى ‹پاكىستانغا چىققان ئىكەنسەن› دەپ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيۈمدىن چاقىرتىپ ئەكېتىپ، ناھىيىمىزدە ئىلگىرى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەرگە چىقىپ كىرگەن 160 ئادەم بىلەن بىرلىكتە تەربىيىلەيمىز دەپ قامىدى. 1-قېتىملىق تەربىيەلەشتىن 6-ئايدا يېنىپ چىقتىم. ئەمما 2017-يىلى 7-ئايدا يەنە تەربىيىلەش نامىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 9-ئايغا قەدەر قامالدىم».
بۇ خانىمنىڭ پاكىستانلىق ئېرىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئايالى ھازىر ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما لاگېردا بېشىدىن كەچۈرگەن ئېغىر قىسمەتلىرى سەۋەبلىك پسىخىك جەھەتتىنمۇ ئېغىر مەسىلىلەر كۆرۈلگەن.
بۇ خانىم ئۇنىڭدىن سورالغان سىز لاگېردىكى چاغدا ۋە لاگېردىن چىققاندىن كېيىن پسىخىك جەھەتتىن قانداق نورمالسىزلىق كۆرۈلدى؟دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «پسىخىك جەھەتتىن ئۇخلىساممۇ چۈشۈمدە ئاشۇ مەكتەپتىكى ئازابلارنى كۆرىمەن. بەك قورقۇنچاق بولۇپ كەتتىم» دېدى ۋە لاگېر ئىچىدە ئۆزى كۆرگەن ئەھۋاللارنى تۆۋەندىكىدەك ئاڭلاتتى.
مۇخبىر: سىز لاگېردىكى چاغدا ۋە لاگېردىن چىققاندىن كېيىن پسىخىك جەھەتتىن قانداق نورمالسىزلىق كۆرۈلدى؟
جاۋاب: پسىخىك جەھەتتىن ئۇخلىساممۇ چۈشۈمدە ئاشۇ مەكتەپتىكى ئازابلارنى كۆرىمەن. بەك قورقۇنچاق بولۇپ كەتتىم.
مۇخبىر: لاگېردىكى چاغدا نېمە قىلدىڭلار؟ سىزنىڭ مۇشۇنداق قورقۇنچاق بولۇپ قېلىشىڭىزدىكى ئامىل نېمە سىزنىڭچە؟
«ئۇ يەردە 80 ياشلىق 90 ياشلىق ھەتتا96 ياشقا كىرگەن قېرىلارمۇ بار. ھەر كۈنى 14 سائەت مەجبۇرى ناخشا ئوقۇيمىز. ئەتىگەن سائەت 5 تە تۇرۇپ تازىلىق قىلىمىز، كەچتە سائەت 9 دا ئۇخلاشقا رۇخسەت قىلىدۇ. تاماقلىرى ئىنتايىن ناچار. موما بېرىدۇ، ئەمما ئۇ مومىلار خام. شىپەن بېرىدۇ، سەي تاڭ بېرىدۇ، ئەمما ئىچىدە سەي يوق. پەقەت ئۆلمەسلىك ئۈچۈنلا شۇ تاماقلارنى بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋاللار بەك ئېچىنىشلىق. ھەر ئىككى كۈندە بىر مەسىلەڭنى تاپشۇر دەپ بەكلا قىينايدۇ. ئارىمىزدا بەزىلەرنىڭ تىرناقلىرىنى ساقچىلار ئۇرۇپ چىقىرىۋەتكەن ئەھۋاللارمۇ بار. بىلمەي قالىمىز ئەتراپىمىزدا ساقچىلار بەزىلەرنى بىر كېچىدىلا ئەكىتىدۇ، كېيىن ئۇلارنى كۆرمەيمىز
ھەر ۋاقىت بېشىمىزدا قورال تۇتۇپ تۇرىدۇ، ھەر 5 مېتىردا بىردىن ساقچى تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە بىزگە ھېچقانداق ئەركىنلىك يوق. ھەتتا گەپ قىلىشقىمۇ رۇخسەت قىلمايدۇ، ئوبىرنىينىڭ ئىچىدىمۇ كۆزىتىش كامېراسى بار.».
ئۇنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىدىن كېيىن بۇ خانىم بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز تۆۋەندىكىدەك سوئال-جاۋاب شەكلىدە داۋاملاشتى.
مۇخبىر: سىز سولانغان جاي ساقچىخانىمۇ؟تەربىيىلەش مەركىزىمۇ؟
جاۋاب: تەربىيىلەش مەركىزى. لېكىن ئۇ جاينى تۈرمە دىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەر 5 مېتىردا بىردىن ساقچى تۇرىدۇ، بىزگىمۇ دەيدۇ، ئەگەر سىلەر گەپ قىلساڭلار ياكى باشقا ھەرىكەت قىلساڭلار ئۇلارنىڭ سىلەرگە ئوق چىقىرىش ھوقۇقى بار دەيدۇ. بىز سىلەرنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بەردۇق، ئۇلاردىن نېمىشقا ئوق چىقاردىڭلار دەپ سورىمايمىز دەيدۇ بىزگە.
مۇخبىر: سىلەرگە باشقا كىيىم كىيگۈزدىمۇ؟ قانداق كىيىم كىيگۈزدى؟
جاۋاب: ماش رەڭ كىيىم كىيىمىز. يەنى ھەربىيلەرنىڭكىدەك.
مۇخبىر: تارقاتقان كىيىملەرنى ماش رەڭدە دېدىڭىز؟ نومۇرى ياكى بەلگىسى بارمۇ؟
جاۋاب: ياق كىيىملىرىمىزنىڭ نومۇرى يوق، باشقا ئالاھىدە بەلگىمۇ يوق.
مۇخبىر: دەرس ئۆتۈلەمدۇ؟ قانداق دەرسلەر ئۆتتى؟ بۇ دەرسلەر قانداق ئەھۋالدا ئۆتۈلدى؟
جاۋاب: دۆلەت تىلىلا ئۆتىدۇ. ناخشا ئېيتقۇزىدۇ. شەخسەن مەن ئۇ يەردە ئىككى ئاي قىزىل ناخشا ئېيتتىم. ھەر كۈنى 8 سائەت ئۆرە تۇرۇپ ناخشا ئېيتىمىز.
مۇخبىر: بىر سىنىپتا نەچچە ئادەم بار؟ ئوقۇتقۇچى بىلەن ئاراڭلاردا توسۇق بارمۇ؟
مۇخبىر: بىر كامېردا نەچچە ئادەم ياتىسىلەر؟
جاۋاب: دەسلەپ چەتئەللەرگە چىقىپ كىرگەنلەر دەپ 160 ئادەمنى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە قامىدى، كېيىن بىزنى ساناتورىيەگە يۆتكىدى، ئۇ يەرگە 16 كۈن قامالدۇق. 50-60-ئادەم بىر ياتاقتا ياتتۇق. ھەربىيچە يوتقان بېرىلدى. بەزىدە كارىۋات بار جايدا ياتتىم، بەزىدە كارىۋات يوق جايدا ياتتىم. كېيىن4000 ئادەم بار بىر جايغا يۆتكەلدۇق. ئۇ جايدا ئۆزۈڭلارنىڭ مەلىسى ۋە يېزىدىكىلەر بويىچە تۇرىسىلەر دەپ مېنى شۇلارنىڭ ئارىسىغا قوشۇۋەتتى. ئادەتتە 12 ئادەم ياتقىلى بولىدىغان يەردە 24 ئادەمنى ياتقۇزدى. بىر ياتاقتا بىر-بىرىگە ئۇلاقلىق 5 كارىۋات بار، بەش كارىۋاتتا 20 نەچچە ئادەم يېنىچە ياتىمىز، ئوڭدا ياتالمايمىز. كارىۋىتىمىزنىڭ ئۈستىدىلا كامېرا بار، تازىلىق ئۆيىدىمۇ كامېرا بار. كىيىم ئالماشتۇرۇشقىمۇ بولمايدۇ. پاراڭلىشالمايمىز، يىغلاشقىمۇ رۇخسەت يوق.