تۈركىيىنىڭ يالوۋا شەھىرىدە چاقىرىلغان بىر يىغىندا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
28 - سېنتەبىر كۈنى يالوۋا خەلق مائارىپ مەركىزىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ماۋزۇلۇق يىغىنغا «ئاتالمىش ئەرمېنىيە قىرغىنچىلىقى» غا قارشى مۈجادىلە قىلىش تەشكىلاتى رەئىسى شەمسەتتىن گۈرتېكىن ئەپەندى، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى تەمەل جوشقۇن ئەپەندى يالوۋا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاسىم ئاۋار ۋە يالوۋا خەلقىدىن بولۇپ 600 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، نۇتىقىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1949 - يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بېرى پىلانلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
يالوۋادا شەھىرىدە بىر كۈن داۋاملاشقان بۇ پائالىيەتتە د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابلىكىم سەلچۇق ۋە كۆك بايراق ژۇرنىلى تەھرىرى تۇرسۇن سۈيدۈنلۈ قاتارلىق كىشىلەر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. 28 - سېنتەبىر كۈنى ئاخشام يالوۋا شەھىرىدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.
0:00 / 0:00
