بۇ قېتىمقى باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۈچ تۈرگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلغان. بىرىنچى تۈركۈمدە ياپونىيە تەۋەلىكىدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرىغا. ئىككىنچى تۈركۈمدە ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا، ئۈچىنچى تۈركۈمى خىتاي ياپون دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىغا زىياپەت بېرىلگەن.
خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ بۇ يىللىق باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت ئوقۇغۇچىلار ئاساس قىلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ مىللىي كىيىم - كېچەكلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ناخشا، ئۇسۇل نۇمۇرلىرىنى كۆرسەتكەن. خىتاي ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىلىرىنىڭ ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى،«شىنجاڭنى سۆيۈش ئوقۇش مۇكاپاتى» تارقىتىش پائالىيەتلىرى 2009 - يىلىدىكى «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ ئوساكا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا دىپلومات بولۇپ كەلگەن قۇندۇز يۈسۈپتىن باشلانغان ئىدى. قۇندۇز ئۆتكەن يىلى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئوساكادىكى «بابۇل ھايات» تۈرك رېستۇرانىدا ئوساكادىكى ئۇيغۇرلارغا قۇربان ھېيتلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئاتاقلىق ئەل سۆيگەن ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇننى شاڭخەيدىن تەكلىپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىكى توكيودىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش خىتاي مۇھاجىرلىرى پائالىيىتىدە ھازىر ياپونىيە تەۋەلىكىدىكى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان خۇيزۇ ناخشىچى ئەسلى ئىسمى جاڭ جۈن ھازىرقى ياپونچە ئىسمى شىبارىكو خانىممۇ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ،ناخشا ئېيتقان.
خىتاينىڭ ياپونىيىدىكى تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا تۈرلۈك ياردەملەردە بولۇشى، 2008 - يىلى 3 - ئايدا تىبەتتە يۈز بەرگەن نامايسشتىن كېيىن بولغان بولسا،موڭغۇل ئوقۇغۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلىشى 2012 - يىلىدىكى ئىچكىي موڭغۇلدا يۈز بەرگەن خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ماشىنا بىلەن دەسەپ ئۆلتۈرۈلگەن موڭغۇل مالچىنىڭ ۋەقەسىگە قارشى ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشىدىن كېيىن بولغان.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتلەر خىتاينىڭ دۆلەت مارشىنى ئېيتىشتىن باشلىنىپ، ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىرى، خىتاي مۇھاجىرلىرى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى،خىتاي، ياپون دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي، ياپون ئارىسىدىكى ئارال ماجىراسى ئۈستىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. يەنى ئارال مەسىلىسىدە خىتاي تەرەپنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ياقلايدىغان مەزمۇندا نۇتۇق سۆزلەش شەرت قىلىنغان.
باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە خىتاي ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىلىرىنىڭ خىتاي، ياپون دوستلۇق جەمئىيەتلىرىگىمۇ ئالاھىدە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىشى ھەققىدە ياپونىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە كۆپلىگەن ماقاللەرنى ئېلان قىلغان ۋە شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئارال مەسىلىسىدە ئىزچىل ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ كەلگەن، ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى يامادا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى:
- خىتاي، ياپون ئارىسىدىكى ئارال مەسىلىسى جىددىيلەشكەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي تەرەپ ئۆزىنىڭ مەيدانىنى قوللاشتا ياپونىيىدە كۆپلىگەن كىشىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن ئۆزىگە شېرىك توپلاۋاتىدۇ. شۇڭا داستىخان سېلىپ،بىر قىسىم ياپونلارنى ئالداۋاتىدۇ. بۇ ھەممىگە چۈشىنىشلىك.
خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئەتراپىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىنى تەبرىكلەشكە تەكلىپ قىلمايدىغانلىقى، پەقەتلا خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىرىلا تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شاڭخەيلىك ئوقۇغۇچىسى مۇنداق دېدى:
- مېنىڭ خەۋىرىم يوق ئىكەن. ئادەتتە بىز تەكلىپ قىلىنمايمىز، پەقەتلا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى قاتنىشىدۇ.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپرەك ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۆزىنىڭ پىكىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
0:00 / 0:00
