نۆۋەتتە خىتاينىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قويۇۋاتقان چەكلىمىلىرىنىڭ يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئەڭ ئېغىر دەرىجىگە يەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتاي دۇنيا بويىچە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە ئەڭ كۆپ چەكلىمە قويىدىغان كوممۇنىست سىستېمىدىكى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا، بولۇپمۇ دۇنياۋىي تەسىرگە ئىگە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىغا چەكلىمە قويۇش ئەھۋالى 2008 - يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن كېيىن يىلدىن - يىلغا كۈچەيگەن. شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ۋىزا ئۇزارتىشى ياكى خىتايغا بارىدىغان مۇخبىرلارنىڭ ۋىزا ئېلىشى تېخىمۇ قىيىنلاشقان.
يېقىنقى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىقى يېرىمىدا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»، «بلۇمبەرگ گېزىتى» ھەمدە رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى ئومۇميۈزلۈك ۋىزا ئالالماسلىق قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن.
18 يىلدىن بۇيان خىتايدا تۇرۇپ ئىشلەپ كەلگەن داڭلىق مۇخبىر پائۇل مۇنىنىڭ ۋىزا ئېلتىماسى يېقىندا رەت قىلىنغان. ئۇ رويتېر ئاگېنتلىقى بىلەن تۈزگەن توختام بويىچە بۇ يىل خىتايغا بېرىپ قايتا ئىش باشلىماقچى بولغان. ئۇنىڭ ۋىزا ئېلتىماسى 8 ئاي كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن ئاخىرىدا خىتاينىڭ سان - فرانسىسكودا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن چاقىرتىلغان. كۆرۈشۈشتە خىتاي كونسۇلى ئۇنىڭدىن تىبەت مەسىلىسى، دالاي لاما، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا سەزگۈر تېمىلار ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. كونسۇل ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئەگەردە ئۇنىڭ ۋىزا ئالغۇسى بولسا خەۋەر يېزىشتا تېخىمۇ ئوبېيكتىپ بولۇشى» نى تەكىتلىگەن. بۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئۇنىڭ ۋىزا ئېلتىماسى رەسمىي رەت قىلىنغان.
پائۇل مۇنى ئاخبارات ۋاستىلىرىگە ئوچۇق بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ يېقىنقى يىللاردا خىتايدىكى يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش، مۇھىت مەسىلىسى ۋە پارىخورلۇق قاتارلىق سەزگۈر تېمىلاردا خەۋەر يېزىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋىزا ئالالماسلىقتىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قاتار «ساقايماس يارا» لىرىنى تاتىلىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» بىلەن «بلۇمبەرگ گېزىتى» نىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىشخانىلىرىمۇ تاقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. بۇ ئىككى داڭلىق گېزىتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق 23 نەپەر مۇخبىرى نورمال ۋىزا ئۇزارتىش ۋاقىت چېكىدە ۋىزا ئالالمىغان. ئەگەردە بۇ يىل ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ۋىزىسى ئۇزارتىلمىسا، بۇ ئىككى گېزىتنىڭ پۈتۈن مۇخبىرلىرى خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.
11 - دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى بۇ جىددىي مەسىلە ھەققىدە ۋاشىنگتوندا يۇمۇلاق ئۈستەل سۆھبىتى چاقىرغان. سېناتور شېرود بروۋىن رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىندا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىدىن ئېدۋارد ۋاڭ، «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ خىتاي بۆلۈمى باشلىقى خاننا بېچ، مۇخبىرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش كومىتېتىدىن بوب ديېتىز ھەمدە ئەركىنلىك سارىيىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ئانالىزچىلىرىدىن سارا كۇك قاتارلىقلار پىكىر بايان قىلغان.
خاننا بېچ ئۆز سۆزىدە «ئىلگىرى جۇڭگودىن خەۋەر بېرىۋاتقان ئايرىم مۇخبىرلار سەزگۈر تېمىلارغا مۇراجىئەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋىزا ئۇزارتىش ئېلتىماسى رەت قىلىنىپ جازالانغان. ھالبۇكى، بۇ يىل خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا تۇرۇشلۇق پۈتكۈل ئىشخانىمىز ۋە مۇخبىرلىرىمىز قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلدى»دېگەن.
سېناتور بروۋىن خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىزمىتىگە توسالغۇلۇق قىلىشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز. ئەگەردە بۇ خىل ئەھۋال يەنە داۋاملاشسا بىز باشقىچە ئۇسۇل قوللىنىشقا مەجبۇر بولىمىز. زۆرۈر تېپىلسا، دۆلەت مەجلىسى بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشى مۇمكىن.»
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاينىڭ ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نازۇك مەسىلىلىرىگە يانداشقان مۇخبىرلار بىلەن تەتقىقاتچىلارنى جازالاش ئۇسۇلى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان.
يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى فرېدرىك ستار باشچىلىق قىلغان «شىنجاڭ: خىتاينىڭ يىراق غەربىدىكى مۇسۇلمانلار چېگراسى» ناملىق كىتابنى يېزىشقا قاتناشقان 13 نەپەر ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىغا ۋىزا بەرمەي «جازا» لىغانلىقى مەلۇم. ئۆز دەۋرىدە «شىنجاڭ پروجېكتى» نامى بىلەن تونۇلغان بۇ تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار خىتايغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ۋىزا ئالالماي قاتتىق ئېغىر بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولغان.
بۇ قېتىممۇ خىتاي تەرەپ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا بۇ كوزېرنى ئىشلىتىپ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ دېگەن يېرىگە كېلىشكە مەجبۇرلىغان.
0:00 / 0:00