خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يادرو سىنىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا تۆلەم تەلەپ قىلىندى

0:00 / 0:00


24 - مارت گوللاندىيەدە چاقىرىلىۋاتقان يادۇر قوراللىرىنى قىسقارتىش يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق بىر قىسىم تەشكىلاتلار نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي ئاتوم بومبا سىنىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نىداسىنى ئاڭلاتتى.

مەزكۇر نامايىشقا ئەنگلىيەدىن كېلىپ قاتناشقان ئەنىۋەر دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار نامايىش جەرياندا خىتاي لوپنۇردا ئۆتكۈزگەن يادرو سىناقلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا تۆلەم بېرىش ۋە شۇ سەۋەبتىن راك كېسەل بولۇپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ھەقسىز داۋالاش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.