11-ئاينىڭ 23-كۈنى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ھازىرلىغان «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى»، 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى تەستىقلانغان «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھاۋا بوشلۇقى قانۇنى» ۋە 2001-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلان قىلىنغان «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇچۇش يولى قائىدە-بەلگىلىمىسى» گە ئاساسەن تۈزۈلگەن شەرق دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ھاۋا بوشلۇقى مۇداپىئە قوغداش رايون بەلۋېغى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلىشى ياپونىيەنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى.
«كيودو» ئاگېنتلىقىنىڭ 24-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇمىئو كى شىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «خىتاينىڭ ياپونىيەنىڭ تۇپرىقى بولغان سېنكاكۇ ئارىلى ھاۋا بوشلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاۋا بوشلۇقى مۇداپىئە قوغداش رايون بەلۋېغى قۇرۇشى بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكەت، ياپونىيە بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايدۇ» دەپ ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تەرەپكە بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رايون بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ياپونىيەنىڭ ھەمشېرىكى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
نىپپون كېزاي شىمبۇم گېزىتىنىڭ 24-نويابىرىدىكى خەۋىرىدە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى بوشلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاۋا بوشلۇقى قوغداش رايون بەلۋېغىنى ئېلان قىلىشى، ئوكىناۋا ئۆلكىسىدىكى سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۇرۋەتتى. خىتاي بۇ رايوندىكى ھاۋا بوشلۇقى مۇداپىئە رايونى بەلۋېغىنى قوغداشنى 23-نويابىر ئەتىگەن سائەت 10:00 دىن باشلاپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ رايونغا خىتاي ھاۋا ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ جاسۇسلۇق ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى» دېيىلگەن.
خەۋەردە خىتاينىڭ تۇ 154، ي8 تىپلىق جاسۇسلۇق ئايروپىلانلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرق دېڭىز تەۋەلىكىدىن سېنكاكۇ ئارىلىغا كىرگەنلىكىنى، ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ھاۋا ئارمىيىسى دەرھال ھۇجۇمغا ئۆتۈپ خىتاي ئايروپىلانلىرى بىلەن ھاۋا بوشلۇقىدا قارشىلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا دېيىلگەن خىتاينىڭ ھاۋا بوشلۇقى مۇداپىئە قوغداش رايون بەلۋېغى بەلگىلىمىسىگە بويسۇنماي بۇ رايونغا كىرگەن ھەر قانداق ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقى، ئەمما يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىڭ بۇ بەلگىلىمىنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكى، بۇنىڭ پەقەت ھەربىي ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىغا قارىتىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2012-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ياپونىيە ھۆكۈمىتى شەخسلەردىن سېنكاكۇ ئارىلى قاتارلىق ئاراللارنى سېتىلىۋېلىپ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن،خىتاينىڭ بۇ رايونغا كۆپلەپ ھەربىي ئايروپىلان ۋە پاراخوت ئەۋەتىشى كۆپەيگەنلىكى ئالغا سۈرۈلگەن شۇنداقلا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ياڭ يۇ جۈننىڭ «بۇ ھەرىكەتلەر پەقەتلا ياپونىيەنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىشتىن ئىبارەت» دېگەن سۆزىمۇ كۆرسىتىلگەن.
يومىئۇرى شىمبۇن گېزىتىنىڭ 24-نويابىر خەۋىرىدە «خىتاينىڭ ياپونىيە تۇپراقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاۋا بوشلۇقى مۇداپىئە قوغداش رايون بەلۋېغىنى بەرپا قىلىشى بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى تولىمۇ جىددىيلەشتۇرۈۋەتتى. خىتاي بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ھەربىي ئايروپىلان بىلەن تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ھەتتا ۋاقتى كەلگەندە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ ئېتىپ چۈشۈرۈۋىتىدىغانلىقىنىمۇ ئاگاھلاندۇردى. بۇ، خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم ھاۋا بوشلۇقىدا مۇداپىئە قوغداش رايون بەلۋېغى قۇرۇشى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ياڭ يۇجۇن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، ھاۋا بوشلۇقىنى، تۇپرىقىنى قوغداش ئۈچۈندۇر دېدى» دېيىلگەن.
خەۋەردە؛ «خىتاي ئۆتكەن 12-ئايدىن باشلاپ جاسۇسلۇق كۆزىتىش ئايروپىلانلىرىنى ياپونىيە تەۋەلىكىگە ئەۋەتىپ ياپونىيەگە تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان. شۇ سەۋەبتىن ياپونىيە ئۆز ھاۋا بوشلۇقىدا مۇداپىئە كۆرۈش بەلگىلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مانا ئەمدى خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قارشى ھاۋا بوشلۇقى مۇداپىئە قوغداش رايون بەلۋېغى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ پىلان خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ پىلانى» دېيىلگەن.
خەۋەردە يەنە 23-نويابىر ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى جۇنىچى ئىھارا توكيودىكى خىتاي ئەلچىسى خەن زۇچياڭغا تېلېفون قىلىپ بۇ مەسىلىدە ياپونىيەنىڭ نارازىلىقنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئويلىمىغان يەردىن، ئويلىمىغان ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
ئەمما توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېكىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئەلچىسى خەن زۇچياڭ ياپونىيە تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى رەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەھدىنامىلىرىگە، خەلقئارا قانۇنلارغا بويسۇنغان ئاساستا، دۆلىتىنىڭ ھاۋا بوشلۇقى مۇداپىئە قوغداش رايون بەلۋېغى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈنلەي يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە 21-نويابىر خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مەلۇم سۇ ئاستى پاراخوت بازىسى ئوفېتسىر، ئەسكەرلىرىگە بەرگەن دوكلاتىدا ئۇلارنى پارتىيىنىڭ قوماندانلىقىنى ئاڭلايدىغان، مۇستەھكەم ئېتىقاد بىلەن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان، قاتتىق سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىقتىدار، قەھرىمانلارچە جەڭ ئىستىلى، جان پىدا قىلىش روھى بىلەن يىتىلىشى توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپون، خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتچىسى ھارۇكا خانىم خىتاينىڭ ھاۋا بوشلۇقى مۇداپىئە قوغدىنىش رايون بەلۋېغىنى بەلگىلىشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-ھازىرقى ۋاقىتتا، شەرقىي دېڭىز رايون ۋەزىيىتى تولىمۇ خەتەرلىك، بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى مۆلچەرلەش تولىمۇ قېيىن، بەلكىم ئويلىمىغان ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.