تۈركىيە مو يەن قاتارلىق 100 نەپەر خىتاي يازغۇچىسىنى تەكلىپ قىلغان

0:00 / 0:00

تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي يازغۇچى مو يەننىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئىستانبۇلغا كەلگەنلىكىنى ۋە بىر يىل ئىچىدە 100 گە يېقىن خىتاي يازغۇچىنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىپ تۈركىيەنى زىيارەت قىلدۇرۇش ئىش پىلانىنىڭ ئۇتۇقلۇق ھالدا ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقى تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئۆمەر چەلىكنىڭ «100 نەپەر خىتاي يازغۇچىنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىش» ئىش پىلانىنىڭ خىتاي يازغۇچىلارغا تۈركىيەنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى شۇنداقلا تەبىئىي گۈزەللىكلىرىنى تونۇتۇش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇشى بىلەن تەڭ خىتاي ئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەرلەرنىڭ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، تۈركىيە كىتاب بازىرىغا كىرىشكە باشلىغانلىقى، ھازىرغا قەدەر خىتاي ئەدەبىياتىغا دائىر 50 كە يېقىن كىتابنىڭ تۈركىيە كىتاب بازىرىدا تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ بولغانلىقى يېزىلغان. خەۋەردە يەنە، تۈركىيە بىلەن خىتاي ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن خىتاي ئەدەبىياتىغا دائىر يەنە 50 ئەسەرنىڭ نەشر قىلىنىشى ئۈچۈن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىمۇ قەيت قىلىنغان.

20-فېۋرال كۈنى «زامان» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي يازغۇچى مو يەن تۈركىيەگە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا بىرمۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلمىغان.

مو يەن «زامان» گېزىتى مۇخبىرى مۇرات توقاي ئەپەندى بىلەن يولدا كېتىۋېتىپ قىلغان سۆھبىتىدە، خەلقئارادا ئۆزىنى خىتاينىڭ چەكلىمە سىياسىتىنى ياقىلاش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنى، خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇشنىڭ بىر رېئاللىق ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ سىياسەتنى ياقلىمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

مۇرات توقاي يازغان بۇ خەۋەرگە ئاساسلانغاندا «100 نەپەر خىتاي يازغۇچىنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلىش» ئىش پىلانىغا ئاساسەن ئىككى يىل ئىچىدە 96 خىتاي يازغۇچى ۋە زىيالىي تۈركىيەنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان.

بۇ ئىش پىلانى توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. سۆھبەت نۇقتىمىز، تۈركىيە-خىتاي ھەمكارلىقىنىڭ مەزكۇر ساھەسىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى مەسىلىسىگە ئائىت بولدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا سەلبىي تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.