خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى 2014-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر دوكلاتتا 90 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلغان بولۇپ، جەمئىي 682 بەتتىن تەركىب تاپقان.
بىز ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئاڭلىتىشىمىزدا، بۇ دوكلاتتىكى خىتاي ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى قىسمىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا بىز بۇ دوكلاتتىكى بەزى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قىسىملار ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى كېننېت رۇس 2014-يىللىق دوكلاتقا يازغان كىرىش سۆز قىسمىدا، ئۆتكەن بىر يىلدا دۇنيانىڭ ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى «ۋەھشىي جىنايەتنى توسۇيالماسلىق، كۆپ سانلىقلارنىڭ زوراۋانلىقى ۋە تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ سۈيئىستىمال قىلىنىشى» دېگەندىن ئىبارەت 3 نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان. ئۇ كىرىش سۆزىدە يۇقىرىدىكى سۆزلەرگە ئېنىقلىما بېرىپ، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆز ئالدىدا نۇرغۇن كەڭ كۆلەملىك قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا تەدبىرسىز قالغانلىقىنى، بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىن باش تارتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالىنىڭ سۈرىيە كرىزىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇ شۇنداقلا بىر قىسىم دۆلەتلەردە كۆپ سانلىقلارنىڭ ئاز سانلىقلارغا زۇلۇم قىلىشى، ئاز سانلىقلار ھوقۇقىنىڭ نەزەرگە ئېلىنماسلىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ داۋاملىق يۈز بەرگەنلىكىنى، ھەتتا دېموكراتىك سىستېمىغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان مىسىر ۋە بېرمىدىمۇ كۆپ سانلىقلارنىڭ ئاز سانلىقلارنىڭ مەنپەئەتىنى دەپسەندە قىلىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان.
كېننېت روسنىڭ ئېيتىشىچە، 2001-يىلى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن قوزغالغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەشمۇ دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا كەڭ يول ئېچىپ بەرگەن. نۇرغۇن دۆلەتلەر «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش» نى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان باھانىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. بەزى دۆلەتلەر دۆلەت بىخەتەرلىكىنى سەۋەب قىلىپ تۇرۇپ، كىشىلەرنى تەقىب قىلىش، شەخسى ئۇچۇرلىرىنى يىغىش، ئىنتېرنېتنى تەقىب قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغان. كېننېت رۇس سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئىنتېرنېتتىكى ئوچۇق جامائەت پىكرىدىن قاتتىق تەھدىت ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بارلىق كۈچىنى ئىنتېرنېتتا جامائەت پىكرىنى توسۇشقا قارىتىپ، تور يازغۇچىلىرى ۋە تور ئەزالىرىنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزى داۋامىدا ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشىدىن كېيىن ئېچىلغان گۋەنتانامو تۈرمىسىنىڭ ھېلىھەم ئوچۇق بولۇشى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئېدۋارد سنوۋدىن ئاشكارىلىغان مەلۇماتلارغا ئوچۇق جاۋاب بېرەلمەسلىكىنىڭ ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە داغ چۈشۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
كېننېت رۇس كىرىش سۆزى قىسمىدا ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتكەن يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا، جامائەت پىكرى مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يېتەرلىك دەرىجىدە بېسىم ئىشلىتىلمەيۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلغان. ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بۇ ئىتتىپاقتىكى مۇھىم دۆلەت ئەنگلىيەنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيەنىڭ خىتاي، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە ئورناتقاندا بۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە سەل قارىغانلىقىنى ئېيتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 2014-يىللىق دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىغا قوشنا بولغان قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئەللەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىمۇ باھالانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قازاقىستان ھەققىدە مۇنۇلار دېيىلگەن: قازاقىستاننىڭ ناچار كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى 2013-يىلىدىمۇ ئىزچىل كەينىگە چېكىندى. دائىرىلەر پىكىر ئەركىنلىكىگە ۋە ئۆكتىچىلەرگە زەربە بەردى. يىغىلىش، نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىك ئۈستىدىكى قاتتىق كونترولىنى داۋام قىلدى... قىيناشنى چەكلەيدىغان قانۇن ماقۇللىغان ھالدا، قولغا ئېلىنغانلارنى قىيناش قازاقىستاندا ھېلىھەم ئېغىر.
دوكلاتتا يەنە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ماقۇللاش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەزى ماددىلار قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە ئۇنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە تەشكىللىنىش ھوقۇقىنى ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئۇنىڭدا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى ئاكتىپلىرىنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقى، 10 دىن ئارتۇق ژۇرنالىستنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، بىر قىسىم تور بەتلەرنىڭ تاقالغانلىقى مىساللار بىلەن كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قارىشىچە، قازاقىستانمۇ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى سۈيئىستىمال قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ، قازاق لىدەر نۇرسۇلتان نازاربايېف بۇنى ئۆزىنىڭ تەختىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە، دېيىلگەن. ئۇنىڭدا ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە تىجارەتنىڭ ئالدىنقى پىلانغا ئۆتكەنلىكى، گەرچە بۇ دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما قازاق پرېزىدېنت نازاربايېفنىڭ «ھېچكىم بىزنىڭ قانداق ياشىشىمىز ۋە دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇشىمىزغا ئارىلىشالمايدۇ» دەپ بۇ تەنقىدلەرنى رەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئېتنىك سۈركىلىش ۋە 2010-يىلى ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئېتنىك سۈركىلىشتە ھېلىھەم ئادالەتنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنماسلىقى، تۈرمىلەردىكى قىيناش، ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى قىرغىزىستاننىڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدۇر. دوكلاتنىڭ قىرغىزىستاندا ئائىت قىسمىدا ئېيتىلىشىچە، قىرغىز ھۆكۈمىتى ھېلىھەم ئېتنىك سۈركىلىشتىكى ئاساسلىق جاۋابكارلارنى ئادالەت ئالدىغا ئەپ چىقمىغان ۋە ئەكسىچە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەپ ئاساسلىق يەنىلا ئۆزبېكلەرنى جازالاشنى داۋام قىلغان. ئۇلار يەنە بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرىنىمۇ تەنقىدىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىشتىن چەكلىگەن.
ئۆزبېكىستان بولسا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەرنىڭ بىرى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا ئۆزبېكىستاندا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ كەڭ يامراپ كەتكەنلىكىنى، ئىپادە-پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا تەھدىت قىلىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى، دىنىي پائالىيەتلەرنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئالغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ۋە ھەتتا بالىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا قىيناش ئۆزبېكىستاننىڭ جىنايى ئىشلار ئەدلىيە سىستېمىسىدا كەڭ قوللىنىلماقتا دېيىلگەن. ئەمما كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئۆزبېكىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ مۇشۇنداق ناچارلىقىغا قارىماي، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىدا ئۆزبېكىستاننىڭ ھەمكارلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزبېك ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈرمىگە ئېلىنغان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىسمى بىرمۇ-بىر تىلغا ئېلىنغان.