ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ يېقىندا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ياپونىيىنىڭ بۇ ئاراللارغا بولغان باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بىر تەرەپلىمىلىك ئۆزگەرتىش يولىدىكى ھەرقانداق ئۇرۇنۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى، خىتايغا بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال. بۇ قاراشتىكى ئانالىزچىلار، ياپونىيە ئۇيغۇر، تىبەت، ۋە خىتاي دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى بالدۇرراق قوللاپ، خىتاينى بۇرۇنراق تەقىب ئاستىغا ئالغان بولسا، خىتاينىڭ ھازىرقىدەك ئەدەپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون ئۆتكەن جۈمە كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىشىدانى ۋاشىنگتوندا كۈتۈۋېلىپ، خىتاينى سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.
كلىنتون خانىم سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەۋەلىكىگە پوزىتسىيە بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ياپونىيە بىلەن مەسىلىنى دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ياپونىيىنىڭ مەزكۇر ئارالغا بولغان باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بىر تەرەپلىمىلىك ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كلىنتون خانىم: مەن بۇرۇن ئېيتقانغا ئوخشاشلا يەنە شۇنى ئېنىق ئەسكەرتىمەنكى، بىز ھەر قانداق بىرىنىڭ بۇ رايوندىكى ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغان ياكى ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلەپ، تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكەت قوللىنىشىنى خالىمايمىز. ئەلۋەتتە، بىز ئۆتكۈزۈۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا، ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۇلار كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشىغا ئىمكان يارىتىپ بېرىدىغانلىقىغا ئۈمىدۋار قارايمىز، دېگەن.
كلىنتون خانىم بۇ سۆزلەرنى خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدە ياپونىيىگە قارشى جامائەت پىكىر ۋە خىتاي دېڭىز، ھاۋا كۈچلىرىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ھەرىكىتى كۈچىيىپ، ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزۇ ئابې ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىگە قارشى جىددىي ھەربىي تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان بىر مەزگىلدە قىلغان.
ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كلىنتون خانىمنىڭ سۆزى خىتايغا دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە چەك-چېگرا سىزىپ بەرگەن.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى سىياسىتىنى تەھلىل قىلىپ: ئىشىنىمەنكى، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ چىقىش ھالقىسى. ئۇ بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوغداپ، دۇنيادىكى ئىككى ئىقتىسادى چوڭ دۆلەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ساقلاشنى كۆزلەيدۇ. چۈنكى بۇ پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك. باشقا ھېچقانداق نەرسە بۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقئارا بىخەتەرلىكنى قوغداپ، جۇڭگودىن مۇداپىئە كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو ئىستىبدات بىر دۆلەت. ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى ئالدىنئالا مۆلچەرلەشكە ئامالسىز. ھالبۇكى يېڭى رەھبەرلىك ئالمىشىشى ۋە مىللەتچىلىكنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەت ۋە ھوقۇق كۆرۈشىنى باشقا تەرەپكە بۇرايدىغان ئەھۋاللار بۇرۇن يۈز بەرگەن. دېڭشاۋپىڭ ئىلگىرى ھەربىي ھوقۇقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلغان. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ۋە جۇڭگو جامائەت پىكرى ئىچىدە خېلى بازىرى بار. خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر جۇڭگو ئوت بىلەن ئوينىشىدىغان بۇ خىل ئېھتىماللىق بارلىقىنى كۆرۈپ يەتتى، دەپ كۆرسەتتى.
جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىلارىي كلىنتون خانىم بۇ نۇقتىنى تونۇپ يېتىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىگە قاراملىق قىلماسلىق ھەققىدە سىگنال بەرگەن.
ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزۇ ئابې بۇ يىل 2- ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدۇ. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىشىدانىڭ ۋاشىنگتونغا قىلغان زىيارىتى شىنزۇ ئابېنىڭ زىيارىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان. شىنزۇ ئابېنىڭ كېلەر ئاي قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى«ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك شەرتنامىسى» نى ئىلگىرىلەپ رەسمىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتۇر.
سېنكاكۇ مەسىلىسى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇلىدىغانلىقىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس.
خىتاي كلىنتون خانىمنىڭ كىشىدا بىلەن 18-يانۋار ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سېنكاكۇ ئارىلى ھەققىدىكى سۆزىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ سۆزى پاكىت بۇرمىلىغانلىق، توغرا-خاتانى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىك، دەپ تەنقىد قىلغان.
بىراق ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ۋېكتورىيە نۇلاند سەيشەنبە كۈنى خىتاي تەرەپنىڭ باياناتىغا جاۋاب بېرىپ، كلىنتون پەقەت ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى ئىزچىل مەيدانىنى تەكىتلىدى. بىز ھەر ئىككى دۆلەتكە بۇ مەيدانىمىزنى بىلدۈرگەن. جۇڭگو ئۆزىنىڭ دىققىتىنى بىزگە بۇرىماسلىقى كېرەك. بەلكى ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرگە تىرىشىپ، بۇ مەسىلىلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشى لازىم، دېگەن.
جاۋ ۋېيگو ئەپەندى، خىتاينىڭ دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە ھازىرقىدەك ئەسەبىيلىشىپ كېتىشىنى ياپونىيىنىڭ ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر ياپونىيە خىتايغا ئىزچىل خۇشامەتچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنى، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشىغا كۆز يۇممىغان بولسا، ھازىرقىدەك ئۇلارنى قوللىغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنچىلىك ئەسەبىيلىشىپ كەتمىگەن بولاتتى.
جاۋ ۋېيگو ياپونىيىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر قاتارلىق دېموكراتىك كۈچلەرنى قوللاشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇ دېموكراتىك بىر دۆلەت، بولۇپمۇ ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى. قىممەت قارىشى جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. ئۇنىڭ تارىخنىڭ توغرا تەرىپىنى تۇرۇپ، دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشى تەبىئىي ئەھۋال. بىراق ئۇلارنىڭ سىياسىي رەھبەرلىرى ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى كېرەك. ئۇلار بۇرۇن نېمىشقا ئۇنداق قىلمىدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: سىز «4-ئىيۇن ۋەقەسى» دىن كېيىنكى 20 نەچچە يىللىق تارىخنى ۋاراقلاپ باقسىڭىز كۆرەلەيسىز. ياپونىيىلىك سىياسىيونلار ئىزچىل جۇڭگوغا ياخشىچاق بولۇپ، جۇڭگونىڭ بېسىمىغا ئىزچىل تېز پۈكۈل كەلدى. ئۇلار پەقەت جۇڭگونىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەندىلا جۇڭگودىكى ئۆكتىچى زاتلار، ئاز سانلىق مىللەت رەھبەرلىرىگە بولغان پوزىتسىيىسى ئەمدى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. دېمەك ئۇلار ناھايىتى كېچىكىپ ئويغاندى. ئۇلارنىڭ بىخۇدلۇقى سەۋەبلىك جۇڭگو ھازىر ئۇلارغا خالىغان مۇتتەھەملىكنى قىلىدىغان بولدى. لېكىن ياپونىيە سىياسەتچىلىرىگە، ھەربىيلىرىگە قىلغان ئۇششۇقلۇقنى ئامېرىكىغا قىلالمايدۇ.
ياپونىيە ئۆتكەن يىلى 5- ئايدا چاقىرىلغان د ئۇ ق نىڭ 4- نۆۋەتلىك يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلغان. د ئۇ ق يىغىنى ياپونىيىلىك سىياسىي پارتىيىلەر تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يىغىننى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ ئىشلەتكەن ھەر خىل دىپلوماتىك بېسىملىرىغا تېز پۈكمىگەن. ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىگە مەنسۇپ سىياسىي شەخسلەر توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. مەزكۇر پارتىيە يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلىبە قىلىپ، پارتىيە رەھبىرى شىنزۇ ئابې ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ئىدى.
لېكىن جاڭ ۋېيگو ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دياۋيۈ مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى يۇمشاپ قالغان. ئۇ: كلىنتوننىڭ ئاشكارا قىلغان سۆزلىرىدىن سىرت، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى يېقىندىن بېرى بېيجىڭنى زىيارەت قىلدى. ئۇلار ئاسىيانى زىيارەت قىلىش جەريانىدا بېيجىڭدا توختاپ ئۆتتى. ئاشكارە-مەخپىي بېرىپ-كېلىشلەر بولدى. سىز دىققەت قىلسىڭىز جامائەت پىكرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا جۇڭگونىڭ دياۋيۈ مەسىلىدىكى ھۆكۈمەت پوزىتسىيىسى جۈملىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئازادلىق ئارمىيىنىڭ سۆز ھەرىكەتلىرى يېقىندىن بېرى يۇمشاپ قالدى، دەپ كۆرسەتتى.