ئاپتور ماقالىسىدە 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خىتايلارنىڭ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن جىددە، تائېف، مەككە قاتارلىق شەھەرلەرگە يەرلىشىپ كەتكەن ئەسلى كېلىپ چىقىشى خىتايدىكى خۇيزۇ، ئۇيغۇرلارنى يىغىپ چاغانلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى، مەزكۇر زىياپەتكە قاتناشقان جىددە، تائېف، مەككىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ زىياپەتتىكى تائاملارنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقى بىلەن ھېسابلاشماي يېيېشكە باشلىغانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي كونسۇلخانىسى ئۆزلىرى تۈگۈپ تەييارلىغان خېنەننىڭ سورتلۇق قارا چوشقىسىنىڭ گۆشىنىڭ قىيمىسىدىن تۈگۈلگەن تۈگرىلەرنىڭ چوشقا گۆشىدىن تەييارلانغانلىقىنى خىتاي كونسۇلخانسى خادىمى ئالدىن ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقايسىنىڭ بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي يېيىشكە باشلىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ خىتاي كونسۇلخانسى ئالدىن تەييارلىغان ھاراق، پىۋىلەرنى خىتايلاردىن بەكرەك ئاشۇرۇپ ئىچىپ،زىياپەتتە دەلدەڭشىپ يۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بەزى بىر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ بۇنداق زىياپەتلىرىگە داۋاملىق ئىشتىراك قىلىپ تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ھازىر مەككىدە ياشاۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى،ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.
ياماگۇچى مۇستافا ماقالىسىدە مۇنداق بايان قىلغان:
- مەن خىتاي كونسۇلخانسىدىكى باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدىكى ۋاڭ فامىلىلىك كونسۇلنىڭ يېنىدا ئىقامەتتە تۇرغان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنى كۆرۈپ، كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. ئۇلارنىڭ چىرايى پەقەتلا ئۇيغۇرلارغا ئوخشىمايتتى. ئۇلارنىڭ قىياپىتى ھىندۇنېزىيىلىك مۇسۇلمانلارنى ئەسلىتەتتى. بۇ ئۇيغۇرلار خىتاي تىلىدىن بىخەۋەر بولغانلىتىن خىتاي كونسۇلخانىسىغا كەلگىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ئىلياس ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر باش كونسۇل ۋاڭنىڭ سۆزىنى جۈملىمۇ - جۈملە تەرجىمە قىلىپ بېرىۋاتاتتى.ب اش كونسۇل ۋاڭ خىتاينىڭ 2012 - يىللىدىكى قازانغان ئۇتۇقلىرى بىلەن تەرەققىياتى ئۈستىدە توختالدى شۇنداقلا خىتايدا ئېچىلغان 18 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىسىنى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىنى تەسۋىرلىگەندىن كېيىن، ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تەرەقىياتىنىڭ تىزلىكىنى، پۈتۈن مەملىكەت مىقىياسىدا 19 ئۆلكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ۋاڭ سۆزىدە يەنە ئاتالمىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق، باياشات تۇرمۇشتا ياشاۋاتقانلىقىنى، ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ تىنچلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ياخشى بولۇشىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۆھپىسدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، بۈگۈنكى چاغانلىق زىياپەتكە قاتانشقان ئۇيغۇرلارغا خىتاي كومپارتىيىسى نامىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاپتور ماقالىسىدە خىتاي سىياسىي بيۇرۇسى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكىنىڭ بېشىدىكىسى سەئۇدى ئەرەبىستان ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلدىكى بارلىق شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەبلىغىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى ياردىمىدىن دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ كۆپ قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتكەنلىكىنى، بۇ سۆھبەتلەردە پۈتۈنلەي ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى تەكلىپلىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىگە تولۇق قوبۇل قىلدۇرالمىغانلىقىدىن، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ياماگۇچى مۇستافا ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:
- ئېتىقاد نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشىدىن شەكىلىنىدۇ. ئىنساندا ئېتىقاد يوقالغاندا، ئۇنىڭدا ھەممە نەرسە يوقۇلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ بەيتى بولغان بەيتۇل ھەرەمگە يېقىن يەردە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق بۇ ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن خىتايدىن قورقۇپ، بۇلارنىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلەپ، ئۇلارغا شۇنچىلىك خوشامەت قىلىپ كېتىدىغاندۇ؟ شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدا ئېقىۋاتقان قانلارنى، خىتاينىڭ مىلتىقىدا ئېتىلىۋاتقان قىز - يىگىتلەرنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ؟ ئىز - دېرەكسىز يوقالغان، تۈرمىلەردە بىگۇناھ يېتىۋاتقان پەرزەنتلىرىگە ئاھ ئۇرۇپ، يىغلاۋاتقان ئانىلارنىڭ ھازىسىنى بۇلار ئاڭلىمىغانمىدۇ؟ ياكى بۇلار ئۇلۇغ ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئېيتقان، قەلبلىرىگە قۇلۇب سېلىۋېتىلگەن، قۇلاقلىرى گاس، كۆزلىرى كور قىلىۋېتىلگەن، دىماقلىرى پۈتۈۋېتىلگەن، ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان شۇ مەلھۇنلاردىنمىدۇر؟ بىلمىدىم. يەنىلا شۇ بەيتۇللاھتىن يىراق خىتاي كونسۇلسىغا يېقىن ئۇيغۇرلارغا ئاللاھتىن ئىمان ۋە ۋىجدان تىلىدىم.