ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانى زادى قانچە؟

0:00 / 0:00

ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، بولۇپمۇ سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىزچىل كۈچىيىۋاتقانلىقى دائىم تىلغا ئېلىنىۋاتقان بىر تېما. خىتاي شىركەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە يىللاردىن بۇيان مەبلەغ سالماقتا ۋە ئۇلارنىڭ مەبلەغلىرى يىلدىن يىلغا ئاشۇرۇلماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا، بولۇپمۇ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانى غۇلغۇلا قوزغىماقتا. ھازىرقى كۈندە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئورۇنلىشىش مەسىلىسى رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئارىسىدىمۇ ئىنكاس قوزغاۋاتقان مۇرەككەپ مەسىلىگە ئايلانماقتا.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتايلارنىڭ ئېقىپ كىرىشى بۇ رايوندىكى ئاھالىلەرنى ئەندىشىگە سالماقتىكەن ھەمدە يەرلىك ئاھالىلەردە خىتايغا قارشى سەلبىي كۆزقاراشلارنى شەكىللەندۈرمەكتىكەن. خىتايلار بۇ مەملىكەتلەرگە كۆپىنچە ئىش باھانىسى بىلەن كېلىپ، ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئولتۇراقلىشىپ قېلىشقا تىرىشىدىكەن.

«ئاباي قازاقىستان» تور بېتىدە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پەقەت ئۆتكەن يىلنىڭ باھار ئايلىرىدا قازاقىستانغا 400 مىڭ خىتاي ئورۇنلاشقان. «قازاقىستاندا 400 مىڭ ئېتنىك خىتاي ھايات كەچۈرۈۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايلار قازاقىستانغا 2008-يىلدىن باشلاپ، يەنى ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق كۈچىيىشكە باشلىغاندىن تارتىپ ئېقىپ كىرگەن. خىتاي دۆلەتلىك نېفىت-گاز شىركەتلىرىنىڭ قازاقىستان شىركەتلىرىگە سالغان مەبلىغى مىلياردلىغان ئامېرىكا دوللىرىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، 2015-، ۋە 2016-يىللاردا قازاقىستاندىكى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ سانى 100 پىرسەنت كۆپەيگەن ھەم بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا 11 860 خىتاي پۇقراسىغا قازاقىستاندا ئىشلەشكە رۇخسەت بېرىلگەن ئىكەن.

يېقىندا «ئاباي قازاقىستان» دا ئېلان قىلىنغان س. كېنجالىيېۋانىڭ «يەرنى خىتايلىقلارغا بېرىش كېلەچەككە پالتا چېپىش بىلەن ئوخشاش» دېگەن ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر گېزىت تەھرىر بۆلۈمىگە كەلگەن بىر كىشى قازاقىستاندا يەرنى چەتئەللىكلەرگە ئىجارىگە بېرىش مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، يەرنى خىتايلارغا بەرمەسلىك كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

قازاقىستانغا ئەمگەك شەرتنامىسى بىلەن كەلگەن خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ يەرلىك ئاھالە بىلەن توقۇنۇشقانلىقى توغرىلىق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى مەلۇم. 1-مارتتا «قازاق ئاۋازى» تورىدا «ئاتىراۋدا خىتايلار بىلەن قازاق كۆزەتچىلىرى سوقۇشتى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا قازاق كۆزەتچىلەرنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن زاۋۇت مەيدانىدىن سىرتقا چىقارمىغانلىقى سەۋەب بولغان ئىكەن.

سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېيوفنىڭ پىكرىچە، قازاقىستاندا ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشچىلىرى شۇ مەملىكەت قانۇنلىرىنى ساقلىشى، يەرلىك خەلقنىڭ مەدەنىيىتىنى ھۆرمەت قىلىشى شەرتتۇر. ئۇ ھازىر خىتاي دۆلەتلىك نېفىت-گاز باش شىركىتىنىڭ قازاقىستاندىكى «ئاقتۆپە مۇنايگاز» شىركىتى بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قازاقىستان نېفىتىنىڭ 25 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەنلىكىنى، ھازىر بولسا بۇنىڭ خېلى كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دەل ھازىر خىتاي شىركەتلىرى ئېقىپ كىرىۋاتقان ۋاقىتتا بۇ يەردە پەقەت قازاقىستان قانۇنلىرىنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى، بۇ قانۇنلارنىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە قازاقىستان ئىشچىلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەمىنلەش كېرەك. قازاقىستانلىق ئىشچىلار خىتاي ئىشچىلىرى بىلەن بىر مۆلچەردە ئىش ھەققى بىلەن تەمىنلىنىشى شەرت. مۇبادا خىتاي ئىشچىلىرىغا ئۇلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسى چۈشەندۈرۈلمىسە، ئۇلار بۇ يەرلەردە خوجايىنلىق قىلىشى مۇمكىن. ئۇلار يات دۆلەتتە بولغانلىقتىن شۇ دۆلەتنىڭ تەرتىپىگە بېقىنىشى كېرەك. ھەم يەرلىك ھەم چەتئەللىك ئىشچىلار ھوقۇقلىرىنىڭ كەمسىتىلمەسلىكىنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى كونترول قىلىپ تۇرۇشى شەرت».

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى فوندى يېنىدىكى دۇنياۋى ئىقتىساد ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقاتلىرى پروگراممىسىنىڭ باشلىقى رۇسلان ھېزىموفنىڭ قارىشىچە، ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا بىرلەشكەن كارخانىلارنى قۇرۇش سەۋەبىدىن قازاقىستاندىكى خىتاي شىركەتلىرى 2011-يىللارغىچە كۆپەيگەن بولسا، ھازىر ئۇنداق ئەھۋال بايقالمايدىكەن. يەنى بۇنىڭغا ئالاھىدە بىر قىزىقىش يوق ئىكەن. ئەمدى ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى لايىھەلەر ئاساسىدا قازاقىستانغا خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ كېلىشى بۈگۈنگىچە داۋام قىلماقتا. سىياسەتشۇناس رۇسلان ھېزىموف خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ سانى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى پەقەت شەھەر ۋە ئوبلاستلاردىكى مەخسۇس ئورگانلاردىن ئىگىلەشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ قازاقىستاندا يەرلىشىپ قېلىشى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ يەرلىك قىزلارغا ئۆيلىنىپ، بۇ يەردە يەرلىشىپ قېلىۋاتقانلىقى توغرىلىق مەلۇماتلار بار، ئەلۋەتتە. ئەمما مەن بۇنى كۆپىنچە كۆپتۈرۈلگەن مەلۇماتلار دەپ ئويلايمەن. مۇنداق نىكاھلار ساناقلىقلا. مەن بۇنىڭغا چوڭ ئېتىبار بەرمىگەن بولاتتىم».

خىتاينىڭ ئىجارىگە ئېلىش يوللىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تېررىتورىيەلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىگىلىۋېلىش سىياسىتى تاجىكىستاندىمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتماقتا. يېقىندا «قىرغىزىستان نيۇس» ئاگېنتلىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «سېميېن باگداساروف: خىتايلار پەيدىنپەي تاجىكىستاننى يۇتماقتا» دېگەن ماقالىدە يېقىن شەرق ۋە مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىنى تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سېميېن باگداساروف تاجىكلارنىڭ مىڭلىغان كۋادرات كىلومېتىردىن ئوشۇق يەرنى خىتايغا ئىجارىگە بېرىۋەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ھەر خىل مەملىكەتلەردە، شۇ جۈملىدىن تاجىكىستاندىمۇ ھەربىي بازىلىرىنى سېلىشقا كىرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سىياسەتشۇناس ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرزلەرنى بېرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ قېزىلما بايلىقلارغا باي يەرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمدى «مەركىزىي ئاسىيا» تور بېتىدە بېرىلگەن «سالام، سېرىق ئاكىلار، قىرغىزىستاندا خىتايلار كۆپەيدى» دېگەن ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ قىرغىزىستاندا كۆپىيىشى بۇ يەردىكى ئاھالىنى بىئارام قىلماقتىكەن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتايلاردىن تۇغۇلغان بالىلار ئەمدى 5-ۋە 6-سىنىپلارغا بېرىۋاتىدۇ. شۇ نەرسە كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇكى، دائىرىلەر بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى قىرغىزىستاندا چەتئەللىك ئىشچىلار ئۈچۈن 14 مىڭ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ 11 مىڭىنى ياكى 80 پىرسەنتىنى خىتاي پۇقرالىرى ئالدى. بۇ ھەقتە پارلامېنتتا كۆچۈش ۋە يەرلىشىش خىزمىتىنىڭ رەئىسى مېدېتبېك ئايدارئەلىيېف خەۋەر قىلدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، 2018-يىلى يەنە شۇنچىلىك ئورۇن بەلگىلىنىدىكەن».

قىرغىزىستاندىكى «ئىتتىپاق» گېزىتى باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى ئابدۇرېھىم ھاپىزوفنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىزىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن، خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ مەملىكەتتىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىدېئولوگىيىلىك تەسىرىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان. ھازىر خىتاي مەملىكەتنىڭ بارلىق ۋىلايەتلىرىدىكى يەر ئاستى قېزىلما بايلىقلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئونلىغان شىركەتلىرىنى ئىشقا سالغان. خىتاي شىركەتلىرى كۆپەيگەنسېرى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ سانىمۇ ئاشماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسلىنىدىغان يېرى شۇكى، قىرغىزىستاندا 800 مىڭغا يېقىن ياشلار چەتئەلدە ئىشلەۋاتىدۇ. شۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي ئىشچىلىرى كېلىپ ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ يەردە خىتاي شىركەتلىرىدىن باشقا خىتاينىڭ ‹ئېكىسپورت-ئىمپورت› دېگەن ئەڭ چوڭ بانكىسى بار. ھازىر قىرغىزىستاننىڭ تاشقى قەرزى 3 مىليارد دوللار. شۇنىڭ 40 پىرسەنتى مۇشۇ بانكىغا قەرز. يېقىندا باتكېندا خەلق قوزغىلىپ، خىتاينىڭ قىرغىزىستان بىلەن بولغان يەر ئاستى قېزىلما بايلىقلىرى بويىچە كېلىشىمىگە قارشى چىقتى».

ئابدۇرېھىم ھاپىزوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى خىتايلارنىڭ قىرغىزىستاندىكى سانى 10 مىڭدىن كۆپ بولغان بولسا، 2013-يىلى ئۇلار 90 مىڭغا يەتكەن، ھازىر بولسا 300 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئابدۇرېھىم ھاپىزوف بولۇپمۇ ياش خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ تېز ئارىدا قىرغىزىستان پۇقرالىقىنى ئېلىش مەقسىتىدە يەرلىك قىزلارغا ئۆيلىنىشكە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر شۇنداق ئۆيلەنگەنلەر سانىنىڭ 30 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەمما قىرغىزىستاننىڭ رەسمىي ئورگانلىرى بەزى تورلاردا بېرىلگەن مۇنداق رەقەملەرنىڭ ھەقىقەتكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. مەسىلەن، قىرغىزىستان «خابار» ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، قىرغىزىستان دۆلەتلىك تىزىملاش خىزمىتى 30 مىڭ خىتاي پۇقراسىنىڭ قىرغىز قىزلىرىغا ئۆيلەنگەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، پەقەت قىرغىز-خىتاي تويلاشقانلاردىن 195 جۈپ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، «جېبې نيۇس» تور بېتىدە بېرىلگەن مەلۇماتلار بويىچە، قىرغىزىستان دۆلەت كۆچۈش-يەرلىشىش خىزمىتىنىڭ كاتىپى نۇرلان شېرىپوف مەملىكەتتە 14 مىڭ چەتئەللىك ئىشچىنىڭ تىزىملانغانلىقىنى، شۇلارنىڭ 11مىڭغا يېقىنىنىڭ خىتاي پۇقرالىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.