شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى: خىتاينى سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق دېموكراتىيىگە يېتەكلەيمىز

0:00 / 0:00

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى سىتىۋان لىۋىن 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە خىتايدا زىيارەتتە بولدى.بۇ قېتىملىق زىيارەت شىۋېتسىيە تارىخىدىكى خىتايغا قارىتا زىيارەتلەر ئىچىدىكى كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان زىيارەت بولغاچقا، شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

باش مىنىستىر ستىۋان لىۋىن زىيارەتكە مېڭىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا تايلاندتىن تۇتۇپ كېتىلگەن شىۋېت پۇقراسى گۇي مىنخەينىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.ئۇ سۆزىدە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭمۇ شىۋېتسىيەنىڭ پەن-تېخنىكىسىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈردى.

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتى جەريانىدا «جىلى شىركىتى» ھەمدە «ئالىي با با» گۇرۇھى بىلەن نۇرغۇن سوممىلىق توختام تۈزۈپ كەلگەن.شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» باش مىنىستىر ستىۋان لىۋىن خىتايغا زىيارەتكە بېرىشتىن بۇرۇن شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالدىن دوكلات يېزىپ، باش مىنىستىردىن خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ھەقتە توختالغان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابباس ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياۋروپانى مەركەز قىلغان ھالدا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا قارىتا كۆز قارىشىنى ئىپادىلىدى.

ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېڭى يىپەك يولى پىلانى بويىچە، خىتاينى ياۋروپا بىلەن باغلاپ، جاھانگىرلىك مەقسىتىگە يەتمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئابباس ئەپەندى شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن نورمال مۇناسىۋەتنى ساقلاش ئارقىلىق خىتاينىڭ دېموكراتىيىگە ئۆتۈشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئىزاھلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياۋروپادا ئىقتىسادى ۋاسىتە ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ياۋروپادا ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا تەسىر يېتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەندىشىسىنى بايان قىلدى.

ئاخىرىدا دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ياۋروپادا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىكى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان كرىزىسقا قارىتا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇھىم بولغان خىزمەتلەرنى ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىشى ھەققىدىكى ئۆز تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.