خوڭكوڭ ۋەزىيىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولماقتا

0:00 / 0:00

1997-يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ قول ئاستىغا ئۆتكەن ھەم ئۇنىڭ «بىر مەملىكەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» دېگەن قائىدىسى بويىچە ياشاۋاتقان خوڭكوڭ ئۆزىنى-ئۆزى ئىدارە قىلىش ئالىي ئاپتونومىيىسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاممىۋى نامايىشى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولماقتا. خەلقئارا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تارقىتىۋاتقان خەۋەرلەردە خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنىڭ خىتاينى ئېغىر بىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىگە توغرا قارىمىسا، ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىدىغانلىقى، ھەتتا نامايىشنىڭ ئومۇمىي خەلق نارازىلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقى، خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا دەسلەپكى قېتىم ئۆز خەلقىگە كۈچ قوللانغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنىڭ بىۋاسىتە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىر-تەخمىنلەر ئېيتىلغان.

رۇسىيەنىڭ ئاخبارات-ئانالىتىكىلىق خىزمىتى ئېلان قىلغان «خوڭكوڭ ۋەزىيىتىگە دائىر» دېگەن ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى ۋەقەلەر بۇ زەنجىرسىمان رەڭلىك ئىنقىلابلارنىڭ نۆۋەتتىكى گۇرۇپپىسىلا ئەمەس، بەلكى ناھايىتى جىددىي بىر ۋەقە بولۇپ، مۇنداق ئەھۋال ئەمدى سىنگاپوردىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن. ماقالىدە غەربنىڭ دەسلەپتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت ئارقىلىق، ئەمدى بولسا 1989-يىلقى تيەنئەنمىن ۋەقەسىدەك يەنە شۇ خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئارقىلىق خىتاينى تەۋرىتىشكە ئۇرۇنغانلىقى تەكىتلەنگەن.

«رىئا نوۋوستى» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «خوڭكوڭدىكى ۋەقەلەر - خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى» ناملىق ماقالىدە رۇسىيەنىڭ دۆلەت دۇماسى رەھبىرى سېرگېي نارىشكىننىڭ خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىلى بىلەن ئۇچراشقانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا س. نارىشكىن خوڭكوڭ ۋەقەسىنى بىۋاسىتە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قاراپ، بۇنىڭغا قانداقلا بولمىسۇن تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان پرېزىدېنتى يېنىدىكى قازاقىستان ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، سىياسەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى كونستانتىن سىرويېژكىن خوڭكوڭدا قېلىپلاشقان ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆز رەھبەرلىرىنى سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمدى بۇنىڭدىن يالتىيىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن شۇنداق ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
- بۇ، ئەلۋەتتە، خىتاي رەھبەرلىكىنىڭ خاتالىقى. بۇنى قىلماسلىق كېرەك ئىدى. ئەگەر سايلام بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولسا، بۇ يەردە قورقىدىغان بىرەر نەرسىنى مەن كۆرەلمەيۋاتىمەن.

ئۇ، خوڭكوڭ ۋەقەسىنىڭ سۈرىيە، ئۇكرائىنا ۋە باشقا مەملىكەتلەردىكىدەك رەڭلىك ئىنقىلابقا ئايلىنىپ كېتىش خەۋپىنىڭ يوقلۇقىنى، قانداقلا شەكىلدە بولمىسۇن، خىتاينىڭ ئۇلارنى باستۇرۇپ تاشلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سىياسەتشۇناس ئايدوس سارىم بولسا، خوڭكوڭنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان خۇددى ئادەم تېنىنىڭ بىر ئەزاسىدەك خىتاينىڭ بىر بۆلىكى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇسى كەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا خوڭكوڭدا دېموكراتىيىنىڭ مەلۇم بىر ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ يەردىكى ھەر خىل جىنائىي، كاپىتالىستىك گۇرۇپپىلارنى تۇتۇپ تۇرۇپ، پۈتكۈل خوڭكوڭنى ئەمدى ئۆزىگە قارىتىۋېلىپ، ئىچكىرى خىتاي قانۇنلىرىنى ئورنىتىشنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
- ئازادلىققا، ئەركىن ئاۋاز بېرىشكە، سايلامغا قاتنىشىشقا ئۆگىنىپ كەلگەن خەلقنى بىردىنلا كوممۇنىستىك يۆنىلىشتە ئېلىپ مېڭىش ئەقىلگە سىغمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىرەر كېلىشىم تېپىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ بۇنىڭغا مەجبۇر بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ باشقا بىر شەكلىنى تاپامدۇ ياكى بولمىسا باشقا بىر ئادەمنى قويامدۇ، بۇنى ۋاقىت كۆرسىتىدۇ. ئەمدى خىتاي ئەركىنلىكنى بەك كۆپرەك بېرىپ قويىدىغان بولسا، پۈتكۈل ئەلنىڭ تەۋرەپ كېتىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭلاشقا چوڭ بىر ئۆزگىرىش بولماسلىقى ئېنىق.