خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى.
«فىرانسىيە ئاۋازى» نىڭ 3-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خوڭكوڭدىكى 16 ئاممىۋى تەشكىلات يەكشەنبە، يەنى 2-سېنتەبىر كۈنى كۈنى خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ئالدىغا يىغىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇشلىرىغا شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويغان بىر يۈرۈش ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى يوقىتىش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.»
«خوڭكوڭدىكى كۆپلىگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار يەكشەنبە كۈنى توپلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇشلىرىغا قارشى چىقتى» ناملىق بۇ خەۋەردە: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى پەيشەنبە كۈنى شىنجاڭدىكى "قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى" توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، "تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش" نامىدا يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇرلارنى دەرھال ئازاد قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى يوقىتىش كومىتېتى قولغا كەلتۈرگەن تەخمىنىي ھېسابقا بىنائەن، شىنجاڭدا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرىي ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي بولسا شىنجاڭدا "قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى" نى قۇرغانلىقىنى ئىنكار قىلدى» دېيىلگەن.
دەرۋەقە، ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىدە زور كۆلەمدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇزۇن مەزگىللىك قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇندىن ئىلگىرى ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ 8- ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 96-نۆۋەتلىك يىغىنىدا مەزكۇر كومىتېت ئەزالىرى 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغاندا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى «بۇنداق نەرسە مەۋجۇت ئەمەس» دەپ پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان ئىدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى خوڭكوڭدا 2- سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن 16 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ بىرلەشمە نامايىشىغا «خوڭكوڭ بىرلەشمە جەمئىيىتى»، «خوڭكوڭ دېموكراتىيە فرونتى»، «دېموكراتلار پارتىيەسى»، «ئىشچىلار پارتىيەسى»، «جىنپۇسەن خوڭكوڭنى قۇتقۇزۇش بۈيۈك بىرلىكى» قاتارلىق پارتىيە- تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ساھەدىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار قاتناشقان ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىنى ئەيىبلىگەن.
نامايىش تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ئەھۋاللىرى سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقتى. مىليونلىغان ئۇيغۇرلار "قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى" گە قامالغان. تەخمىنەن ھەر ئون ئۇيغۇر ئىچىدىن بىر ئۇيغۇر سولانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە زور سانلىق مەلۇمات ۋە يۇقىرى تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلماقتا ۋە ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيەلىك مەلۇماتلىرىنى توپلىماقتا. ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىلىرىگە مەجبۇرىي يەرلەشتۈرمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلىمەكتە. پۈتۈن خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى بۇيرۇق بىلەن مەجبۇرىي يۇرتىغا قايتۇرماقتا. چەتئەلگە چىقىشقا ئىجازەت يوق، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئائىلىلىرىگە تەھدىت سېلىپ، يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇرلىماقتا، قايتىپ بارغانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولماقتا. ياغلىق ئارتىش، ساقال قويۇش، ئىبادەت قىلىش قاتارلىقلار جىنايەتچى بولۇشنىڭ ئامىللىرى ھېسابلانماقتا. مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش چەكلەنمەكتە.»
بۇ بىرلەشمە نامايىشچىلار ئۆز باياناتلىرىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشنى، بارلىق جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى، ئۇيغۇر رايونىغا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا زىچ كۆڭۈل بۆلۈشنى مۇراجىئەت قىلغان.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى نۆۋەتتە خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ جىددىي تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ب د ت ۋە ئامېرىكا دۆلەت خادىملىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتماقتا. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىنى تاقاش يولىدا پائال ھەرىكەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە خوڭكوڭدىكى بىرلەشمە نامايىشنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
خوڭكوڭدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ بىرلەشمە نامايىش د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى مەمنۇن قىلغان. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ توغرىسىدا قاراشلىرىنى بايان قىلغاندا، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ يالغۇز غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىلا ئەمەس، ھەتتا خوڭكوڭدىكى خەلقنىڭمۇ بىلىشىگە ۋە ھېسداشلىقىغا ئېرىشكەنلىكىنى، بۇنىڭ تەسىرىنىڭ خىتايغىچە يېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە قارىتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھازىرغا قەدەر بېسىم خاراكتېرلىك ئوچۇق بىر ئىپادىدە بولمىغانلىقى د ئۇ ق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم مەسىلە بولغان. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا قاراپ يولغا چىققان ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا بۇ خۇسۇستا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىغان.
0:00 / 0:00