50 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى قاتناشقان 3-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى يىغىنى 24-مارت گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدە باشلىنىپ 25-مارت ئاخىرلاشتى. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم بۇ خىلدىكى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا كۆپلىگەن مۇھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.
يادرو قوراللىرىنىڭ تېررورچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تۈپ مەقسەت قىلغان خەلقئارا يادرو قوراللىرى بىخەتەرلىكى يىغىنىغا 50 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا يەنە، ئامېرىكا باشلىق گ7 تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قىرىم مەسىلىسىنىمۇ ئايرىم مۇزاكىرە قىلدى. ئەمما قىرىم مەسىلىسى يىغىنىغا شى جىنپىڭ قاتناشتۇرۇلمىغانغا ئوخشاش، گ8 تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن بىرى بولغان رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىنمۇ تەكلىپ قىلىنمىدى.
غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 24-25-مارتتىكى خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، پۇتىننىڭ بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنماسلىقىدىكى سەۋەب قىرىم مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، شى جىنپىڭنىڭ قاتنشتۇرۇلماسلىقىدىكى سەۋەب، ب د ت دا قىرىم سايلىمىنى ئىناۋەتسىز قىلىش يىغىنىدا خىتاي تەرەپنىڭ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىشى بولغان. شۇنداقتىمۇ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىن مەزگىلىدە ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ مەزمۇنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تېخى ئېلان قىلىنمىدى.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر غەرب ئەللىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ زور ئەندىشىلىرىدىن بىرى، خەلقئارا تېررور كۈچلىرىنىڭ رادىئاكتىپ ماددىلار بىلەن قوراللىنىش ئېھتىماللىقى بولۇپ، ئەگەر بۇ خىل قورال تېررورغا ۋاسىتە قىلىنسا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئىلگىرى رۇسىيەدە چېچەن قارشىلىق كۈچلىرىنىڭ بۇ خىل يادرو قوراللىرىنى بۇلاش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. ياپونىيەدىكى رادىكال دىنچىلار ۋە ئەلقائىدە تەشكىلاتىمۇ رادىئاكتىپ ماددىلارنى قولغا چۈشۈرۈشكە كۆپ ئۇرۇنۇپ كەلگەن. بۇ خىل ماددىلار ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەخپىي ئىسكىلاتلىرىدا ساقلىنىپلا قالماي، يەنە كۆپلىگەن دوختۇرخانىلاردىمۇ زور مىقداردا ساقلانماقتا ئىكەن.
يادرو بىخەتەرلىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى 2010-يىلى تۇنجى قېتىم ۋاشىنگتوندا باشلىنىپ، 2012-يىلى كورېيەدە ئىككىنچى قېتىم چاقىرىلغان. بۇ قېتىمقى 3-نۆۋەتلىك يىغىنغا 53 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىدىن تاشقىرى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى گۇرۇھى، خەلقئارا ساقچى، ياۋروپا بىرلىكى ۋە ب د ت ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. گېرمانىيە ھېسسېن ئۇنىۋېرسىتېتى تىنچلىق ۋە توقۇنۇش تەتقىقات مەركىزى خادىمى جورجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر رادىئاكتىپ ماددىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق دوختۇرخانىلار ئۇنى داۋالاش ئېھتىياجى تۈپەيلى ئىشلىتىدىغان بولغاچ، تېررور كۈچلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. ئەگەر ئۆتكەن يىللىرى بوستوندا پارتلىغان بومبا رادىئاكتىپلىق بومبا بولغان تەقدىردە، ئۆلىدىغان ئادەمنىڭ سانىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەسكەن. بىر تال رادىئاكتىپلىق بومبا بىلەن قانچە ئونمىڭلىغان ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغىلى بولىدىكەن. ھالبۇكى، بۈگۈنگە قەدەر تېخى دۇنيانىڭ ھېچ يېرىدە ھېچبىر تېررور گۇرۇھى ياكى تېررورچى شەخس دۈشمىنىگە رادىئاكتىپلىق ماددىلار بىلەن ھۇجۇم قوزغاپ باقمىغان.
گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 25-مارتتىكى خەۋەرلىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭ «جۇڭگونىڭ يادرو بىخەتەرلىكى نەزەرىيىسى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن بولۇپ، دوكلاتتا نېمىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسلىدە خىتايغا ئوخشاش دۆلەت تېررورى سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ بۇنداق يىغىنغا قاتنىشىش سالاھىيىتى يوق. چۈنكى ئۇيغۇر ئىلىدا رادىئاكتىپ ماددىلار بىلەن خەلقنىڭ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقىنى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ئەمەس، بەلكى خىتاي دۆلىتىدۇر. خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئېلىپ بارغان 40 نەچچە قېتىملىق ئاتوم سىنىقى بىلەن بىھىساپ ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى ۋە بۇ سىناقلار ئاقىۋىتىدە تارالغان رادىئاكتىپ ماددىلار يەنە ئونمىڭلارچە ئىنساننىڭ غەيرىي نورمال يېتىلىشىگە ساۋەب بولدى. بۇنىڭ تەسىرى ھازىرغىچە تۈگىگىنى يوق.
گېرمانىيە ن24 قانىلىنىڭ 25-مارتتىكى خەۋەرلىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يادرو بىخەتەرلىكى يىغىنىدا كىشىلەرنىڭ بەكرەك دىققىتىنى چەككىنى تېررور مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، كانادا قاتارلىق گ7 گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قىرىم مەسىلىسى ئۈستىدە ھاسىل قىلغان پىكىر بىرلىكى بولغان. يىغىندا گ8 نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، پۇتىننى سىقىپ چىقىرىش، رۇسىيەگە قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جازا يۈرگۈزۈش قارارى ئورتاق ئاۋاز بىلەن تەستىقتىن ئۆتكەن.