مەلۇمكى، بۇنىڭدىن 27 يىل ئىلگىرى، يەنى 1991-يىلى 29-ئاۋغۇستتا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف شەمەي ئاتوم سىناق مەيدانىنى يېپىش توغرىلىق پەرمان چىقارغان ئىدى. ئەنە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەر يىلى شەمەي شەھىرى ۋە باشقا شەھەرلىرىدىمۇ خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىگە ئايلانغان.
«خابار» ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «27 يىل ئىلگىرى شەمەي ئاتوم سىناق مەيدانى يېپىلدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، شەمەي شەھىرىدە بۇ كۈنى ئىككى تارىخىي ۋەقە، يەنى خەلقئارا ئاتوم سىنىقىغا قارشى ھەرىكەت كۈنى ۋە شەمەي ئاتوم سىناق مەيدانىنىڭ يېپىلغانلىقىنىڭ 27 يىللىقى خاتىرىلەنگەن. بۇ كۈنى شەھەرنىڭ «ئۆلۈمدىن كۈچلۈك» دەپ ئاتالغان خاتىرە ھەيكىلى يېنىدا 5000 ئادەمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تىنچلىق نامايىشى بولۇپ ئۆتتى. نامايىشچىلار ھەيكەلگە گۈلچەمبىرەك قويۇپ، بىر مىنۇتلۇق سۈكۈت بىلەن ئاتوم سىنىقى قۇربانلىرىنى ئەسلىدى.
شەمەي ئاتوم سىنىقى مەيدانىنىڭ زەربىسى بۈگۈنمۇ مەۋجۇت بولۇپ، بۇ رايوندا ياشاۋاتقان ئاھالە ئارىسىدا ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولغانلارغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تېببىي ۋە ئىجتىمائىي ياردەملەر كۆرسىتىلمەكتىكەن. مەملىكەتنىڭ مىللىي يادرو مەركىزىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ئاتوم سىناقلىرىدىن زەخىملەنگەن يەرلەرنىڭ پەقەت 50 پىرسەنتى تەكشۈرۈلگەن ئىكەن. بۇ يەرلەرنىڭ 85 پىرسەنتى 2023-يىلى تەكشۈرۈلۈپ بولۇپ، ئۇ يەرلەردە دېھقانچىلىق قىلىشقا رۇخسەت بېرىش قاراشتۇرۇلماقتا.
جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدىمۇ بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئۇنى «تىنچلىق يالقۇنى مەڭگۈلۈك ئوتقا ئايلانمىسا ئىكەن» دەپ ئاتىغان. شۆھرەت مەسىموفنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە قازاقىستان ۋە ياپونىيەنىڭ ئاتوم زەردابىنى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆپ تارتقان مەملىكەتلەر سۈپىتىدە بۇ ئاممىۋى قىرىش قورالىغا قارشى كۈرەشتە بىر-بىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. مەسىلەن، قازاقىستان پرېزىدېنتى ۋە ياپونىيە باش مىنىستىرى يادرو سىناقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش توغرىلىق شەرتنامىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندىكى شەمەي ئاتوم مەيدانىنىڭ ئاھالىگە يەتكۈزگەن زىيىنى ھەققىدە مەتبۇئاتلاردا، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا كۆپ ئېيتىلغان ئىكەن. ئاتوم سىنىقىنىڭ خەلققە يەتكۈزگەن زەردابىنى پاش قىلىشتا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى «نېۋادا-شەمەي» يادرو سىناقلىرىغا قارشى خەلقئارا ھەرىكىتى قارمىقىدا قۇرۇلغان «لوپنۇر كومىتېتى» مۇ كۆپ ئىشلارنى قىلغان ئىدى. چۈنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ تەسىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستاندىكى رايونلارغىمۇ يەتكەن.
قازاقىستانلىق ژۇرنالىست شەمشىدىن ئايۇپوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، «لوپنۇر كومىتېتى» ئۇيغۇر ئېلىدىكى لوپنۇر ئاتوم سىناق مەيدانىنى پاش قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «قېرىنداش قازاق ۋە ئۇيغۇر خەلقلىرىنى ئاتوم سىناقلىرى ئېلىپ كەلگەن ئومۇمىي پاجىئە بىرلەشتۈرۈپ تۇرىدۇ. ‹نېۋادا-شەمەي› خەلقئارا ھەرىكىتى چوڭ بىر كۈچكە ئايلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ياخشى چۈشەنگەن ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلىرىمىز تارىخىي ۋەتىنىمىزدىمۇ قانداشلىرىمىزنىڭ ساغلام ھاياتىغا خەۋپ تۇغدۇرۇۋاتقان لوپنۇر سىناق مەيدانىنى يېپىش ئۈچۈن لوپنۇر كومىتېتىنى قۇردى. ئۇنى قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى ئازاد ھېكىمبەگ باشقۇردى. لوپنۇر كومىتېتىنىڭ ئاكتىپلىرى كۆپلىگەن نارازىلىق نامايىشلىرىنى، مۇخبىرلار بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ‹يادرو قورالغا يول يوق!›، ‹لوپنۇردا سىناقلار توختىتىلسۇن!› دېگەن شوئارلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېگىشلىك ئورۇنلارغا مۇراجىئەتلەرنى تاپشۇردى. چۈنكى لوپنۇر سىناق مەيدانىدا پارتلىتىلغان ئاتوم زەردابىنى تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىز كۆپ تارتىۋاتاتتى. بۇ پارتلىتىشلار ئۇنىڭسىزمۇ يۈرىكى مۇجۇلۇپ، قان يۇتۇۋاتقان ئاتىلىرىمىز بىلەن ئانىلىرىمىزنىڭ، تېخى بالاغەت يېشىغا تولمىغان قىز-يىگىتلەرنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئەڭ ئېغىر ساقايماس ئاغرىقلارنىڭ بىرى بولغان قاننىڭ بۇزۇلۇشىغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاي-كۈنى توشماي ۋە مەجرۇھ بولۇپ تۇغۇلۇۋاتقان بالىلار سانى كۆپىيىۋاتاتتى. ئەنە شۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئەندىشىگە سالغان ئەجدىھا قورالنىڭ ئۈنىنى ئۆچۈرۈش تەشەببۇسى بىلەن يۈسۈپبەگ مۇخلىسى، ئازاد ھېكىمبەگ، غوجەخمەت سەدۋاقاسوف، مەھمۇد ئابدۇراخمانوف، ھۇرقىز ئىلىيېۋا، قەھرىمان غوجامبەردى، ئابدۇرازاق ئىمام ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن ئۆز زېمىنىنىڭ ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىرى مەيدانغا چىقتى.»
شەمشىدىن ئايۇپوفنىڭ ئېيتىشىچە، لوپنۇر كومىتېتى ئاكتىپلىرى شۇ ۋاقىتلاردا لوپنۇر سىناق مەيدانىدىكى ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى ئاتوم پارتلىتىشلارغا قارشى كۈرەشتە بىرلەشتۈرگۈچ كۈچكە ئايلانغان ئىكەن. ئاتوم سىناقلىرىغا قارشى كۈرەشتە «نېۋادا-شەمەي» ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى لوپنۇر كومىتېتى دائىم بىر سەپتە بولۇپ، بىرلا مەقسەتنى-يەنى سىناقلارنى توختىتىپ، سىناق مەيدانلىرىنى يېپىشنى كۆزلىگەن ئىكەن.
«لوپنۇر كومىتېتى» رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى لاۋازىمىنى ئاتقۇرغان ھۆرقىز ئىلىيېۋا خانىمنىڭ دېيىشىچە، دۇنيادىكى ئاتوم سىناقلىرىغا چەك قويۇشتا بولۇپمۇ «نېۋادا-شەمەي» ئاتوم سىناقلىرىغا قارشى خەلقئارا ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، جامائەت ئەربابى، يازغۇچى ئولجاس سۈلېيمېنوف كۆپ كۈچ چىقارغان ئىكەن.
ئۇ قازاقىستاننىڭ كۆپلىگەن ۋىلايەتلىرىدە 500دىن ئوشۇق يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى ئاتوم سىناقلىرىنىڭ يۈرگۈزۈلۈپ، بۇنىڭدىن مىليونلىغان ئاھالىنىڭ زەرداب چەككەنلىكىنى، كېيىنكى يىللاردىمۇ ئاتوم سىنىقىنىڭ زەردابىنى دۇنياغا پاش قىلىشتا «نېۋادا-شەمەي» ھەرىكىتى بىلەن بىر سەپتە 1992-يىلى قۇرۇلغان «لوپنۇر كومىتېتى» نىڭمۇ كۆپلىگەن ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ۋەزىپىمىز مەجبۇرىي تۈردە سىناق مەيدانىنى يېپىش ئەمەس، بەلكى ئاتوم سىناقلىرىنىڭ ئۇ، يا بۇ ئەلدىكى ئاھالىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئادەمزاتقا يەتكۈزۈشتىن، ئاددىي ئاھالىگە چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىمىز قەدىمىي زېمىن شەرقىي تۈركىستاندا ‹لوپنۇر› دېگەن چوڭ سىناق مەيدانىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھەممىگە ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت ئىدى. بىزنىڭ قىلغان ئىشىمىز ئاتوم سىنىقىغا قارشى بارلىق خەلقئارا جامائەتچىلىكنى خىتاينىڭ لوپنۇردىكى سىناقلىرىنى ئۆگىنىشكە جەلپ قىلىشقا قارىتىلدى. لوپنۇردا 48 دىن ئوشۇق ئاتوم سىنىقى يۈرگۈزۈلگەن ئىدى. ئەگەر شەمەي ۋە لوپنۇر ئاتوم سىناقلىرىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، شەمەي توغرىلىق خەۋەر كۆپچىلىككە مەلۇم بولغان بولسا، ئەمدى لوپنۇر سىناق مەيدانى پەقەت ئولجاس سۈلېيمېنوف قۇرغان ‹لوپنۇر كومىتېتى› نىڭ پائالىيەتلىرى ئارقىسىدىلا ئاشكارىلاندى. بىز ئىشنى خەلقئاراغا بۇ ھەقتە ئاخبارات تارقىتىشتىن باشلىدۇق. بۇ ئىش ياپونىيەدە باشلاندى. خىروشىما ۋە ناگاساكىدا ئاندىن قىرغىزىستاندا، قازاقىستاندا، ئامېرىكىدا بولۇپ بىز 15 تىن ئوشۇق نارازىلىق نامايىشلىرىنى ئۆتكۈزدۇق. بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا پۈتكۈل دۇنيادىكى تەرەپدارلىرىمىز ياردەملەشتى. نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ شەمەي ئاتوم سىنىقىنى ئۈزۈل-كېسىل يېپىشى ھەم باشقا مەملىكەتلەرنىمۇ شۇنىڭغا دەۋەت قىلىش ئارقىسىدا بارلىق مەملىكەتلەر سىناقلارنى ۋاقتىنچە توختىتىشىغا ئېلىپ كەلدى.»
ھۇرقىز ئىلىيېۋانىڭ ئېيتىشىچە، شەمەي سىناق مەيدانى ئۈزۈل-كېسىل يېپىلغان بولسىمۇ، قالغان مەملىكەتلەر ھازىرچە بۇنى ۋاقىتلىق توختىتىش بىلەن چەكلەنگەن ئىكەن. ئۇ ھازىرقى ۋاقىتتا ئاتوم سىناق مەيدانلىرىنى يېپىش بويىچە ئىشلار توختاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا ئالىملىرىنىڭ مەزكۇر سىناق ئاقىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلىش بويىچە ئىشلارنى ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ھۇرقىز ئىلىيېۋا بارلىق مەملىكەتلەردە ئاتوم سىنىقىنى يۈرگۈزۈش ۋاقىتلىق توختىتىلغاندىن كېيىن تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى لوپنۇر سىناق مەيدانىدا ياپون تەتقىقاتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا رۇخسەت بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «3-باسقۇچتا مەن ياپون دوختۇرلىرىنى پانفىلوف ناھىيىسىنىڭ ياركەنت شەھىرىگە ئېلىپ كەلدىم. بۇ 1998- ۋە 2000-يىللارنىڭ باشلىرى ئىدى. ئون ياپون دوختۇرى شۇ يەردە بىر يېرىم ئاي ئىشلىدى. مەندە بۇ ھەقتە يېزىلغان كىتابمۇ بار. بۇ تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ئۇلار ياپونىيەدە يىغىنلار ئۇيۇشتۇرۇپ، ياركەنت ۋە تالدىقورغان شەھەرلىرىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختالدى. 1997-يىلى بىز ‹لوپنۇر سىناق مەيدانى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىمىز؟› ناملىق كىتابنى نەشر قىلدۇق. ئۇنىڭ ئاپتورلىرى تونۇلغان فىزىكا ئالىمى ئىۋان چاسنىكوف ۋە مەن. بىز بىر قاتار مەملىكەتلەرگە بېرىپ، ئاتوم سىناق مەيدانلىرى توغرىلىق مەلۇماتلار توپلىدۇق. بىزگە ياپون دوختۇرلىرى بىلەن مەلۇمات يىغىشتا بولۇپمۇ شۇ ۋاقىتتىكى‹پانا› فوندىنىڭ باشلىقى ماگېلان شەرىپوف ۋە شۇنداقلا لوپنۇر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى تۇرسۇنئاي ئىمىنوۋا، ئەختىرىم ئەخمەتوۋا كۆپ ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەم كۆرسەتتى.»
سىياسەتشۇناس ۋە تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، لوپنۇر سىناقلىرىنىڭ زەردابى خۇددى قازاقىستاننىڭ شەمەي سىناق مەيدىنى ئوخشاش ھازىرمۇ داۋاملاشماقتىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى لوپنۇردا 1963-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ 1996-يىلى 29-ئىيۇلغىچە 48 يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى پارتلىتىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئاتوم سىناقلىرىدىن 250 مىڭدىن 300 مىڭغىچە ئادەم ۋاپات بولغان، 1 مىليوندىن ئوشۇق ئاھالە ھەر خىل دەرىجىدە نۇرلىنىشقا دۇچار بولغان. بەزى غەيرىي رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە، 1990-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاتوم سىناق مەيدانىغا تۇتاش رايونلاردا بېغىر ۋە ئۈچەي راكى كېسەللىرىنىڭ دەرىجىسى ئوتتۇرا ھېسابتىن 13-15 ھەسسە يۇقىرى بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.»
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى مەركىزىي ئاسىيادىكى ئېكولوگىيىلىك جەھەتتىن ئەڭ ئاجىز رايون بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. مەسىلەن، كۆچۈپ يۈرىدىغان لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدىكى يۈزلىگەن ئۇششاق كۆللەر يادرو سىناقلىرىنىڭ ئاقىۋەتلىرىدىن قۇرۇپ كەتكەن. مۇنداق مىساللارنى يەنىمۇ كۆپلەپ كەلتۈرۈشكە بولىدىكەن.
قەھرىمان غوجامبەردى يەنە خىتاي رەھبەرلىكىنىڭ ئاتوم سىناق زەردابلىرىنى مۇشۇ كۈنگىچە خەلقئارا جامائەتچىلىكتىن ۋە يەرلىك خەلقتىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھېچ قانداق چارە قوللانمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.