تۈركىيە دۆلەت رەئىسنىڭ باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچۇ ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشتى

0:00 / 0:00


خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ ياڭ تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 11-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچۇ ئەپەندى تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەلەپ ۋە پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى.

ئەنقەرەدىكى بېشتەپەگە جايلاشقان دۆلەت رەئىسىنىڭ ئوردىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، دىنى زات ئابلىكىم مەخسۇم، جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە باش كاتىپى ئابدۇلەخەت ئابدۇراخمان ئەپەندىلەر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە تەتقىقاتچى ئازاتجان بۇغرا ئەپەندى ئابدۇقادىر ياپچان ھەققىدە شۇنىڭدەك تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇلار يەنە يازما تەلەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر دوكلاتنى يالچىن توپچىغا سۇندى.

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچۇ ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن بىللە

11-ئاينىڭ 4-كۈنى تۈركىيە دۆلەت رەئىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچۇنىڭ تەشكىلات مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلىشىغا ئىشتىراك قىلغان ژۇرنالىست ئازاتجان بۇغرا ئەپەندى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقان بۇ قوبۇلنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىككى سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى خىتاي باش مىنىستىر مۇئاۋىنى تۈركىيەدە زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر كۈندە، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچۇنىڭ ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچۇ ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىنىڭ ئېيىتقانلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىزنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئاڭلىدىڭىز، نېمىلەرنى قىلىشنى ئويلاۋاتىسىز؟» دەپ سورىغان سۇئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن 14 يېشىمدىن تارتىپ بۇ دەۋا بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن. تۈركىيە چوڭ دۆلەت، تۈركىيە بۇ مەسىلىدە خەلقئارا قانۇن بويىچە ئىش قىلىدۇ. مېنىڭ ئەنقەرەدە قانچىلىك ھەققىم بولسا، ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭمۇ شۇنچىلىك ھەققى بار. مېنىڭمۇ ئۈرۈمچىدە شۇنچىلىك ھەققىم بار. تۈركىيەدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىيىنچىلىقى بار، ئوقۇشتا قىيىنچىلىقى بار، سالامەتلىك ئىشلىرىدا قىيىنچىلىقلىرى بار ۋە باشقىلار. تۈركىيە چوڭ بىر دۆلەت. بىز سۈرىيە ۋە ئىراقتىن كەلگەن 3 مىليونغا يېقىن مۇساپىرغا قانداق ئىگە چىققان بولساق، قېرىنداش مىللەتلەردىن كەلگەن مۇساپىرلارغىمۇ ئوخشاش ئىگە چىقىمىز. بۈگۈن ماڭا يەتكۈزۈلگەن قىيىنچىلىقلارنى مۇناسىۋەتلىك يەرلەرگە يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزىمەن. شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى تۈرك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ماڭا يەتكۈزدى. مەن بۇلارنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈپ ھەل قىلىشقا تىرىشىمەن».

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچۇ ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن بىللە