ياپونىيە مىنىستىرلىرىنىڭ بۇزرۇكۋارلار قەبرىستانلىقىنى تاۋاپ قىلىشى خىتاي بىلەن كورىيەنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

ياپونىيىدە چىقىدىغان «ئاساھى شىنبۇن» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 21 - كۈنى يەنى توكيودىكى ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار قەبرىستانلىقىدا ھەر يىلى باھار پەسىلدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شىنتو دىنىنىڭ ئۈچ كۈنلۈك دىنىي بايرىمىنىڭ بىرىنچى كۈنى، ياپونىيە مىنىستىرلىرىدىن مۇئاۋىن باش ۋەزىرى، ئىقتىساد مىنىستىرى ئاسو تارو، شىمالىي كورىيەگە مەجبۇرىي تۇتۇپ كېتىلگەن ياپونلار مەسىلىسىگە مەسئۇل مىنىستىر كېئىجى فۇرۇيا، خەلقئارا مۇناسىۋەت،ئالاقە مىنىستىرى يوشىتاكا شىندو ۋە ئىچكى كابىنېتنىڭ مۇئاۋىن سىكرېتارى كاتسۇنوبۇ كاتو قاتارلىقلار ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلغان.

ياپونىيە جەمئىيىتىدە، ياپونىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشى قاتتىق تالاش - تارتش بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، كاتسۇنوبۇ كاتونىڭ بۇ قېتىمقى ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشى شەخسىي زىيارەت دەپ خەۋەر قىلىنغان. بۇ قېتىمقى شىنتو دىنىنىڭ ئۈچ كۈنلۈك بايرىمىدا ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىش دىنىي پائالىيىتىگە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ قاتناشماسلىقىنىڭ سەۋەبى خىتاي بىلەن كورىيەنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن دەپ كۆرسىتىلگەن. خەۋەردە يەنە، باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ شىنتو دىنىنىڭ ئەقىدىسى بويىچە «ماساكاكى دەرىخى» گە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار قەبرىستانلىقىغا تەقدىم قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، خىتاي بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان تىنچلىقپەرۋەر ياپونلاردىن نورى خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- ئاسو تارونىڭ قەبرە زىيارىتى، شىنزو ئابېنىڭ سوۋغا تەقدىم قىلىشى، كورىيە بىلەن خىتاينىڭ ئەلۋەتتە كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغايدۇ. كېلەر ھەپتە ياپونىيىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ياپونىيە بىلەن كورىيەنىڭ دىپلوماتىك ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى كورىيە تەرەپ ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇلار نېمە ئۈچۈن ئاسىيانىڭ تىنچلىقىنى ئويلىمايدىغاندۇ؟ مەنمۇ بۇنىڭغا ھەيران بولۇۋاتىمەن.

4 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ «ياپونىيە ئەمەلدارلىرى ياپونىيە ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، قوشنا ئەللەرنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى» دېگەن خەۋىرىدە : «مۇتەئەسسىپ ياپونىيە مىنىستىرلىرى ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلدى. بۇ زىيارەت قىلىنغان قەبرىستانلىق 2 - دۇنيا ئۇرۇشى جىنايەتچىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقى بولۇپ، شىنتو دىنىدىكى ياپونلارنىڭ تاۋاپگاھىدۇر. بۇ قېتىمقى زىيارەتكە قاتناشقان مىنىستىرلار ئىچىدە 1945 - يىلىدىكى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ياپونىيە دېڭىز ئارمىيە ھەربىي گېنېرالى ئىۋو جىمانىڭ نەۋرىسى،ھازىرقى ياپونىيە خەلقئارا مۇناسىۋەت، ئالاقە مىنىستىرى يوشىتاكا شىندومۇ بار» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ياپونىيىنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى،ئىقتىساد مىنىستىرى ئاسو تارونىڭمۇ زىيارەتكە بارغانلىقىنى، زىيارەت جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەنلىكىنىمۇ تىلغا ئالغان. خەۋەردە يەنە، ياپونىيە - كورىيە، ياپونىيە - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئاراللار مەسىلىسى تېخى تولۇق ھەل قىلىنمىغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ياپونىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشى ياپونىيىنىڭ خىتاي، كورىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن.

ياپونىيىدىكى مىللەتچىلەرگە مايىل دەپ ھېسابلىنىدىغان ماينىچى شىنبۇن گېزىتىنىڭ «مۇئاۋىن باش ۋەزىر ئاسو ۋە فۇرۇيا قاتارلىق مىنىستىرلار ئۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلدى» دېگەن خەۋىرىدە مىنىستىر فۇرۇيانىڭ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «بۇ، ئۆلگەنلەرنىڭ روھىنى خوش قىلىش، ئۇلارنى ئەسلەش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان قەلب ئىزھارى تاۋابى، ئۇلار مىللەت، دۆلەت ئۈچۇن ئۆلگەن» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. خەۋەردە، كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياننىڭ، بۇ ھەپتىدە توكيودا ئېلىپ بارىدىغان دىپلوماتىك زىيارىتىنى ۋە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىنى بىكار قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاينىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان يەر شارى ۋاقىت گېزىتى، خىتاينىڭ خەلق گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ، خىتاي تەرەپ:«ياپونىيىنىڭ ياسۇكۇنى بۇزرۇكۋارلار قەبرىستانلىقى زىيارىتىنىڭ ئۆزى، ياپونىيىنىڭ ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇپ، ئاسىيا ئەللىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغاۋاتقانلىقىغا تولۇق ئىسپات بولالايدۇ» دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.