ياپونىيەدە تونۇلغان تېببىي پەنلەر دوكتورى، ناگاساكى دۆلەتلىك داۋالاش مەركىزىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل دوختۇرلىرىدىن بىرى ئىۋاناگا ئەپەندى بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان ياپونىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرى تورىدا بۈگۈن «5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ مەزكۇر ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەسلىدى.
تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوختۇر ئىۋاناگا ئەپەندى مەزكۇر باياناتى ھەققىدە توختىلىپ:«بۈگۈن 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىگە دەل 19 يىل بولدى. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك 1997 - يىلى 5 - فېۋرالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان غۇلجىدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ تىنچ يول بىلەن نامايىش قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى ۋە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان بىر كۈن. غۇلجىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نورمال پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئۆز ئەنئەنىلىرىدىكى مەشرەپ ئويۇنلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنماي، رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشىمۇ چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ھۆكۈمەتتىن ئادىللىق تەلەپ تىنچ نامايىش ئېلىپ بارغان» دەيدۇ.
ئۇ، باياناتىدا، ساقچىلار قەھرىتان سوغۇقتا نامايىشچىلارغا سوغۇق سۇ چېچىشتەك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ نەق مەيداننىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇنلىغان ياشلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، بۇ ياشلارنىڭ ئۆلۈمى تاسادىپىي ھادىسە بولماستىن، بەلكى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى بۇيرۇققا ئاساسەن ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ:«مەن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن. بۇ قانلىق ۋەقەگە ھازىر دەل ئون توققۇز يىل تولغان بولسىمۇ، تېخىچە بىرەر خەلقئارالىق تەشكىلات ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي قانۇنلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىدى. خىتاي كومپارتىيەسى بولسا ۋەقە ھەققىدە ھازىرقى ئۇيغۇر ياشلىرىغا باشقىچە تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى بۇ خىل قىرغىنچىلىقلارنى ئىزچىل ھالدا ھازىرمۇ ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ». دەيدۇ
ياپونىيەلىك دوختۇر ئىۋاناگا ئەپەندى باياناتىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: «5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش، ئەسلەش ئارقىلىق بىز بۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا، دۇنيا خەلقىگە بىلدۈرىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا ۋەقە ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. گەرچە كۈچىمىز چەكلىك بولسىمۇ، چەكسىز روھىمىز بىلەن بۇنى ياد ئېتىشىمىز كېرەك.»
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، «5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2009 - يىلى 7 - فېۋرال توكيودا تۇنجى نامايىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، شۇندىن بۇيان ھەر يىلى ياپونىيەدە مەزكۇر ۋەقەنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئىزچىل ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت ئۆز ئەسلىمىلىرى خاتىرىلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، «5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىدىكى رولى ھەققىدىمۇ ياپونلارغا چۈشەنچە بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىلھام مەھمۇت سۆھبىتىمىز جەريانىدا مەزكۇر ۋەقەنىڭ ياپونىيە جەمئىيىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا تولىمۇ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئۇزۇندىن بۇيان ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىۋاتقان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى گۈلىستان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە توختالدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00