ئالجىرىيىدىكى تۇتقۇندا ئۆلتۈرۈلگەن ياپونلارنىڭ جەسىتى ياپونىيىگە قايتۇرۇپ كېلىندى

ئۆتكەن ھەپتىدە ئالجىرىيىدىكى تېررورچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن 10 نەپەر ياپونلۇقنىڭ 9 كىشىنىڭ جەسىتى ئالجىرىيىدىن مەخسۇس ئايروپىلان توكيوغا ئېلىپ كېلىندى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2013.01.25
yaponiye-algeriye-wapat-bolghan-toqquz-305.png ئالجىرىيەدە ۋاپات بولغان ياپونىيەلىكلەر توغرىسىدىكى گېزىت خەۋىرى
RFA/Qutluq


ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بۇ قېتىمقى ۋەقەنى «ناھايىتى قورقۇنچلۇق» دەپ تەرىپلىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ۋەقەدە ۋاپات بولغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورايدىغانلىقنى بىلدۈردى. ئالجىرىيىدە ئۆلتۈرۈلگەن ياپونلۇقلارنىڭ جەسىتى بۈگۈن توكيوغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ياپونلۇقلار، ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىي بىلەن تېررورلۇقنى بىر - بىرىگە چېتىپ، كىشىلەردە ئىسلام دىنىغا بولغان خاتا ئۇقۇمنىڭ پەيدا بولۇپ قىلىشىدىن شۇنداقلا ياپونىيە جەمئىيىتىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغا كىشىلەرنىڭ باشقىچە كۆز قاراشتا بولۇپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىنى بايان قىلغان كانا خانىم مۇنداق دېدى:

- ئالجىرىيىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ۋەقەسى ناھايىتى ئېچىنىشلىق ۋەقە، مەن ناھايىتى ئازاپلاندىم. بەزى ياپونلارنىڭ ئىسلام دىنىي بىلەن بۇ قېتىمقى ۋەقەنى پەرق قىلالماي، خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىۋېلىشىدىن ئەنسىرەش بىلەن بىرگە، ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئەكس تەسىر بېرىپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن.

ئالجىرىيىنىڭ شەرقىدىكى بېنزىن شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ياپونىيە گاز شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن 17 نەپىرى ئۆتكەن ھەپتە ئالجىرىيىدىكى 37 نەپەر چەتئەللىكنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې دەرھال ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شۇنىچى سۇزۇكىنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئالجىرىيىگە ئەۋەتىپ، ئالجىرىيە تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە، ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ جەسىتىنى ياپونىيىگە قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى باش شىتابى يوكوخامادىكى ياپونىيە ج گ ك گاز شىركىتىنىڭ خادىملىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەزكۇر شىركەتنىڭ سابىق باش دىرېكتورى 66 ياشلىق تادانورى ئەپەندىمۇ ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن.

ياپونىيە تەرەپ ۋەقەنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش، ئالجىرىيە تەرەپ بىلەن ئىچكىرىلىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرىدىن مىنورۇ كىئۇچى ئەپەندىنى ئالجىرىيىدە داۋاملىق تۇرۇشقا، باشقا تۇتقۇن قىلىنغان ياپونلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە ئورۇنلاشتۇرغان.

ياپونلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئۆز پۇقرالىرىغا تۇنجى قېتىم مەخسۇس ئايروپىلان ئەۋەتىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتىنى يۆتكىشى تۇنجى قېتىم ئىكەن. شۇڭا نۇرغۇنلىغان ياپونلار يېڭىدىن باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەنگەن شىنزو ئابېنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا بولغان مەسئۇليەتچانلىق تۇيغۇسىدىن تولىمۇ رازى بولۇش بىلەن بىرگە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېگە ئۆز تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرگەن.

ئالجىرىيىدە ئۆلتۈرۈلگەن ياپونلارنىڭ جەسىتىنىڭ توكيوغا يېتىپ كېلىشى، جۈمە كۈنى يەنى ياپونىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يېغىلىپ جۈمە نامىزىنى ئوقۇيدىغان كۈنىگە توغرا كەلگەچكە، بۈگۈنكى جۈمە نامىزى قۇتبىسىدە ھەر قايسى مەسچىتلەردىكى ئىماملار، ياپونىيىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنى، بۇ ۋەقەنى ياپونلۇق دوستلارغا ناھايىتى ئىنچىكىلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشكە دەۋەت قىلغان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيىدە ياشاۋاتقان پاكىستانلىق مۇسۇلمانلاردىن دوكتور ئاۋزال ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەگە بولغان قارىشىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە بەكمۇ ئېچىنىمەن. مەيلى قايسى دىندا بولمىسۇن، ئىنسانلارنىڭ بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشى بىزنىڭ دىنىمىزغا خىلاپ، گۇناسىز ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈشنى ھېچقانداق بىر دىن قوبۇل قىلالمايدۇ.

ھازىر ياپونىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن دوكتور تۇرمۇھەممەت ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.