ياپونىيەدە كۇرىل ئاراللىرىنى رۇسىيەدىن قايتۇرۇۋېلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

0:00 / 0:00

يېقىندا ياپونىيەنىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە «شىمالدىكى تۇپراقلارنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋېتلار ئىتتىپاقى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ياپونىيەنىڭ شىمالىدىكى ئېتوروفۇ، قاتارلىق تۆت ئارالنى «بىر كۈن بولسىمۇ تېزرەك ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش» سەپەر پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان.

شىمالدىكى ئاراللارنى رۇسىيەدىن قايتۇرۇپ ئېلىش تەشۋىقات پائالىيىتى ئەزالىرى ئاساسلىقى ياپون ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا ياشلار شىمالدىكى تۆت ئارالنىڭ نېمە سەۋەبتىن رۇسىيەگە تەۋە بولۇپ قالغانلىقىنى ۋە بەزى تارىخىي مەسىلىلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە كۆپچىلىكنىڭ بىردەك بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلغان.

تەشۋىقاتچى ياشلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە ھۆكۈمەتكە كۈچلۈك بېسىم قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەت جەريانىدا يەنە ئىمزا توپلاش پائالىيىتىمۇ ئېلىپ بارغان.

ياپونىيەنىڭ ئۇچۇر ئارخىپلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1885-يىلى ياپونىيە بىلەن چار رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن دوستلۇق شەرتنامىسىدە،ياپونىيەنىڭ شىمالىدىكى ئېتوروفۇ قاتارلىق تۆت ئارالنىڭ ھەممىسى ياپونىيەنىڭ تەۋەلىكىدە دەپ شەرھلەنگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ئاراللارنى ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 1945-يىلى ئەسكىرىي كۈچ بىلەن بېسىۋېلىپ، بۇ ئاراللاردىن ياپون ئاھالىلىرىنى قوغلاپ چىقارغان. شۇنىڭدىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا بۇ تۆت ئارال ماجىراسى مەۋجۇت ۋە شۇ سەۋەبتىن، گەرچە ياپونىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا 1956-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانماي كېلىۋاتىدۇ.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدىن «سانكېن شىمبۇن گېزىتى» نىڭ 6-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، باش ۋەزىر شىنزو ئابې ئاپرېل ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن ماي ئېيىنىڭ بېشىغىچە بولغان ياپونىيەنىڭ «ئالتۇن ھەپتە» مەزگىلىدە رۇسىيەدە ھەمدە تەرەققىي قىلغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىدىكى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە،ئابې رۇسىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن ئىكەن.

ياپونىيەدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن كىنشىرو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ 4-ئايدىكى رۇسىيە زىيارىتىگە نىسبەتەن بېرىلىۋاتقان قاتتىق سىگنال دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شىنزو ئابې ئاپرېل ئېيىدىكى رۇسىيە زىيارىتىدە پۇتىن بىلەن شىمالدىكى تۆت ئارال مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ-دەپ ئويلايمەن. شۇنداقلا بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى نەتىجىلىك بولىدۇ-دەپ قارايمەن».

ئۇ، يەنە «ھازىر دەۋر ئۆزگەردى. ئەلۋەتتە پۇتىن خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلغان ھالدا، ئىلگىرى تۈزۈلگەن بەزى بىر مەخپىي كېلىشىملەرنى بىكار قىلىپ، ئاراللىرىمىزنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ-دېگەن ئۈمىدتە مەن» دېدى.

بىراق، شىمالدىكى ئاراللار مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئارىما بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ھۆكۈمەت كۇرىل ئاراللىرى مەسىلىسىدە ھازىرغىچە رۇسىيە تەرەپ بىلەن نەتىجىلىك سۆھبەت ئېلىپ بارالمىدى.بۇنىڭ ھەممىسى ياپون تەرەپنىڭ خاتالىقى-دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە، بۇ مەسىلىدە ھۆكۈمەت ئالدى بىلەن: «شىمالدىكى ئاراللارمۇ ياپون تۇپرىقىغۇ» دېگەن كۈچلۈك بىر پىكىرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئەتراپلىق سۆزلىشىشى كېرەك. مەن بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن يەنىلا ئانچە ئۈمىدۋار ئەمەس» دېدى.

ياپونىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ئالاقىدار ئۇچۇر مەنبەلىرىدە دېيىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، رۇسىيە كۇرىل ئاراللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئارالنى، ياپونىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، بىراق ياپونىيە تەرەپ ئەينى ۋاقىتتا،شىمالدىكى تۆت ئارالنىڭ ھېچقايسىسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە پەنلىرى تەتقىقاتچىسى مۇختەرجان ئابدۇراخمان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ شىمالدىكى ئاراللار مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرى توغرىسىدا توختالدى.

خىتاينىڭ «يەر شارى تورى» بېتىنىڭ 6-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە،رۇسىيە «سۈنئىي ھەمراھ» تور بېتىنىڭ 5-فېۋرالدىكى ئۇچۇرىدا، رۇسىيە دۆلەت دۇماسى خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالېكسېينىڭ دەلىللىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 5-ئاينىڭ بېشىغىچە رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدىكەن.

ياپونىيەدىن چىقىدىغان ئىنگلىز تىلىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «جاپان تايمېس گېزىتى» نىڭ 2014-يىلى 15-ئاۋغۇستتىكى سانىدا بايان قىلىنىشىچە، شۇ يىلى 13-ئاۋغۇست ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى مارىئې خارف خانىم موسكۋا-توكيو ئارىسىدىكى ئارال ماجىراسى مەسىلىسىدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ مەيدانىنى بىلدۈرۈپ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى شىمالىدىكى ئاراللارنى ياپونىيەگە تەۋە ئاراللار دەپ تونۇيدۇ» دېگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.