23-فېۋرال مەركىزى توكيودىكى ياپونىيە يورۇڭشا ئاخبارات شىركىتىنىڭ تارقىتىشىدىكى «ياپونىيە ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە قانىلىدا، يېقىندا باي ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە نەق مەيداندىن ئاڭلىتىش سۆھبەت پروگراممىسى بېرىلگەن.
مەزكۇر قانالنىڭ بۇ قېتىمقى دۈشەنبە كۈنلۈك كەچلىك پروگراممىسىدا، ياپونىيەدە تونۇلغان ئاتاقلىق ژۇرنالىست، سىياسىي ئوبزورچى ماساھىكو كاسىيا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ بىر قىسىم قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسىغا يەنە، ياپونىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، باي ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە توختالغان.
نەق مەيدان ئاڭلىتىشتىن بېرىلگەن بۇ قېتىمقى سۆھبەت پروگراممىسى داۋامىدا، كۆپلىگەن تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر باي ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا تېلېفون قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ خىل ۋەزىيىتىگە سۈكۈت قىلماسلىقىنى تەۋىسىيە قىلغان.
نۆۋەتتە، دىققىتىڭلار مەزكۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00