توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن 74-نۆۋەتلىك ياپونىيە دۆلەتلىك پەلسەپە يىغىندا ئۇيغۇر پەلسەپەسى ھەققىدە ماقالە ئوقۇلدى.
توكيودىكى جورجى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىپخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ، 17 - ماي ئاياقلاشقان مەزكۇر پەلسەپە يىغىنىغا ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى پروفېسسورلار، تەتقىقاتچىلار ۋە شۇنداقلا بۇ ساھەدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان دوكتور ئاسپىرانتلار ئىشتىراك قىلغان.
بۇ قېتىمقى توكيودا چاقىرىلغان 74-نۆۋەتلىك ياپونىيە دۆلەتلىك پلەسەپە يىغىنىدا كيۇشيۇ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئاسپىرانتورىيەسى پەلسەپە كەسپىي تەتقىقاتچىسى مۇختارجان ئابدۇراھمان گرېك پەلسەپەسى بىلەن ئۇيغۇر پەلسەپەسىنىڭ تارىخىي مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.
مۇختارجان ئابدۇراھماننىڭ مەزكۇر ماقالىسى كەڭ يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە كۆپلىگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بىز مەزكۇر يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇختارجان ئابدۇراھمان بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.