ژۇرنالىست بىلل:ياپونىيەگە ئۇرۇش پۇرسىتى بېرىش قوشنا ئەللەرنى ئەندىشىگە سالدى

0:00 / 0:00


نيۇيوركتىن چىقىدىغان «نيۇيورك خەۋەرلىرى ژۇرنىلى»نىڭ مۇشۇ ئايدىكى سانىدا ژۇرنالىست بىلل پوۋېرنىڭ «ياپونىيەگە ئۇرۇش پۇرسىتى بېرىش قوشنا ئەللەرنى ئەندىشىگە سالدى» سەرلەۋىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىدە ياپونىيەگە ئۇرۇش پۇرسىتى بېرىشنىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى شۇنداقلا بۇنىڭدىن خىتاينىڭ بىئارام بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلغان.

ژۇرنالىست بىلل ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيەنىڭ ھىروشىما بىلەن ناگاساكىغا ئارقا - ئارقىدىن ئاتوم بومبىسى تاشلىنىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرىلىشىپ ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 1946 - يىلى 2 - ئايدا ئىتتىپاقداش قوشۇن توكيونى ئىشغال قىلىپ تۇرغان مەزگىلدە، گېنېرال ئارتۇرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن رادىكال ياپونلار توققۇز ئايدىن كېيىن «تىنچلىق كېلىشىمى» نى قوبۇل قىلغان. تارىخ يازغۇچىسى جوھن دوۋېرنىڭ پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مەشھۇر ئەسىرى «مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلماق» ناملىق كىتابىدا: تىنچلىق كېلىشىم قوبۇل قىلىنغاندا بەزى مۇتەئەسسىپ ياپونىيە كابېنىت ئەزالىرى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ياش تۆككەن ئىدى» دېيىلگەن.

بىلل ماقالىسىدە :«ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن تىنچلىق كېلىشىمىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ 1960 - يىلىغا كەلگەندە ئىقتىسادىي گۈللەنگەن ياپونىيە باش ۋەزىرى نوبۇسۇكې مەزكۇر تىنچلىق كېلىشىمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋاشىنگتون بىلەن توكيو ئارىسىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ ئارزۇسى ياپون سولچىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ ئەمەلگە ئاشمىدى. يېرىم ئەسىردىن كېيىن، مانا بۈگۈن 1 - ئىيۇل ئۇنىڭ نەۋرىسى شىنزو ئابې بوۋىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىزىنى باستى» دەپ يازدى.

ماقالىدە ياپونىيەنىڭ «تىنچلىق كېلىشىمى»گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنى قىلىشنى بىكار قىلىشنى مەقسەت قىلغان كابېنىت قارار لايىھەسىنى ماقۇللىشى،ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تىنچلىق يولىدا مېڭىش ۋە مەخسۇس قوغدىنىش توغرىسىدىكى ئامانلىق ساقلاش ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە زور تارىخىي بۇرۇلۇش ياسىغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن.

شىنزو ئابې ھۆكۈمىتى يېڭى قارار لايىھەسىدە قورال ئىشلىتىشنىڭ ئۈچ شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭدا «بىرىنچى، ياپونىيە قوراللىق تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىسا. ئىككىنچى، ياپونىيە بىلەن دوست دۆلەتلەر قوراللىق ھۇجۇمغا دۇچ كەلسە. ئۈچىنچى، ياپون خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە ھوقۇق مەنپەئەتى خەۋپكە ئۇچرىغان ئەھۋاللاردا ياپونىيە قورال ئىشلەتسە بولىدۇ» دەپ بەلگىلىگەن.

مەزكۇر قارار ھەققىدە توختالغان قانۇنشۇناس ياماگاجو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:«ھازىرقى ۋاقىتتا كورىيە، خىتايدىن ئىبارەت قوشنا ئەللەرنىڭ بىزگە سېلىۋاتقان تۇرلۇك ھەربىي تەھدىتلىرىدىن مۇداپىئەلىنىشىمىز ئۈچۈن بۇ قانۇن بىزگە پايدىلىق دەپ قارايمەن» دېدى.

تىنچلىقپەۋەر ياپونلاردىن ئارىسا خانىم بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ باش ۋەزىر ئابېنىڭ ياپونىيەنى ئۇرۇش ئوتى ئىچىگە باشلاپ كىرىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىغا قارشىلىقىنى ۋە شۇنداقلا قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان زېمىن مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىقمۇ ھەل قىلغىلى بولدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، شىنزو ئابې ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى دەسلەپكى قارارى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۆز - ئارا كۈچ كۆرسىتىپ ھەربىي كۈچ سىنىشىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىۋەتكەن. بولۇپمۇ، خىتايدىن ئىبارەت ئىقتىسادى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان، ھەربىي خىراجىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇۋاتقان دۆلەتنى ئەندىشىدە قويغان.

بىلل خىتاينىڭ، ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىدىن بۇنچىۋالا چۆچۈپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىي ئۈستىدە توختىلىپ :«بېيجىڭ، توكيو بىلەن بولغان سېنكاكۇ ئارىلى ماجىراسىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان، فىلىپپىن بىلەن بولغان تاقىم ئاراللىرى جىدىلىدە كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان، ۋېيتنام بىلەن دېڭىز تەۋەلىكىدە نېفىت تالىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىدۇ» دېگەن.

ماقالىدە، سوغۇق ئۇرۇشلاردىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ھەربىي، سىياسىي، جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن «ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆلى» دەپ قارىلىۋاتقان تىنچ ئوكياندا ۋاشىنگتوننىڭ ئىزچىل رولىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي دۆلىتى پرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرق توقۇنۇشلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئاسىيانى مەركەز قىلغان ھالدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىدىن تېخىمۇ پەرىشان بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىللنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئامېرىكا ھەربىي خىراجەتنى كېمەيتىۋەتكەن، ئوبامانىڭ ھەربىي كۈچلەرگە ئىلھام بەرگۈدەك مادارى يوق بىر پەيتتە، بېيجىڭ توختىماستىن ھەربىي كۈچ بىلەن سېنكاكۇ ئارىلىسى مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا بېسىم قىلغان. شۇ سەۋەبتىن ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان ئوباما 24 - ئاپرېل توكيودا شىنزو ئابې بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە ياپونىيەنىڭ «تىنچلىق كېلىشىمى»گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىنى ئاقساراينىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ژۇرنالنىڭ بۇ توغرىدىكى ماقالىسىنىڭ تېكىستى
مەزكۇر ژۇرنالنىڭ بۇ توغرىدىكى ماقالىسىنىڭ تېكىستى


ئۇنىڭ تەھلىلىچە، ئامېرىكىنىڭ، ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىنى قوللىشىدىكى سەۋەب «ئەگەر ياپونىيە ئۇرۇش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولسا، توكيو ئەلۋەتتە سېنكاكۇ ئارىلىنى ئۆزى قوغدىيالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا سېنكاكۇ ئارىلى ماجىراسى سەۋەبىدىن بېيجىڭ بىلەن بولۇۋاتقان جىدەل - ماجىراسىدىن قۇتۇلىدۇ» دېگەن.

ئابې ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى ئۇرۇش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش توغرىسىدىكى ياپونىيە كابېنىتىنىڭ قارار لايىھەسى ئېلان قىلىنىش بىلەن، مەزكۇر لايىھە دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم سولچىلار ۋە شۇنداقلا قوشنا ئەللەردىن كورىيە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، خىتاي ئاخباراتلىرى ئوخشىمىغان تۈردە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ماقالىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي خەلق تور بېتىدە «ئابىينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە يول قويغانلىق يولۋاسنى تاغقا قويۇۋەتكەنلىك، ئاسىيادىكى بىردىن - بىر خەتەرلىك كىشى ئابېينى يۆلەشتە ئامېرىكا يۈزىدە كۈلكە بولسىمۇ، كۆڭلىدە بىئارام بولۇۋاتىدۇ» دېگەندەك ئوبزورلارنى ئېلان قىلىپ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش دەسلەپكى قارار لايىھەسىگە غەرب ئەللىرىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. ئەكسىچە ئاۋسترالىيە، ۋېيتنام، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پىلانى بويىچە، ياپونىيە بىلەن ئۆز - ئارا ھەربىي ھەمكارلىقلاردا كېلىشكەنلىكى ماقالىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.