ياپونىيە تېلېۋىزىيەسى «تيەنئەنمېندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقە ۋە ئۇيغۇر ئەدىپى» دېگەن تىمىدا خەۋەر بەردى

0:00 / 0:00


دۇنيا سودا - سانائەت ئۇچۇرلىرىنى 24 سائەت سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارقىتىشنى ئاساس قىلغان مەركىزى توكيودىكى ياپونىيە ج ن ن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 26 - فېۋرال كەچلىك خەۋەرلەر پروگراممىسىدا «تيەنئەنمېندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقە ۋە ئۇيغۇر ئەدىپى» دېگەن تىمىدا ئىلھام توختى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر تارقىتىلدى.

ياپونىيە ج ن ن تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختىنىڭ 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تۇتۇپ كېتىلىپ 40 نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە يازما ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ ئىلھام توختىنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن 20 - فېۋرال رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە توختالدى.

ئۆكتىچى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىدىن مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ كەچلىك خەۋىرى ئارقىلىق تولۇق خەۋەردار بولغان ياپونىيەلىك قانۇنشۇناس ياماگاجو ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا قوللىنىۋاتقان «مىللىي بۆلگۈنچى» دېگەن سىياسىي قالپاق ۋە ئىلھام توختى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

ج ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە ئىلھام توختى قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بەزىبىر سۆھبەتلەر ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇربىز تور بېتىدە ئېلان قىلغان ماقالىلىرى كۆرسىتىلدى.

- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇستەملىكە قىلىنغان بىر تۇپراق. بۇ تۇپراقنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن رەھبەرلەر ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتتى. ئەمدىلىكتە بۇ يەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە يەرلىك خەلقنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى داۋا قىلىش يولىدا مۇشۇنداق بىر زىيالىينىڭ مەيدانغا چىقىشى مۇقەررەر بىر ئىش. بۇ ھەرگىز بۆلگۈنچىلىك ئەمەس، بەلكى مەن بۇنى قەھرىمانلىق دەپ قارايمەن.

مەزكۇر خەۋەردە ئۆتكەن يىلى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بېيجىڭ تيەنئەنمېندا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا جەمئىيەتكە «ئالدىن پىلانلانغان تېررورلۇق ھەرىكەت» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان سىياسىي بېسىملارنى كۈچەيتكەنلىكى توغرىسىدىمۇ توختالدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى تيەنئەنمېندا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ماددىلار بويىچە ئىزچىل تەلەپ قىلىۋاتقان بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىدىن گۇمانلانغان.