توكيودا «جۇمھۇرىيەت كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى

0:00 / 0:00


11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى توكيودىكى گوتاندا مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار تارىخىدا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

يىغىنغا توكيودىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ پروفېسسورلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە بىر قىسىم كىشىلەر قاتناشتى. يىغىن كەچ سائەت ئالتە يېرىمدىن كەچ سائەت توققۇزغا قەدەر داۋاملاشتى.

توكيودا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مارشى» نى ئورۇنلاشتىن باشلاندى. دۆلەت مارشى ئورۇنلىنىپ بولغاندىن كېيىن قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ شېھىتلار روھىغا دۇئا قىلىندى.

سېئىجى، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ئەگەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلمىغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلسا، بۇنىڭ پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى، خىتاي تىنچلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يىپەك يولىدىكى ئۇيغۇرلارغا تىنچلىق ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

يىغىندا ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سېئىجى ئۇيغۇرلار تارىخىدا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلار قۇرغان ھەر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تۈرلۈك سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاغدۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

پروفېسسور سېئىجى نىشىخارا سۆزىدە، ئۇيغۇرلار 1949 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1955 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرى بېرىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىدە، 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى تىلغا ئېلىپ، ۋەقەدە تىنچ يول بىلەن نامايىش قىلغان ياشلارنىڭ قوراللىق باستۇرۇلغانلىقىنى ۋە ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى خىتاي ئاخباراتلىرىدىن ئېلىنغان سۈرەتلەر بىلەن مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.