ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشى خىتاي بىلەن كورىيەنى غەزەپلەندۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2013.03.29
yaponiye-sankaku-arili-jughrapiye-305.png جۇغراپىيە دەرسلىك كىتابىنىڭ سەنكاكۇ ۋە تاكەشىماغا ئائىت قىسىملىرى
RFA/Qutluq

ياپونىيىدە چىقىدىغان «ئاساھى شىنبۇن گېزىتى»نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 28 - كۈنىدىكى سانىدا بىلدۈرۈشىچە، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، 2014 - يىلىدىن باشلاپ ياپونىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىنىڭ جۇغراپىيە، سىياسەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىق ئوقۇتۇش كىتابلىرىغا خىتاي بىلەن تالاش - تارتىشتا بولۇۋاتقان سېنكاكۇ ئارىلى، كورىيە - ياپون ئارىسىدىكى تاكېشىما ئارىلى قاتارلىق ئاراللارنىڭ ياپونىيە زېمىنىغا تەۋە ئاراللار ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تارىخىي چۈشەنچىلەر ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلگەن ئوقۇتۇش كىتابلىرىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپتا ئوقۇتۇش دەرسلىكىگە كىرگۇزۈلىدىغانلىقىنى، 2014 - يىلىدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدا قوللىنىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما، بۇ يىل 4 - ئايدا يېڭىدىن باشلىنىدىغان ئوقۇش مەۋسۈمىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جۇغراپىيە دەرسلىكىدە يېڭىدىن تۈزۈلگەن سېنكاكۇ، تاكېشىما ئاراللىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلار قوشۇلغان يېڭى جۇغراپىيە كىتابى قوللىنىلىدىغانلىقىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ئىلگىرى ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى ياپونىيە تەرەپنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان زېمىن ماجىرالىرى، تارىخىي مەسىلىلەر، بولۇپمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە خىتاي بىلەن بولغان ئۇرۇشلار، كورىيەنى ئۇزۇن مۇدەت ياپونىيەنىڭ ئىشغال قىلىۋالغانلىقىدەك تارىخىي ماجىرالار دەرسلىك كىتابلىرىغا كىرگۈزۈلمىگەن. ياپونىيە مائارىپىدا ئاساسلىقى دۇنيا تىنچلىقىنى ھىمايە قىلىدىغان مەزمۇنلار، قانۇن، تەبئىي پەن بىلىملىرى توغرىسىدىكى ساۋاقلارغا كۆپرەك ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، تارىخ دەرسلىرىدە ئاساسلىقى ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش دەۋرىدىن باشقا ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىلا ئۇچۇرلار بېرىلگەن.

ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىگە سېنكاكۇ، تاكېشىما ئاراللىرىنى ياپونىيەگە تەۋە ئاراللار دېگەن مەزمۇندا تۈزۈلگەن يېڭى دەرسلىك كىتابلىرىنى 2014 - يىلىدىن باشلاپ رەسمىي مائارىپتا قوللىنىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېي دەرھال ئىپادە بىلدۈرۈپ: «خىتاي تەرەپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخقا ۋە ئەمەلىيەتكە توغرا قاراپ، خاتالىقلارنى تۈزىتىپ، توغرا قەدەم بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن. كورىيە تەرەپ دەرھال سېئولدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىنىڭ مەسئۇللىرىنى چاقىرىتىپ ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ كۈنى كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كورىيە تەرەپنىڭ ئېتىرازىنى بىلدۈرۈپ :«كورىيە تەرەپ ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. ياپونىيە تەرەپنىڭ تارىخقا توغرا قارىشىنى ۋە دەرسلىك كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن كورىيە تەۋەلىكىدىكى تاكېشىما ئارىلى توغرىسىدا بېرىلگەن خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىنى سورايمىز» دېگەن.

ياپونىيىلىك تارىخ تەتقىقاتچىسى ياماگۇچى ئۆزىنىڭ يېڭى دەرسلىك كىتابلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

- دەرسلىك كىتابلارغا سېنكاكۇ ۋە تاكېشىما ئاراللىرىنىڭ تارىخىنى كىرگۈزۈش ۋە بۇ ئاراللارنىڭ ياپونىيىگە تۇپراقلىرىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ياشلارغا بىلدۈرۈش، تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان مائارىپ دەرسلىكى دەپ قارايمەن. خىتايلار تاڭ سۇلاسىدىن باشلاپ ھازىرغىچە قوشنا ئەللەرگە ھۇجۇم قىلىش، بېسىۋېلىش ئىستراتېگىيىسىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ ئەزەلدىن ياپونىيىگە ھۇجۇم قىلىپ ياپونىيىدىن تارىخىي ئۆچمەنلىكىنى ئېلىش ئويى بار. شۇڭا ياپونىيە مائارىپى ئەلۋەتتە ۋەتەنپەرۋەرلىكنىمۇ ياشلارغا ئۈگىتىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.

ياپونىيەدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭىدىن تۈزگەن دەرسلىك كىتابلىرىغا ياپونىيىنىڭ خىتاي، كورىيە بىلەن بولغان ئارال ماجىرالىرىنى كىرگۈزۈپ ياپونىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۋېتىشتىن ئەنسىرمەكتە. ياپونىيەدىكى بىر قىسىم تىنچلىقپەرۋەر تەرەپدارلارنىڭ تور بېتىدىكى مۇنازىرىلىرىدە دېيىلىشىچە: «ھۆكۈمەت مائارىپتىكى دەرسلىك كىتابلىرىغا قول تىقماسلىقى، دەرسلىكلەرگە سىياسىي خاھىشلار ئارىلاشماسلىقى كېرەك، ياپونىيەنىڭ خىتاي، كورىيە بىلەن بولغان زېمىن ماجىرالىرىنى دەرسلىك كىتابلىرىغا كىرگۈزۈشى ياپون باللىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش شۇنداقلا ياپونىيە مائارىپىغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق بىر قىسىم ئۇرۇشخۇمار ياپونلار كەلگۈسى ئەۋلادلارنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىشنى مەقسەت قىلماقتا» دەپ قارىسا، بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر ياپونلار ئۆزلىرىنىڭ تور بەتلىرىدە خىتاي بىلەن كورىيىنىڭ ئاللىقاچان، دەرسلىك كىتابلىرىغا ياپون دۆلىتىنى، ياپون مىللىتىنى ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي دۈشمىنى دەپ تەسۋىرلەپ، ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدىكى رىياللىقلارنى بۇرمىلاپ، ياپونلارغا قارا چاپلاۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ خىتايلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا ئاتالمىش «نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى» دا ياپونلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تارىخنى بۇرمىلاپ، ياپونلارنى خىتاي خەلقىگە دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر پاكىتى ئىكەنلىكى يېزىلغان. شۇڭا، ياپونلارنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەكلىكى شۇنداقلا ئاراللار ھەققىدىكى تارىخنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا چۈشەندۈرۈشى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ تۇپراقلارنىڭ ۋارىسلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. ھەتتا بىر قىسىم ياپون مىللەتچىلىرىنىڭ تور بېتىدە خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى ياپون خەلقىگە ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ياپونلارغا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ تۇپراقلىرىنى قانداق ئىشغال قىلىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي ساۋاقلارنىمۇ بىلدۈرۈش، دەرسلىك كىتابلارغا كىرگۈزۈش كېرەك دەپ قارىماقتا. يەنە بىر قىسىم ياپونلار ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى مىللەتچىلەر كېلەر قېتىملىق سايلامدا غەلىبىگە ئېرىشەلمىسە، دەرسلىك كىتابلارنىڭ يەنە قايتىدىن ئەسلىگە كېلىش ئېھتىمالىقىنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى 2010 - يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جەمئىيەتشۇناشلىق دەرسلىكىگە كىرگۈزگەن. ئۇندىن باشقا ياپونىيەنىڭ تارىخ دەرسلىك كىتابلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەلۇماتلار قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.